سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

مەزىيدىن پاكىزلىنىشنىڭ توغرىسىدا

سۇئال

   مەزىي چىققاندا ئىككى توخۇمداننى يۇمىسىمۇ ناماز دۇرۇس بولامدۇ؟ مەن شاپىئى، مالىكىي، ھەنەپىي ۋە بىر قىسىم ھەنبەلى ئۆلمالىرى: ئىككى تۇخۇمداننى يۇمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ئىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مەزىي پاكىزلىنىش زۆرۈر بولغان پاسكىنە نەرسىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەزىي  دېگەن پاسكىنا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يۇيۇشنىڭ زۆرۈرلىكى، مەزى چىقسا تاھارەت ئىلىش كېرەكلىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ بولمىغان، ھەممە ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن، تونۇشلۇق ۋە پاكىزلىنىش ئادەت قىلىنغان بىر مەسىلىدۇر. ["ئەتتەمھىيد"21-توم 207-بەت].

ئىنساندىن مەزىي چىقىپ بەدىنىگە يۇقۇپ قالغان بولسا، مەزىي يۇقۇپ قالغان جاينى پاكىزە يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر بەدىنىگە مەزىي يۇقۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يۇماي ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ.

    بەدەننى ۋە كىيىمنى پاك قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى 12720-195117- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: مەزىي ئىككى تۇخۇمدانغا يۇقۇپ قالغان بولسا، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، بۇ نىجاسەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىككى تۇخۇمداننى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، ئەمما مەزىي چىقىپ تۇخۇمدانغا يۇقمىغان  ۋە چىققان ئورنىدىن باشقا جايغا ئاقمىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئۆلىمالار ئارىسىدا: ئەۋرەتتىن مەزىي چىققان ئورۇننى يۇيۇش كۇپايە قىلامدۇ ياكى ئەۋرەت ئەزا بىلەن بىرگە ئىككى تۇخۇمداننى بىرگە يۇيۇش كېرەك بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە  ئىختىلاپ بار.

    ئىمام ئەھمەد ئەۋرەت بىلەن بىرگە ئىككى تۇخۇمداننىمۇ يۇيۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.

ئىمام مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەزىينى نىجىس دېگەن قاراشقا ئاساسەن مەزھەبتىكى توغرا قاراشتا، مەزىي چىقسا ئەۋرەت بىلەن ئىككى تۇخۇمداننى بىرگە يۇيۇش كېرەك بولىدۇ". ["ئەلئىنساپ" 2-توم 328-329-بەت]. بۇ قاراشقا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋرىتىنى يۇيۇشقا بۇيرىغان، بۇنىڭ كۆرۈنىشىدىن: ئەۋرەتنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، مۇسنەدى ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا، ئىككى تۇخۇمداننىمۇ قېتىپ يۇيۇشقا بۇيرۇلغان ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

   ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەندىن مەزىي كۆپ چىقاتتى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۇيئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سوراشتىن خىجىل بولۇپ، بۇنى سوراشقا بىر كىشىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ تاھارەت ئالغىن دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 269-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 303-ھەدىس].

    ھەدىسنىڭ تېكىستىنىڭ كۆرۈنىشىدىن ئەۋرەت ئەزانىڭ ھەممىسىنى يۇيۇش كېرەكلىكى ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئۆلىمالار: تېكىستتىكى ئەۋرەت ئەزادىن  ئەۋرەتنىڭ ھەممىسى ئەمەس پەقەت مەزي چىققان ئورۇن مەقسەت قىلىنىدۇ دەپ، بۇ قاراشنى باشقا نىجاسەتلەرگە سىلىشتۇرۇش بىلەن كۇچلاندۇرۇپ، باشقا نىجاسەتلەردىمۇ پەقەت نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى يۇيۈش كېرەك بولىدۇ، دەيدۇ.

    ئىبنى دەقىقىل ئىيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار ئارىسىدا، ئەۋرەتنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇش كېرەكمۇ ياكى نىجاسەت چىققان ئورۇننى يۇيۇش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ بار، كۆپچىلىك ئۆلىمالار، نىجاسەت چىققان ئورۇننى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ دەپ قارايدۇ". ["ئەھكامۇل ئەھكام" 1-توم 74-بەت].

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدە پەقەت نىجاسەت چىققان ئورۇننى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر". ["ئەل مەجمۇئ"2-توم 144-بەت].

    ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مەزىيدىن ئەۋرەتنى يۇيۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇق سۆزى توغرىسىدا، بۇنىڭدىن كېچىك تاھارەت چىققاندا ئەۋرەتنى يۇغاندەك ئەۋرەت ئەزانى يۇيۇش كېرەكمۇ ياكى ئەۋرەتنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇش كېرەكمۇ؟ دەپ ئىختىلاپ قىلىشتى، بۇ توغرىدا ئۆلىمالارنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار ۋە ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدتىنمۇ ئىككى خىلدىن رىۋايەت بار. ["پەتھۇلبارى" 1-توم 304-بەت].

    ئىبنى دەقىقىل ئىيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن كۆپچىلىك ئۆلىمالار" ئەۋرەت" دېگەن سۆزنى ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسىگە قاراپ ئۇنى ئەۋرەتنىڭ ھەممىسى دېگەن ھەقىقى مەنىسىگە ئىشلىتىشتىن چەتنەپ، يۇيۇش كېرەك بولىدىغان ئورۇن پەقەت مەزىي چىققان ئورۇندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن مەزىي چىققان ئورۇننى يۇسا كۇپايە قىلىدۇ دەيدۇ". ["ئەھكامۇل ئەھكام" 1-توم 74-بەت].

    ئەبۇ جەپەر ئەتتاھاۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ يولى ئورۇنغا قاراش بىلەن بولىدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا مەزىينىڭ چىقىشى تەھارەتنىڭ بۇزىلىشىدۇر، تاھارەت بۇزۇلسا نېمە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟. ئىنساندىن چوڭ تەرەت چىقسا، ئۇ ۋاقىتتا بەدەنگە يۇقۇپ قالغان ئورۇننىلا يۇيىمىز ئەگەر نامازغا تاھارەت ئالمىساق باشقا ئورۇنلارنى يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بەدەندىن قان چىققان بولسا، قان چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ دېگەن قاراش بويىچە قان چىققان ئورۇنغا قارايمىز، شۇنىڭدەك مەزىي چىققان بولسا ئۇمۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بەدەندىن مەزىي يۇققان ئورۇندىن باشقىسىنى يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ، پەقەت ناماز ئوقۇماقچى بولساق ئۇ ۋاقىتتا باشقا ئەزالارنىمۇ يۇيىمىز، بۇنىڭ ھەممىسى بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراش-نەزەر سىلىش يولى بىلەن بېكىتىلدى. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئەبۇ يۈسۈپ ۋە مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانى رەھىمەھۇمۇللاھنىڭ سۆزىدۇر". ["شەرھى مەئانىل ئاسار" 1-توم 48-بەت].

   مەزىينىڭ نىجاسەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلغۇچىلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەت پىرىنسىپىنى نەزەرگە ئالغاندا مەزىي چىققاندا مەزىي چىققان ئورۇنغا باشقا ئورۇنلارنىمۇ قېتىپ يۇيۇش چەكلەنمەيدۇ، بۇ خۇددى مەنىي چىقسا بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى يۇيۇش كېرەك بولغانغا ئوخشاشتۇر، بۇنىڭ يەنە بىر پايدىسى، ئەۋرەت ئەزانى ئىككى تۇخۇمدان بىلەن قىتىپ يۇغاندا، مەنىي كىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەزىي دېگەن مەنىيگە ئوخشاش شەھۋەت بىلەن چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەزىي چىققان ئورۇنغا باشقا ئورۇننى قېتىپ يۇيۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئىككى تۇخۇمدان بولسا مەنىينىڭ قاچىسى بولۇپ، ئۇنى يۇيۇش بىلەن مەنىي چىقىشنى چەكلەپ ئۇنىڭ تەسىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ". ["شەرھىل ئۆمدە" 1-توم 103-بەت].

   ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئۇرۋىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن مەزىي كۆپ چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشقا مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بۇيرىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ئەۋرىتىڭنى ۋە ئىككى تۇخۇمداننى يۇغىن دېگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 2-توم 293-بەتتە بايان قىلغان. ئەبۇ داۋۇد 208-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "ئەتتەلخىس ئەتتەھبىر"1-توم 117-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ داۋۇد ئۇرۋە ئارقىلىق ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئىككى تۇخۇمداننى ئەۋرىتى بىلەن قېتىپ يۇيىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇرۋە بۇ سۆزنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىمىغان، لېكىن بۇنى ئەبۇ ئەۋانە ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا، ئۇبەيدىنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە، (ئىككى تۇخۇمداننى قېتىپ) دېگەن ئارتۇق سۆز بىلەن قېتىپ رىۋايەت قىلغان، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا تەنە قىلىنغۇدەك بىر راۋىي يوق.

    سەنئانى "سۇبۇلۇسسالام"1-توم 199-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى ئىككى تۇخۇمداننى قېتىپ يۇيۇش دېگەن زىيادە سۆز توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يۇمايمىز دەپ ئۈزرە ئېيتىش كېرەك بولمايدۇ".

    ئەلا ئىبنى ھارىس ھىزام ئىبنى ھەكىمدىن ئۇ كىشى تاغىسى ئابدۇللاھ ئىبنى سەئەدىل ئەنسارىيدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قانداق بولغاندا يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ؟، مەزىيدىن كېيىنمۇ ياكى مەنىي چىققاندىن كېيىنمۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيىسسالام: ھەر قانداق ئەردىن مەزىي كىلىدۇ، مەزىي چىققاندا، ئەۋرىتىڭنى ئىككى تۇخۇمدان بىلەن بىرگە يۇغىن، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، دېدى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1-توم 207-بەت 211-ھەدىس. شەيىخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھى دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1-توم 381-بەتتە كەلتۈرگەن.

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەزىي چىققاندا ئەۋرىتىنى ئىككى تۇخۇمدان بىلەن بىرگە قېتىپ يۇيۇش كېرەك بولىدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى" 17-توم 58-بەت].

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "مەزىي نىجىس بولۇپ ئىنساندىن مەزىي چىقىدىكەن ئەۋرىتىنى ئىككى تۇخۇمدان بىلەن قېتىپ تولۇق يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، كىيىمىگە ۋە بەدىنىگە يۇقۇپ قالغان بولسا، ئۇ يەرگە سۇ چېچىۋەتسە بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇنى مەزىي چىققاندا ئەۋرىتىنى ئىككى تۇخۇمدان بىلەن قېتىپ يۇيۇپ، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئىلىشقا، كىيىمگە يۇقۇپ قالغان بولسا بۇ ئورۇنغا سۇ چېچىۋېتىشكە بۇيرىدى. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇراززاق ئەپىپىي، ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلار. "دائىمى كومېتىت پەتىۋاسى"5-توم 382-بەت.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مەزىي چىققان ۋاقىتتا ئەۋرەت بىلەن ئىككى تۇخۇمداننى قېتىپ يۇيۇش توغىرسىدىكى قاراشلارنىڭ قايسىسى بەك كۈچلۈك؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:"ئەۋرەت بىلەن ئىككى تۇخۇمداننى قېتىپ يۇيۇش دېگەن قاراش بەك كۈچلۈكتۇر، بۇنىڭدا تىببى جەھەتتىنمۇ نۇرغۇن پايدىلار بار، چۈنكى ئەۋرەت بىلەن ئىككى تۇخۇمداننى قېتىپ يۇغاندا مەزىي ئۈزۈلىدۇ". "شەيخ ئىبنى ئۈسەيمىننىڭ كاپىيغا قىلغان تەلىقاتى"دىن ئېلىندى.

    بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش، مەزىي چىققاندىن كېيىن ئەۋرەت بىلەن ئىككى تۇخۇمداننى قېتىپ يۇيۇش دېگەن قاراشتۇر، چۈنكى بۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان ھەدىسمۇ سەھىھ ھەدىستۇر.

    نامازنىڭ توغرا بولىشىغا كەلسەك، بۇمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىدىكىگە ئوخشاش ئۆلىمالارنىڭ ئىجتىھادىي قارىشى بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىككى تۈرلۈك قاراشنىڭ بىرىدىن چېقىپ كەتمەيدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى