سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تاشنى ياخشىلىق كەلتۈرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىپ سېتىۋىلىش توغرىسىدا

316545

تارقاتقان ۋاقىت : 15-12-2020

كۆرگۈچىلەر : 1217

سۇئال

    مەن يىگىرمە ياشقمۇ توشمىغان بىر ياش، بۇنىڭدىن بىر يىرىم يىل ئىلگىرى "سۆيگىنىنى ۋە خانىم-قىزلارنى قولغا كەلتۈرىدىغان، جەلىپ قىلىدىغان ئۈزۈك ۋە بىر خىل تاش بار دەپ ئاڭلىدىم، بۇ تاشنى سۇلايمان تېشى دەپ ئاتايدىكەن، مەن بەك دىندارمۇ ئەمەس، نامازنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىپ بولالمايمەن، مەن بۇ تاشنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئېسىل تاش ساتىدىغان دۇكانغا باردىم، مەن تاش توغرىسىدا سورىسام، دۇكاندار: "ياخشى كۆرۈش ۋە مۇھەببەت دېگەن ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ"دەپ، بۇ تاشنىڭ شۇ خىسلەتكە ئىگە بولىشى ئۈچۈن تاشقا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئويۇپ ئۈزۈك ياسىتىش كېرەك  دېدى، مەن تاشنى سېتىۋىلىپ قايتىپ كېتىپ، تاشنى ئۆيدە قويۇپ قويدۇم، ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئىشلەتمىدىم، بوينۇمغا تۇمار قىلىپمۇ ئاسمىدىم، ياكى ئۇنى ھېچقانداق بىر ئىشقا ئىشلەتمىدىم، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇ تاشنى سېرتقا ئېلىپ چېقىپ تاشلىۋەتتىم، مېنىڭ قىلمىشىم، چوڭ شېرىك ھېسابلىنامدۇ ياكى كېچىك شېرىك ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سىزنى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە دىنى ئىشلاردا مۇستەھكەم تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز، ئاللاھ تائالادىن سىز ۋە بىزنى دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشتا توغرا يولغا باشلىشىنى سورايمىز.

   ئەمما سىز يۇقىرىدا بايان قىلغان تاش ۋە ئۈزۈك ئىشىغا كەلسەك، بۇ ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن تۇمار ئېسىش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئەپسۈنكەشلىك، تۇمار ئېسىش ۋە كۆز مۇنچاق ئېسىش قاتارلىقلار شېرىكتۇر». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3883-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3530-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 331-2972-ھەدىسلەردە كەلتۈرگەن].

    ھەدىستە بايان قىلىنغان تۇمار ۋە كۆزمۇنچاق دېگەندىن: ئىنسان بۇ نەرسە ماڭا پايدا مەنپەئەت كەلتۈرىدۇ، زېيان-زەخمەت، بالا-قازادىن ساقلايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان نەرسىلەرنى يەنى تۇمار بولسۇن، كۆز مۇنچاق بولسۇن، ئۈزۈك ۋە يىپقا ئۆتكۈزۈپ ئېسىۋالىدىغان ھەر قانداق نەرسىىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 10543- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: سوئالنىڭ كۆرۈنىشىدىن: سىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ياخشى كۆرۈش ۋە سۆيگۈ رىشتىسىنى پەيدا قىلىشقا پەقەت بىر ئاللاھ قادىر بولالايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلسىڭىز، بۇ ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە، تاشمۇ بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز، بۇ چوڭ شېرىكنىڭ قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ. لېكىن بۇنداق ئېتىقاد قىلىش قەتئى چەكلىنىدۇ، ھەمدە بۇ كېچىك شېرىك ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئېتىقاد قىلىش، شېرىككە، ئەقىلنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپ بولۇپ، ئىنساننى خۇراپات، ۋەھىمە-خىياللارنىڭ ئويۇنچۇقى قىلىپ قويىدۇ.

    شەيخ ئابدۇراھمان مۇئەللىمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككە، بىر نەرسىنىڭ بىر ئىشقا سەۋەپ ياكى ئالامەت بولىشى بەزى ۋاقىتتا دىنى تەرەپتىن بولمايدۇ، بەلكى ئۇ شۇ نەرسىنىڭ ئۆزىدە كۆرۈلىدىغان ئەمەلى ۋاقىئەلىك ۋە ھېس-تۇيغۇ ئاساسىغا قۇرۇلغان ئادەتتىكى قائىدىگە قايتىدۇ.

بىر نەرسىنىڭ بىر ئىشقا سەۋەپ ياكى ئالامەت بولىشى بەزى ۋاقىتتا دىنى تەرەپتىن بولىدۇ، بۇ خۇددى كەبىدىكى ھەجەر ئەسۋەد(قارا تاشنى) سىلاش ياخشىلىققا سەۋەپ بولغاندەك، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان غەيبى ئىشلارغا ئېتىقاد قىلىشقا قايتىدۇ.

    بەزى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئېسىل تاشلاردىن ئۈزۈك قاتارلىق بىر نەرسىلەرنى ياسىتىپ سېلىش ۋە ئېسىۋىلىشنىڭ خۇرسەنلىككە سەۋەپ بولىشى ياكى كۆز تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى جىن-شەيتانلارنى يىراق قىلىشى دىنى جەھەتتىنمۇ ياكى ئادەتتىكى ئىشتىنمۇ دەپ ئىككىلىنىش پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئەگەر شۇ كىشى  پەيدا بولغان خىسلەتلەرنى ئەمەلى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغان ئادەتتىكى سەۋەپلەرنىڭ قاتارىدىكى بىر سەۋەپ دەپ قارىغان بولسا، بۇ چوڭ شېرىكنىڭ قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ، شۇنداقتىمۇ، شېرىككە يېتىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنداق قاراشقا تايانماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.

    ئەمما ئۇ كىشى پەيدا بولغان خىسلەتلەرنى غەيبى سەۋەپلەردىن پەيدا بولغان دەپ قارىغان بولسا، يەنى بۇ تاش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرەلگۈچى ياكى پەرىشتىلەرنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرەلگۈچى ياكى جىن-شەيتانلارنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تائىپىلەرنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرەلگۈچى دەپ قارىغان بولسا بۇ ئىككىنچى تۈردىكى يەنى كېچىك شېرىكنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەردىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىي-پىرىنسىپىدا يولغا قويۇلمىغان ئىشلارنى دىن دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئۆزى شېرىك بولىدۇ. ["ئەلئىبادە" ناملىق ئەسەر 571-572-بەتلەرگە قارالسۇن].

    بىر كىشى شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بارغىنىمدا ئۇلارنىڭ بىر خەنجەر-پىچاقنى-ھەسەتخورلۇقتىن توسىدۇ دەپ تامغا سانجىپ قويغىنىنى كۆردۈم، چوڭ ئاپامغا بۇنداق قىلماسلىقنى بۇنىڭ شېرىك بولىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ پەقەت بىر ئاللاھقا تايىنىش، ۋە ئۇنىڭدىنلا ياردەم سورىشى ۋە ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ياردەم سورىماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردۈم، بۇ قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "ئاللاھ تائالاغا مەدھىيلەر بولسۇن، سىز چوڭ ئانىڭىزغا ياخشى نەسىھەت قىلىپ، مەسىلىنى روشەن چۈشەندۈرۈپسىز، بۇ بالىلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بوينىغا تۇمار ئاسقانغا ئوخشاش كېچىك شېرىكنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى تۇمار ئاسقانلار، بوينىغا ئاسقان تىزىقنى ئۆزلىرىنى يامان كۆزدىن، ھەسەتتىن ساقلايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ شەرىئەتتە ئەسلى يوق بىر ئىش، بەلكى بۇ خۇددى بالىلارنىڭ بوينىغا يىپتىن تۇمار ئېسىپ بۇ بالىلارنى كۆز تىگىشتىن ياكى جىن-شەيتانلاردىن ساقلايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغانغا ئوخشاشتۇر، بۇ چەكلىنىدىغان كېچىك شېرىكتىن بولۇپ، سىز ئۇنى يوق قىلىپ ياخشى قىلىپسىز.

    ئەگەر ئىنسان بۇ تاش ياكى بۇ تۇمار ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ ياكى زىيان-زەخمەتنى يوق قىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىپ قالسا بۇ چوڭ شېرىك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنسانلار بۇنىڭدىن پەقەت ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ دىندا ئەسلى بولمىغان باتىل ئىشتۇر، بالىلارنىڭ بوينىغا ئىسىپ قويغان تۇمار، كۆز مۇنچاق ياكى ئېسىل تاش ياكى تامغا ۋە ئېشىككە سانجىپ قويغان پىچاق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھېچ قايسىسىدا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش ياكى زىيان-زەخمەتنى يوق قىلىش بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى خاتا چۈشەنچلەردىن ساقلىسۇن". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 1-توم 368-369-بەتلەر].

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 192206- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى