جۈمە 17 شەبان 1441 - 10 ئاپرىل 2020
Uygur

ئېتىقادى قانداق بولىشىدىن قەتتى نەزەر ھەر قانداق كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتى قوبۇل بولىدۇ دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرگە رەددىيە بېرىش توغرسىدا

سۇئال

ئېتىقادقا قارالماستىن ھەر قانداق ئىبادەت قوبۇل قىلىنىدۇ دېگەن قاراش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ سۆزنىڭ كۆرۈنىشى ئىبادەت مۆمىنلەردىن قوبۇل قېلىنغاندەك كاپىرلاردىنمۇ قوبۇل قېلىنىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ كەسكىن خاتا قاراشتۇر، ھەقىقەتەن كاپىرنىڭ قىلغان ئىبادىتى توغرا بولمايدۇ ۋە قوبۇلمۇ بولمايدۇ، ئاخىرەتتە ساۋاپمۇ بېرىلمەيدۇ، لېكىن كاپىر قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيادا كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا كاپىرغا دۇنيادا دۇنيا نېمەتلىرى بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   وَقَدِمْنَا إِلَى مَا عَمِلُوا مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَاهُ هَبَاءً مَنْثُورًا  تەرجىمىسى: «بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز).» [سۈرە پۇرقان 23-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ أَعْمَالُهُمْ كَرَمَادٍ اشْتَدَّتْ بِهِ الرِّيحُ فِي يَوْمٍ عَاصِفٍ لَا يَقْدِرُونَ مِمَّا كَسَبُوا عَلَى شَيْءٍ ذَلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ   تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشىمايدۇ، كاپىرلار (بۇ دۇنيادا) قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ شاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چۇڭقۇر ئېزىشتۇر (يەنى چوڭ زىياندۇر).» [سۈرە ئىبراھىم 18-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَعْمَالُهُمْ كَسَرَابٍ بِقِيعَةٍ يَحْسَبُهُ الظَّمْآنُ مَاءً حَتَّى إِذَا جَاءَهُ لَمْ يَجِدْهُ شَيْئًا وَوَجَدَ اللَّهَ عِنْدَهُ فَوَفَّاهُ حِسَابَهُ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ   تەرجىمىسى: «كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرمەيدۇ)، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.» [سۈرە نۇر 39-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ  تەرجىمىسى: «ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھيى قىلىندى.» [سۈرە زۇمەر 65-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُوْلَئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالآخِرَةِ وَأُوْلَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ   تەرجىمىسى: «سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 217-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   َمَن يَكْفُرْ بِالإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ   تەرجىمىسى: «كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن(ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن) ئۇنىڭ ئەمەلى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.» [سۈرە مائىدە 5-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْ أَحَدِهِمْ مِلءُ الْأَرْضِ ذَهَباً وَلَوِ افْتَدَى بِهِ أُولَئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ   تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ (تەۋبە قىلماستىن) كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ.» [سۈرە ئال-ئىمران 91-ئايەت]. بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.

   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئىبنى جەدئان دېگەن جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلىدىغان، پىقىر-مىسكىنلەرگە يېمەك بېرىدىغان كىشى ئىدى، ئۇنىڭ جاھىلىيەتتە قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ پايدىسى بولامدۇ؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا ھېچ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھاياتىدا بىرەر قېتممۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! ھېساب كۈنىدە مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن دېمىگەن» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 214-ھەدىس].

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇمىننىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن ھېچ بىرىنى كېمەيتمەيدۇ، ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئاخىرەتتە چەكسىز نېمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئەمما كاپىرنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادىلا نېمەت ئاتا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغان ھېچ بىر ياخشىلىقى بولمايدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2808-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ  مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 17-توم150-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار: ئەگەر كاپىر ئۆزىنىڭ كۇپۇرلۇق ھالىتىدە ئۆلدىكەن، ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللىرىنىڭ ھېچ بىرىگە ساۋاپ ۋە مۇكاپاتمۇ بېرىلمەيدۇ" دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلدى.

    بۇ ھەدىس شۇنىڭ ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇكى، كاپىرنىڭ دۇنيادا قىلغان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئۇنىڭ توغرا بولىشى نىيەتكە ئېھتىياجلىق بولمايدىغان، ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، پىقىر-مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىش، قۇل ئازاد قىلىش، مېھمانلارنى ياخشى كۈتىۋېلىش ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ئەمەللىرىنىڭ بەدىلىگە دۇنيادا ئۇنىڭغا نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ.

    ئەمما مۇمىننىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ئاخىرەتكە ساقلىنىدۇ، دۇنيادا نېمەت ئاتا قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاخىرەتتىمۇ چەكسىز ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى چەكلەپ قويىدىغان ھېچ بىر چەكلىمە يوق، بۇ توغرىدا شەرئى دەلىللەر بايان قىلىنغان ئىكەن، بۇنىڭغا چېن دىلىمىزدىن ئىشىنىشىمىز كېرەك بولىدۇ.

   ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا، ئەگەر كاپىر ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگىمۇ ئاخىرەت كۈنىدە مۇكاپات بېرىلىدۇ دېيىلگەن.

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ تەپسىرى 6-توم 103-بەتتە پۇرقان سۈرىسى 23-ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قېلىۋىتىمىز" دېگەن بۇ ئىش ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە بەندىلەرنىڭ قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىدىن ھېساب ئالغاندا بولىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدۇ دېگەن خاتا گۇمان بىلەن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھېچ نەرسىگە يارىمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى، چۈنكى كاپىر ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىش ياكى سەمىمىلىك بىلەن خالىس قىلىش دېگەن شەرتنى يوقۇتۇپ قويغان.

    ھەر قانداق ئەمەل ئىخلاس ۋە شەرىئەت پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولمايدىكەن، ئۇ قانداق ئەمەل بولىشىدىن قەتئى نەزەر قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە توغرا بولمايدۇ.

    كاپىرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىدە بۇ ئىككى شەرتنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسى بولمايدۇ، بۇنداق ئەمەل قوبۇل قىلىنىشتىن يىراقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا «ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قېلىۋىتىمىز»دەيدۇ".

    ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپىرلارنىڭ بەزىسى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا مەرھەمەت قىلىدۇ، مېھمانلارنى ياخشى كۈتىۋالىدۇ، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قېلىدۇ، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ھەمدەم بولىدۇ، مۇشۇ ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولغان، خالىس بولغان توغرا شەكىلدە ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلىشىش ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە كاپىرنىڭ قىلغان بۇ ئەمەللىرىگە ساۋاپ بەرمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى توغىرسىدا: «ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قېلىۋىتىمىز» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان باتىل-خاتا ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ»، «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى پال-پۇل شولىغا ئوخشايدۇ» ۋە «توزىغان قۇمغا ئوخشايدۇ» دېگەن مەزمۇندا نۇرغۇن ئايەتلەر بايان قىلىنغان.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا مەرھەمەت قىلىش، مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈش، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قېلىش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ھەمدەم بولۇش قاتارلىق مۇشۇ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىدۇ، مۇشۇنداق ياخشى ئەمەللەرنى كاپىرلار قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇنىڭ مۇكاپىتىنى مۇشۇ دۇنيادا بېرىدۇ، ئۇلارغا دۇنيادا مال-دۇنيا، يېمەك-ئېچمەك، تەن ساقلىق قاتارلىق نېمەتلەر ئاتا قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھېچ ئەجىر- ساۋاپ بولمايدۇ»دېيىلگەن.

    ئىمام مۇسلىم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ مەنانى ئىسپاتلايدۇ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كاپىرغا دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ بەدىلىگە دۇنيادا نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇنىڭ مۇكاپاتلاشقا لايىق بىر نەرسىسى بولمايدۇ، مۇسۇلمانغا بولسا ئاللاھ تائالا قىلغان ئەمىلى ئۈچۈن دۇنيادا نېمەت ئاتا قىلىدۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ ساۋاپ بېرىشكە ساقلاپ قويىدۇ». 

    قۇرئان كەرىمدە كاپىرنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنىڭ دۇنيادا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر:   مَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الْآخِرَةِ نَزِدْ لَهُ فِي حَرْثِهِ وَمَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِن نَّصِيبٍ   تەرجىمىسى: «كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق.» [سۈرە شۇرا 20-ئايەت]. [ئەزبۇل مۇنىر 5-توم 570-بەتكە قارالسۇن].

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 13350- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: بەزى ۋاقىتتا كاپىرنىڭ دۇئاسىمۇ ئىجابەت قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قاتتىق قېيىنچىلىقتا قالغاندا ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا شۇنداق بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ   تەرجىمىسى: «ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان - ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا - قازادىن قۇتۇلدۇرغان اﷲ نى ئۇنتۇپ)، ناگاھان (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ.» [سۈرە ئەنكەبۇت 65-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ ، قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُمْ مِنْهَا وَمِنْ كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنْتُمْ تُشْرِكُونَ   تەرجىمىسى:«(ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايى - ئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھقا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئېيتقىنكى، «(يالغۇز) ئاللاھ سىلەرنى ئۇلاردىن ۋە بارلىق غەمدىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر (بۇنى) تونۇغۇنۇڭلاردىن كېيىن، ئىمان ئېيتماي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر.» [سۈرە ئەنئام 63-64-ئايەتلەر].

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كاپىر بولسىمۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا توساق بولمايدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 12549-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 767-ھەدىسدە كەلتۈرگەن].

    ئېتىقاد دېگەن مۇشۇنداق ئازغۇنلۇقلارنى تارقاتقۇچى بەزى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك  ئەقلى ياكى ئىجتىمائى بىر ھالەتكە ئالاقىدار بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئېتىقاد دېگەن كەسكىن بىر ئىش بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىجتىمائى ھالىتى ياكى بەدەنى ياكى ياشاۋاتقان مۇھىتى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇنىڭغا دىل بىلەن باغلىنىش كېرەك بولىدۇ.

    ھەقىقەتەن ئەمەل بەزىدە بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئۇ ئەمەلنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن بولماسلىقى، رىيا بىلەن قىلىنىشى سەۋەبىدىن ئۆز ساھىبىغا قايتۇرىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى قانداقمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ!؟. ئاللاھ تائالا بىزنى ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ساقلىسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش