جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پاتىھە سۈرىسىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى توغرىسىدا

سۇئال

   پاتىھە سۈرىسى قاچان نازىل بولغان؟ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا نامازنى پەرز قىلغاندىن كېيىنمۇ ياكى بۇرۇنمۇ؟ پەقەت شۇنى بىلىشنى خالايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   كۆپچىلىك ئالىملار پاتىھە سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭغا تۆۋەندىكى دەلىللەرنى كەلتۈردى:

1-بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ  تەرجىمىسى: «نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى يەنى سۈرە فاتىھەنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق.» [سۈرە ھىجىر 87-ئايەت].

   بۇ ھىجىر سۈرىسىدىكى ئايەت بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىغا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى پاتىھە سۈرىسى دەپ چۈشەندۈرگەن، بۇنىڭدىن پاتىھە سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ.

2-نامازنىڭ پەرز بولىشى مەككىدە بولغان، پاتىھە سۈرىسى ئوقۇلمىغان ناماز توغرا بولمايدۇ.

    گەرچە بەزى ئۆلىمالار: قۇرئاندىن تۇنجى قېتىم پاتىھە سۈرىسى نازىل بولغان دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قاراش ئاجىزدۇر.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پاتىھە سۈرىسى شەك-شۈبھىسىز مەككىدە نازىل بولغان، پاتىھە سۈرىسى پەقەت مەدىنىدە نازىل بولدى دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قارىشى شەكسىز خاتادۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"17-توم 190-191-بەت].

      شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى كەسىير، ئىبنى ھەجەر، بەيزاۋىي، كەۋاشى ۋە باشقا ئالىملار پاتىھە سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ["ئابدۇراززاق ھۈسەيننىڭ"مەككىي ۋە مەدەنىي" ناملىق ئەسىرى 1-توم 446-468-بەتكە قارالسۇن].

    ئىككىنچى: قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ"جامىئ لىئەھكامىل قۇرئان" ناملىق ئەسەر 1-توم 115-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "نامازنىڭ مەككىدە پەرز بولغانلىقى ھەققىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئىسلامدا پاتىھە سۈرىسىنىڭ غەيرىنى ئوقۇپ ناماز ئوقۇلىدۇ دېگەن سۆز ساقلانمىدى-يەنى بايان قىلىنمىدى-بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان مۇنۇ ھەدىس ئوچۇق بايان قىلىدۇ: «پاتىھە سۈرىسى ئوقۇلمىسا ناماز ناماز بولمايدۇ»، بۇ سۈرىنىڭ ئەۋۋەلدە نازىل بولغانلىقىدىن خەۋەر بېرىش ئەمەس بەلكى نامازنىڭ ھۆكمىدىن خەۋەر بېرىشتۇر".

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى