پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېھتىلام بولۇپ ئويغۇنۇپ كەتتى، داۋامىنى قولى بىلەن ئىستىمنا قىلسا، بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

    بامدات نامىزىدىن كېيىن ئۇخلىدىم، ئاندىن ئويغانسام ئېھتىلام بولۇپتىمەن، لېكىن بىر نەچچە تامچىدىن باشقا مەنى چىقماپتۇ، ئىككى تاش بۆرىكىم ئاغرىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئېھتىلامنى قولۇم بىلەن تاماملىدىم، بۇنىڭ بىلەن روزام بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    رامزاندا ۋە رامزاننىڭ غەيرىدە ئىستىمنا قىلىش ھارام بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ.

    "كەششاپۇلقىنا" 2-توم 318-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قولى بىلەن مەنى چىقىرىش ياكى مەزى چىقىرىشتۇر، چۈنكى سۆيۈش بىلەن بىرگە مەنى چىقسا روزا بۇزۇلىدىغان تۇرسا، قولى بىلەن مەنى چىقارسا ئەلۋەتتە بۇزۇلىدۇ، مەنى چىقمىسا روزىسى بۇزۇلمىسىمۇ ھارام ئىشنى قىلغان بولدى".

    كۈچلۈك قاراشتا: مەزى چىقىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇنىڭ جاۋابى ئىلگىرى 49752- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   سوئال سورىغۇچىغا: سىزنىڭ قولىڭىز بىلەن مەنى چىقارغىنىڭىز ھارام ئىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن روزىڭىز بۇزۇلىدۇ، سىز ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەن شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى