پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش جەريانىدا قۇرئان كەرىمدىن ياخشى پال ئېلىش توغرىسىدا

303301

تارقاتقان ۋاقىت : 27-07-2021

كۆرگۈچىلەر : 1725

سۇئال

قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئارىسىدا بولۇپمۇ ئاللاھ تائالانى پاكلايدىغان، مەدھىيىلەيدىغان ۋە كاتتىلايدىغان ئايەت، دۇئالارنى تىلاۋەت قىلىش جەريانىدا، گەرچە ئايەتنىڭ لەپزى ئاللاھنى پاكلاش-تەسبىھ مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسىمۇ ئۇنىڭدىن تەسبىھ ۋە دۇئا ئىستىنبات قىلساق توغرا بولامدۇ؟ مەسىلەن: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.» بۇ ئايەتتىن تەسبىھكە ئوخشاش قۇرئان تىلاۋەت قىلىش جەريانىدا ياكى نامازدا دۇئا قىلىشتىن ئىبارەت ئىشلارنى ئىستىنبات قىلساق توغرا بولامدۇ؟، ئايەتنىڭ مەناسى بويىچە ھەر قانداق ئايەتتىن دۇئا ئىستىنبات قىلسا بۇ دىندا بىدئەت پەيدا قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەقەرە سۈرىسىنى باشلىدى، يۈز ئايەت ئوقۇنغاندا رۇكۇ قىلامدىكىن دېسەم، داۋاملاشتۇردى ھەتتا ئىككى يۈز ئايەت ئوقۇدى، رۇكۇ قىلامدىكىن دېسەم، بەقەرە سۈرىسىنى تولۇق ئوقۇپ بولدى، رۇكۇ قىلامدىكىن دېسەم، نىسا سۈرىسىنى باشلاپ ئوقۇدى، ئاندىن رۇكۇ قىلدى، رۇكۇدىمۇ قىيامدا تۇرغانغا ئوخشاش تۇردى، رۇكۇدا: سۇبھانە رەببىيەلئەزىم دېدى، ئاندىن سەجدە قىلدى، سەجدىدىمۇ رۇكۇدا تۇرغاندەك تۇردى، سەجدىدە: سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامدا تىلاۋەت جەريانىدا رەھمەت ئايىتى ئوقۇغاندا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيتتى، ئازاب ئايىتىنى ئوقۇغاندا ئاللاھدىن پاناھلىق تىلەيتتى، ئاللاھنى پاكلايدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا تەسبىھ ئېيتاتتى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى "ئەلمۇسنەد" ناملىق ئەسەر 23261-ھەدىس. ئىبنى خۇزەيمە رىۋايىتى "ئەسسەھىھ" 586-ھەدىس].

    مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان تىلاۋەت قىلىش جەريانىدىكى ئايەتلەردىن ياخشى پال ئېلىشتىكى سۈننىتى، بۇ بولسىمۇ ئايەتنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلىنىشنىڭ بىر يولىدۇر.

    سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا تەپەككۇر قىلىش ۋە چۈشىنىش سۈننەتتۇر، بۇ بولسىمۇ كاتتا مەقسەت ۋە مۇھىم تەلەپتۇر، ئۇنىڭ بىلەن دىللار ئېچىلىپ قەلىبلەر نۇرلىنىدۇ.

    بۇنىڭ سۈپىتى: تىلاۋەت قىلغۇچىنىڭ قەلبى ئوقۇلغان ئايەتنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئايەتنىڭ مەنىسىنى بىلىدۇ، بۇيرۇق-چەكلىمىلەر توغرىسىدا ئويلىنىدۇ، ئۇنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلىدۇ، ئىلگىرى ئۆزىدىن سادىر بولغان كەمچىلىك بولسا، ئۈزۈر ئېيتىپ ئىستىغپار تەلەپ قىلىدۇ، رەھمەت ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا خۇرسەن بولۇپ رەھمەت تىلەيدۇ، ئازاب ئايىتنى ئوقۇغاندا بىئارام بولۇپ پاناھ تىلەيدۇ، ئاللاھنى پاكلايدۇ، كاتتىلايدۇ، تۆۋەنچىلىك بىلەن دۇئا-تەلەپ قىلىدۇ". ["ئەلئىتقان" 1-توم 369-بەت].

     ئايەتتىن ئومۇمى شەكىلدە تەسىرلىنىش توغرا بولىدۇ، خۇددى ئىنسان ئايەتلەردىن بىر ئايەتنىڭ مەنىسى ھېس قىلىپ: سۇبھانەللاھ-ئاللاھ پاكتۇر دېگەنگە ئوخشاش ئايەتنىڭ يۆلىنىشىگە مۇۋاپىق شەكىلدە تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن بۇ تەكەللۇپسىز بولىشى كېرەك، بىز مۇتلەق تەكەللۇپ قىلىشتىن چەكلەندۇق، دۇئا ياكى تەسبىھ بىلەن ئاغزاكى تەكەللۇپمۇ شۇنداق،  چۈنكى باشقىلارنىڭ تىلاۋىتىنى تىڭشاۋاتقان كىشىنىڭ بۇنىڭ بىلەن جىم تۇرۇپ تىڭشىشى ئاجىزلايدۇ، ئەگەر ئۆزى ئوقۇۋاتقان بولسا، بۇنىڭ بىلەن قىرائەتنىڭ قۇرۇلمىسى بۇزىلىدۇ.

   نامازنىڭ ئىچىدە بولسا: بۇ توغرىدا شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ياخشىسى جىم تۇرۇش، بولۇپمۇ ئىمام شام، خۇپتەن، بامدات ۋە جۈمە نامازلىرىغا تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا گەرچە تەسبىھ، تەھلىل ئايەتلىرىنى ئوقۇسىمۇ تەسبىھ ئېيتماستىن جىم تۇرۇپ تىڭشاش ياخشىدۇر".

    نامازدا تىلاۋەت قىلىنغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا، دۇرۇت-سالام يوللىمايمىز، چۈنكى ئاللاھ تائالا: «قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنغاندا جىم تۇرۇپ تىڭشاڭلار» دېگەن، جىم تۇرۇپ ئاڭلاش ئەۋزەلدۇر، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، تەسبىھ ئېيتسا ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىسا، گۇناھ بولمايدۇ لېكىن بۇنى تەرك قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىرائەتتە ئاۋازلىق قىلغاندا، رەھمەت ئايەتلىرى، ئازاب ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا توختىماي داۋاملاشتۇراتتى، سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولغىنى: سىز ياكى ئىمام پەرىز نامازلاردا يۇقىرىقى سۈپەتتىكى ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا پەقەت جىم تۇرۇپ تىڭشاش كېرەك بولىدۇ، ئەمما نەپلە نامازلارنى ئوقۇغاندا، بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بار، سىز رەھمەت ئايىتىنى ئوقۇغاندا توختاپ رەھمەت تەلەپ قىلىڭ، ئازاب ئايىتىنى ئوقۇغاندا توختاپ ئازابتىن پاناھلىق تىلەڭ، ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بايان قىلىنغاندا تەسبىھ ئېيتىڭ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا دۇرۇت-سالام يوللاڭ، شۇنىڭدەك رامزاندا ئىمامغا ئەگىشىپ تەراۋىھ ياكى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇغاندىمۇ، ئىمام توختىغاندا تەسبىھ، دۇرۇتلارنى ئېيتىڭ، ئىمام قىرائەتنى داۋاملاشتۇرغاندا جىم تۇرۇپ تىڭشاڭ، چۈنكى سىز جىم تۇرۇپ تىڭشاشقا بۇيرۇلغان". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 12-توم 351-بەت].

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 85481 - 96028 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىش ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، رەھمەت ئايىتىگە كەلگەندە رەھمەت تەلەپ قىلىش، ئازاب ئايىتىگە كەلگەندە پاناھلىق تەلەپ قىلىش، ئاللاھنى پاكلايدىغان ئايەتلەرگە كەلگەندە تەسبىھ ئېيتىش قاتارلىق ئىشلار شۈبھىسىزكى نامازنىڭ سىرتىدا يولغا قويۇلغان.

   ئەمما نامازنىڭ ئىچىدە بولسا: ئومۇمى جەھەتتىن يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئالىملار: بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان بويىچە نەپلە نامازدا يولغا قويۇلغانمۇ ياكى بۇنىڭغا قاراپ پەرىزدىمۇ يولغا قويۇلغانمۇ دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى، ئىلگىرى بىز بۇ ھەقتە بايان قىلغىنىمىز بولسا: شەيخ ئىبنى باز ۋە باشقا ئالىملارنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يولدىن ئارتۇق يول تۇتۇش يەنى ھەر بىر ئايەتتىن دۇئا ئىستىنبات قىلىش بولسا، يولغا قويۇلمىغان بىر ئىش بولۇپمۇ نامازدا شۇنداق، ئۇنىڭدا ئارتۇق تەكەللۇپ، تىلاۋەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش، جىم تۇرۇپ تىڭشىماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى