سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار ئارىسىدىن رەجەپ ئېيىنى ئايرىم كەلتۈرۈشتىكى ھېكمەت نېمە؟

سۇئال

نېمە ئۈچۈن رەجەپ ئېيى باشقا ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردىن ئايرىم كەلتۈرۈلدى؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار: زۇلقەئەدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەپ ئېيى بولۇپ، بەزى ئالىملار رەجەپ ئېيىنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردىن ئايرىم كەلتۈرۈشنىڭ ھېكمىتىنى سۆزلەپ، ئۈچ ئاي ھەجدە ئارقىمۇ-ئاراقا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەرەپلەرنىڭ يىلنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆمرە ھەج قىلىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت بولىشى ئۈچۈن ئايرىم كەلتۈرۈلدى دېگەن. -ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار دېگەن قانداق ئاي؟. -ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ باشقا ئايلاردىن ئالاھىدە بولىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟. -رەجەپ ئېيىنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردىن ئايرىم كەلتۈرۈشنىڭ ھېكمىتى.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار  دېگەن قانداق ئاي؟.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِنْدَ اللَّهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْرًا فِي كِتَابِ اللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ فَلَا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنفُسَكُمْ وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةً وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ ‏ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ قەمەرى ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا( 12دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەب (ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار، مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىدە بولۇڭلار». [سۈرە تەۋبە  36-ئايەت].

    ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار: مۇزەرنىڭ رەجەب ئېيى، ئارقىمۇ-ئارقا كىلىدىغان: زۇلقەئەدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئېيىدۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئوچۇق خەۋەرلەر بايان قىلىنغان. [تەپسىر تەبەرىي 11/440  ].

    ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋاقىت ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى تاراي كۈنىدىكى ھەيئىتى بويىچە ئايلىنىۋاتىدۇ، بىر يىل ئون ئىككى ئاي، ئۇنىڭدىن تۆت ئايدا ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان، ئۈچ ئاي ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئەدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، ۋە شەئبان بىلەن جەمادۇل ئاخىرنىڭ ئارىسىدىكى مۇزەرنىڭ رەجەپ ئېيى». [ بۇخارى رىۋايىتى 4406-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1679 –ھەدىس] .

    ۋاھىدى"ئەل بەسىيتتە"10/409 مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان دېگەننىڭ مەنىسى: چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ جىنايىتى باشقا ئايلارغا قارىغاندائۇ ئايلاردا ئېغىر بولىدۇ دېمەكتۇر. ئەرەپلەر بۇ ئايلارنى بەك ئۇلۇغلايتتى، ھەتتا بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتىسىنىڭ قاتىلى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا ئاچچىقلىمايتتى.

    لۇغەت ئالىملىرى شۇنداق دەيدۇ: بەزى ئايلاردا قىلىنغان جىنايەتنىڭ بەزى ئايلارغا قارىغاندا بەك ئېغىر بولىشىدا نۇرغۇن پايدىلار بار: ئۇ ئايلارنى ياراتقۇچىنىڭ ھوزۇرىدا ئۇ ئايلارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن قول يېغىش بار، ئاشۇ مۇددەتتە قىساس ئوتى ئۆچۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم پۈتۈنلەي زۇلۇمنى تەرك قىلىشقا ئىلىپ بېرىشى مۇمكىن.

    ئىككىنچى:

ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ باشقا ئايلاردىن ئالاھىدە بولىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟.

    بۇ ئايلارنىڭ باشقا ئايلاردىن پەرىقلىق بولىشى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا بىزگە خەۋەر بەرمىدى، بۇمۇ ئاللاھ تائالا بىزنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرىغان باشقا ئىشلارغا ئوخشايدۇ، بىز ئۈچۈن گەرچە بۇنىڭدىن بولغان ھېكمەتنى بىلمىسەكمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالا بۇيرىغان بويىچە ئەمەل قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدىكى ھېكمەتنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشتىن چەكلەنمەيدۇ.

   رەجەپ ئېيىنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردىن ئايرىم كەلتۈرۈشنىڭ ھېكمىتى بولسا؛

بەزى ئالىملارنى رەجەپ ئېيىنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردىن ئايرىم كەلتۈرۈشنىڭ ھېكمىتىنى سۆزلەپ، ئۈچ ئاي ھەجدە ئارقىمۇ-ئاراقا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەرەپلەرنىڭ يىلنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆمرە ھەج قىلىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت بولىشى ئۈچۈن ئايرىم كەلتۈرۈلدى دېگەن.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئايلاردىن تۆتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي دېگەن سۆزى: ئەرەپلەرمۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە بۇ ئايلارنى ئېھتىرام قىلاتتى، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ بۇ قاراشتا، لېكىن بۇسۇل دېگەن بىر تائىپە بەك چوڭقۇرلاپ ۋە قاتتىقلىق قىلىپ بىر يىلدىن سەككىز ئاينى ئېھتىرام قىلاتتى،

    ئەمما ئۈچ ئاي ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ" زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، شەئبان بىلەن جىمادۇل ئاخىرنىڭ ئارىسىدىكى مۇزەرنىڭ رەجەپ ئېيى دەپ رەجەپ ئېيىنى مۇزەر قەبىلىسىگە قېتىۋېتىش بولسا، ئۇلارنىڭ شەئبان بىلەن جىمادۇل ئاخىرنىڭ ئارىسىدىكى مۇزەرنىڭ رەجەپ ئېيى دېگەن سۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، رەبىيئە قەبىلىسىنىڭ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان رەجەپ ئېيى دېگەن شەئبان بىلەن شەۋۋال ئارىسىدىكى ھازىرقى رامىزان ئېيى دېگەن گۇمانىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەبىئىنىڭ رەجەب ئېيى دېمەستىن مۇزەرنىڭ رەجەب ئېيى دەپ بايان قىلغان.

    ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ تۆت بولۇپ، ئۈچىنىڭ بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كىيىشى ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئايرىم كىيىشى بولسا، ئەرەپلەرنىڭ ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى راھەت ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈندۇر، ھەجدىن بۇرۇنقى زۇلقەئەدە ئېيىدا ئۇرۇش ھارام قىلىندى، چۈنكى ئەرەپلەر بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلمايدۇ، زۇلھەججە ئېيىدا ھەج پائالىيەتلىرى ئادا قىلىنىدۇ، ئۇلار ھەج قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھەررەم ئېيىدا بولسا يىراقتىن كەلگەنلەرنىڭ يۇرتىغا كېتىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش ھارام قىلىندى.

    ئەرەپلەرنىڭ كەبىنى زىيارەت قىلىپ ئۆمرە قىلىۋېلىشى، ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ چەت جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭمۇ كەبىنى زىيارەت قىلىپ تىنچ-خاتىرجەم يۇرتىغا كېتىۋېلىشى ئۈچۈن يىلنىڭ ئوتتۇرى بولغان رەجەپ ئېيىدا ئۇرۇش ھارام قىلىندى.

    ئاللاھ تائالانىڭ: ئاشۇ توغرا دىندۇر دېگەن سۆزى: ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە ئىلگىرى ئاللاھنىڭ كىتاۋىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈمنىڭ باراۋېرىدە ئەمەل قىلىش توغرا دىن دېمەكتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ: بۇ ئايلاردا خاتالىق سادىر قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار دېگەن سۆزى: ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئىشلەنگەن جىنايەتنىڭ جازاسى باشقا ئايلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە سادىر قىلىنغان جىنايەتنىڭ جازاسىمۇ باشقا جايغا قارىغاندا ھەسسىلەپ زىيادە بولىدۇ دېمەكتۇر. ["تەپسىير ئىبنى كەسىر" 4/148 ].

     ئىمام رازى ئۆزىنىڭ تەپسىردە 16/41مۇنداق دەيدۇ : ۋاقىتنىڭ ھەممە جۈزئىلىرى ھەقىقەتتە ئوخشايدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ بەزىسىنى ئايرىۋېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دېيىلسە، بىز دەيمىزكى:  بۇ مەنا شەرىئەتتە يىراق سانالمايدۇ، بۇنىڭ مىسالى ئىنتايىن كۆپ، قارىمامسىز، ئاللاھ تائالا ھەرەم شەھرىنى ھەرەم بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە قىلدى، جۈمە كۈنىنى ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدىن ئۇلۇغلۇقتا ئالاھىدە قىلدى، ئەرەپات كۈنىنى ئۇ مەخسۇس ئىبادەت كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدىن ئالاھىدە قىلدى، رامىزان ئېيىنى ئۇ ئايدا روزا تۇتىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن باشقا ئايلاردىن ئالاھىدە قىلدى، كۈننىڭ بەزى ۋاقىتلىرىنى ناماز ئوقۇش ۋاقتى بىلەن قالغان ۋاقىتلىرىدىن پەرىقلىق قىلدى، قەدىر كېچىسىگە ئوخشاش بەزى كېچىلەرنى كېچىلەر ئارىسىدىن پەزىلەتلىك قىلدى، بەزى كىشىلەرگە دوستلۇق ۋە ئەلچىلىك ئاتا قىلىش بىلەن باشقا ئىنسانلاردىن پەرقلىق قىلدى. مۇشۇنداق مەشھۇر، ئاشكارا مىساللار بولىدىكەن، بەزى ئايلارنى ئۇلۇغلاپ ئايرىم كەلتۈرۈش قانداقمۇ يىراق سانىلىدۇ؟.

     ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ۋاقىتلاردا تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ كۆپ بولۇپ پاك نەپسىلەرگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ۋە خاتالىق-ئاسىيلىقنىڭمۇ كۈچلۈك ناچار نەپسىلەرگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنى ئاللاھنىڭ بىلىدىغانلىقى يىراق سانالمايدۇ، بۇ دانالارنىڭ نەزىرىدە يىراق سانالمايدۇ، قارىمامسىز، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈمىت قىلىنىدىغان ۋاقىتلار توغىرسىدىمۇ ئايرىم كىتابلار يېزىلدى، ئۇلار مەلۇم ۋاقىتلاردا  دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سەۋەپلەرنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى.

    بۇنىڭدا يەنە بىر پايدا بار: ئۇ بولسىمۇ، ئىنسان تەبىئىتىگە زۇلۇم قىلىش ۋە بۇزۇقچىلىق سىڭىپ كەتكەن، ئۇلارنى بۇ قەبىھ ئىشلاردىن بىراقلا چەكلىۋېتىش ئۇلارغا قېيىن بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ھۆرمەت ۋە ئۇلۇغلۇققا خاس بولغان بەزى ۋاقىتلارنى بايان قىلدى، بەزى ئورۇنلارنىمۇ ھۆرمەت ۋە ئۇلۇغلۇققا خاس قىلدى،  بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئاشۇ ئۇلۇغ ۋاقىت ۋە ئورۇنلاردا ناچار ۋە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. ئاشۇ ئىش پەزىلەت ۋە پايدىلاردىن بىر قانچىنى زىكىر قىلىمىز:

   بىرىنچى: ئۇلۇغ ۋاقىتلاردا ناچار ئىشلارنى تەرك قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىش بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلاردا ناچار ئىشلار ئاز يۈز بېرىدۇ.

    ئىككىنچى: ئاشۇ ئۇلۇغ ۋاقىتلاردا ناچار ئىشلارنىڭ تەرك قىلىنىشى ، ئۇ كىشىنىڭ تەبىئىتى ناچار ئىشلاردىن مۇتلەق يۈز ئۆرۈشكە مايىل بولۇپ قىلىشقا سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

    ئۈچىنچى: ئىنسان ئاشۇ ئۇلۇغ ۋاقىتلاردا تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلسا،  گۇناھ-مەسىيەتتىن يۈز ئۆرۈسە، ئاشۇ ۋاقىت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەگەر گۇناھ-مەسىيەتنى باشلاي دەپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ ناچارلىقنى باشلىشى، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تائەت-ئىبادەت قىلىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتلىرىنىڭ بىكار بولۇپ كىتىدىغانلىقىغا سەۋەپ بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئەقىللىق كىشى بۇنىڭغا رازى بولمايدۇ، ئاشۇ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھ-مەسىيەتتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.

    مانا بۇ ۋاقىتلاردىن بەزىسىنى ۋە ئورۇنلاردىن بەزىسىنى ھۆرمەت-ئېھتىرامىغا خاس قىلغانلىقنىڭ ھېكمەتلىرىدىندۇر".

    بەزى ئالىملار: كائىناتتىكى ئىشلار توغرىسىدا ئۇنىڭ پايدىلىرى بولسىمۇ، ھېكمەتنىڭ يوللىرى سورالمايدۇ دەيدۇ.

     تاھىر ئىبنى ئاشۇرا مۇنداق دەيدۇ: "بىلگىنكى، ۋاقىت ۋە ئورۇنلارنىڭ ئارتۇقچە بولىشى، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇقچە بولىشىغا ئوخشايدۇ، ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن سادىر بولغان ياخشى ئەمەل، ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن باشقىلاردىن ئارتۇقچە بولىدۇ، بۇ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئەمەس بەلكى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرىلىنىدىغان ئەمەل بىلەن بولىدۇ.

    ۋاقىت ۋە ئورۇنلارنىڭ ئارتۇقچە بولىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭدىن بولغان مەقسىدىدىن  خەۋەر تېپىش بىلەن بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئارتۇقچە قىلغاندا، ئۇ جاينى ياكى ۋاقىتنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنىدىغان ئورۇن، دۇئا ئىجابەت قىلنىدىغان ۋاقىت، ئەمەل ھەسسىلەپ زىيادە بولىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىت قىلىدۇ. «قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشى» دېگەندەك، يەنى: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئۈچۈن بولغان مىڭ ئايلىق ئىبادەتتىن ياخشى دېمەكتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورۇندىن خەۋەر بېرىپ: «مېنىڭ مەسچىتىمدە ئوقۇغان بىر ۋاخ ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ ۋاخ نامازدىن ئەۋزەل»دېگەن.

    ئورۇندىن ئورۇننى ۋە ۋاقىتتىن ۋاقىتنى بىرى-بىرىدىن ئارتۇق قىلىنغاندىكى ھېكمەتنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان ئىشلار بولسا، ئاللاھ ئۆزى ئىرادە قىلغان ۋە تەقدىر قىلغان ئىشلار بولۇپ، ئۇ كائىناتتىكى ئىشلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋېتىشى بىلەن ئەمەلدىن قالىدۇ. خۇددى شەنبە كۈنىنىڭ ئۇلۇغلىقى جۈمە كۈنى بىلەن بىكار بولۇپ كەتكەنگە ئوخشاش.

كىشىلەرنىڭ دىنى جەھەتتىن بەزى ۋاقىتلارنى ئارتۇقچە-پەزىلەتلىك قىلىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قىلغان ئىشى بولسا قولدا ياسىغان نەرسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ياخشى مەقسەت ئىرادە قىلىنمىسا ئۇنىڭ ھېچ ئېتىبارى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ-پەزىلەتلىك قىلغان ئورۇن، ۋاقىت ۋە شەخسلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىش ھەققى بولمايدۇ". ["تەھرىير ۋەتتەنۋىير"10/184].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى