بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: بۇ مەسىلىدە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى: ئاخىرقى كۈنلىرىدە كەلگەن سېرىقلىق ۋە دۇغلۇق ھەيز ھېسابلانمايدۇ، گەرچە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قان كەلگەن بولسىمۇ دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 179069- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.
ئەمما ھەيز جەريانىدا ۋە ھەيزنىڭ قېنى ئۈزۈلۈشتىن ئىلگىرىكىلىرى بولسا ھەيزگە ئەگىشىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئىلىنىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ رەھىمەھۇللاھدىن: "ئايلىق ئۇچرىشىش"(73/37)دا: ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئايالدىن ھەيزنىڭ قېنى ئۈزۈلگەندىن كېيىن كېلىدىغان سېرىقلىق ۋە دۇغلۇق توغرىسىدا سۆز بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، بۇ توغرىدا ئېنىق جاۋاپ بەرگەن بولسىلىرى، ئايال قاچان ھەيزدىن پاك بولىدۇ؟ تولۇق ئاق نەرسە كەلگەندىمۇ؟. شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆلىمالارنىڭ قارىشى پەرقلىقتۇر، ئاخىرىدا مەن كۈچلۈك دەپ قارىغىنىم: ھەيز جەريانىدىن باشقا ۋاقىتتا كەلگەن سېرىقلىق ۋە دۇغلۇق ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن: بىر ئايال بەش كۈن ئادەت كۆرىدىغان بولۇپ، ئۈچىنچى كۈنىدە سېرىقلىق ۋە دۇغلۇقنى كۆرسە بۇ ھەيزگە ئەگىشىدۇ، بۇنى ھەيز دەيمىز.
ئەمما ئايالدىن ھەيزنىڭ قېنى كېلىشتىن ئىلگىرى كېلىدىغان سېرىقلىق ۋە دۇغلۇقنىڭ ھېچ ئېتىبارى يوقتۇر (يەنى ھەيز ئەمەس).
يەنە بىر ئايال ھەيزدىن تولۇق پاك بولدى، قان ئۈزۈلدى، قالغان سېرىقلىق ۋە دۇغلۇقنىڭ ھۆكمى بولمايدۇ يەنى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
سېرىقلىق ۋە دۇغلۇق ھەيزدىن ئەمەس دېگەن سۆز، تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىغا خىلاپ بولغان ھالەتتە ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سۆزىدۇر. "ئەلمۇھەللا" 266-269-مەسىلىلەر، دەبيانىينىڭ: "پىقھى ئېنسىكلوپېدىيەسى" 6 -توم 286 -بەت.]
ئىككىنچى: ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «پاكلىقتىن كېيىن» دېگەن زىيادە سۆزنى زەئىپ دېگەنلىكى توغرىسىدا توختالمايمىز، بەلكى بۇ سۆزنى باشقا ئورۇندا ھۆججەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان.
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "پاكلىقتىن كېيىن كەلگەن دۇغلۇق، سېرىقلىق، نۇقتا ياكى نەملىكلەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيز ئەمەس، ئۇ نەرسىلەر نامازدىن، روزىدىن، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن چەكلىمەيدۇ، ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «بىز پاكلىقتىن كېيىن كەلگەن دۇغلۇق، سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق» دېگەن. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى].
ئەبۇ داۋۇد: "پاكلىقتىن كېيىن" دېگەن سۆزنى زىيادە قىلدى. [ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ. شەيخنىڭ"پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11 -توم 281 -بەت.]
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ: «بىز پاكلىقتىن كېيىن كەلگەن دۇغلۇق، سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق» دېگەن سۆزىنى ئەبۇ داۋۇد سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
ئىمام بۇخارىمۇ : " پاكلىقتىن كېيىن" دېگەن سۆز يوق رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭغا: "ھەيز كۈنلىرىنىڭ غەيرىدىكى دۇغلۇق، سېرىقلىقنىڭ بابى" دەپ باپ كەلتۈرگەن.
پەتھۇل بارىدا" بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دېگەن: "بۇ سۆز ئىلگىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇدىن بايان قىلىنغان: «ھەتتا تولۇق ئاقنى كۆرگۈچە ئالدىرىماڭلار» دېگەن ھەدىسى بىلەن ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇشۇ بابتا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشقا ئىشارەت قىلىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس: " ھەيز كۈنلىرىدە كەلگەن دۇغلۇق، سېرىقلىققا قارىتىلىدۇ، ئەمما ھەيز كۈنلىرىنىڭ غەيرىدە كەلگەنلىرى بولسا ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىسكە قارىتىلىدۇ.
يۇقىرىدا ئىشارەت قىلىنغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ «ئاياللار ھەيز كۈنلىرى ئىشلەتكەن پاختا ياكى رەختلىرىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھاغا ئەۋەتەتتى» دېگەن ھەدىسىنى ئىمام بۇخارى ئىزاھ قىلىپ مۇشۇ بابتىن ئىلگىرى كەسكىن لەۋزى بىلەن كەلتۈرگەن" 11 -توم 306 -بەت.
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «بىز پاكلىقتىن كېيىن كەلگەن دۇغلۇق، سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق» دېگەن سۆزىنى كەلتۈرگەندىن كېيىن: بۇ يەردىكى پاكلىقتىن كېيىن دېگەنلىك ھەيزنىڭ ئۈزۈلگەندىن كېيىن دېگەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا ئاق نەرسە كەلگەنلىك ياكى ھەيز كېلىدىغان ئورۇننىڭ تولۇق قۇرىغانلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ دېدى.
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزنىڭ قېنى ئۈزۈلگەندىن كېيىن كەلگەن دۇغلۇق، سېرىقلىق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ويسْأَلُونَكَ عَنْ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق) سورايدۇ. ئېيتقىنكى، ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئەرـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر). [سۈرە بەقەرە 222 -ئايەت].
يۇقىرىدىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان ئەزىيەتتىن بولغان مەقسەت: ھەيزنىڭ قېنىدۇر. ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «بىز پاكلىقتىن كېيىن كەلگەن دۇغلۇق، سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].
ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: «پاكلىقتىن كېيىن» دەپ كەلگەن، لېكىن پاكلىق دېگەن قان ئۈزۈلگەندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ.
مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئايالغا دەيمىزكى: سىز يەتتە كۈن تولۇق ھەيزنىڭ قېنىنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭدىن كېيىن دۇغ، سېرىق بىر نەرسە كەلسە، ئۇ ئايال ھەيزنىڭ ئۈزۈلگەندىن كېيىن يەنى يەتتە كۈن تولۇق بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتىدۇ، ئەگەر ئېرى بولسا ئېرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدۇ، گەرچە دۇغ، سېرىق نەرسىلەر كەلسىمۇ مەيلى. [ "ئايلىق ئۇچرىشىش"(22/36) ].
شەيخ ھەيز دېگەن قاندىن ئىبارەتتۇر. دۈغ، سېرىق نەرسە ئەمەس دېگەن قاراشقا تاياندى. [ "ئايلىق ئۇچرىشىش"(8/51)].
شەيخ: خۇددى ئىمام بۇخارى ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى باپقا يۈزلەندۈرگەندەك، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن بايان قىلىنغان ئەسەرنى قان ئۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى كەلگەن سېرىقلىق دېگەنگە قاراتتى،
ھەر ھالەتتە: بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش: ھەيز كۈنلىرىدە كەلگەن دۇغ ۋە سېرىقلىق ھەيز بولىدۇ، بۇنى پىقھى ئالىملىرى مۇنداق ئىپادىلىگەن: ھەيز كېلىش مۇمكىن بولغان زاماندا، ھەيزنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى ئوتتۇرىدا ياكى ئاخىرىدا كەلسە (ھۆكمى ھەيزگە ئوخشاش)، قان ئۈزۈلۈپ دۈغ ۋە سېرىقلىق قالسىمۇ بۇمۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ تۇتقان يولىدۇر، ھەتتا بۇ قاراش ئىجما دەپ بايان قىلىنغان.
ئۈچىنچى: كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ سۆزىگە كۆرە: ھەزيدىن پاك بولغانلىق ھەيز ئورنىنىڭ تولۇق قۇرىشى بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ، لېكىن ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: ئاق نەرسە كەلگەننى كۆرگەندە پاك بولىدۇ، تولۇق قۇرۇش بىلەن پاك بولمايدۇ، دەيدۇ.
شەيخ ئەبۇ ئۆمەر دەبيانىي: "تاھارەت ئېنسىكلوپېدىيەسى" 7 -توم 37 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تۆتىنچى تەتقىقات: ھەيزدارنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى:
بەزىلەر: ھەيز ئۈزۈلگەندە مۇتلەق پاك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاق نەرسە كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن ئوخشاش دەيدۇ، بۇ ھەنىپى، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر.
بەزىلەر: ھەيز ئاخىرلاشقاندا ئاق نەرسە كېلىدىغان ئاياللار ئۇنى كۆرمىگىچە پاك بولمايدۇ، ئاق نەرسە كەلمەيدىغان ئاياللارنىڭ پاك بولىشى ئورۇننىڭ قۇرىشى بىلەن بولىدۇ دەيدۇ، بۇ قاراش "ئەل مۇدەۋۋەنە" دە ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن بايان قىلىنغان.
بەزىلەر: ھەيزدىن پاك بولىشى ئاق نەرسە كېلىش بىلەن بولىدىغان ئايال ئورۇننىڭ قۇرىشى بىلەن پاك بولىدۇ، ئورۇننىڭ قۇرىشى بىلەن پاك بولىدىغان ئايال ئورۇن قۇرىغاندا پاك بولىدۇ، ئاق نەرسە كېلىش بىلەن پاك بولمايدۇ دەيدۇ.
بەزىلەر: پاك بولۇشنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئالامىتى بار: ئورۇننىڭ قۇرىشى ۋە ئاق نەرسىنىڭ كېلىشى، ئايال ئۇ ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى كۆرسە بۇ، ھەيزدىن پاك بولغاننىڭ ئالامىتىدۇر، ئۇ ئايال ئادەتتە ئاق نەرسە كەلگەندىن كېيىن پاك بولىدىغان بولسۇن ياكى ئورۇن تولۇق قۇرۇغاندىن كېيىن پاك بولىدىغان بولسۇن ئوخشاش، بۇ ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ يارەنلىرىدىن ئىبنى ھەبىيبنىڭ قارىشىدۇر.
بەزىلەر: قاچان قىزىل قاننىڭ ئىزىنى كۆرسە ياكى گۆش يۇغان سۇدەك بىر نەرسىنى كۆرسە ياكى سېرىقلىق، دۇغلۇق ياكى ئاق نەرسىنى ياكى ئورۇن تولۇق قۇرىغان بولسا ھەيزدىن تولۇق پاك بولغان بولىدۇ دەيدۇ، بۇ ئىبنى ھەزمىنىڭ قارىشى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلاردىن مۇنۇ سۆزلەر ئېنىق بولىدۇ:
بىرىنچى: ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى: ئورۇننىڭ تولۇق قۇرىشى.
ئىككىنچى: ئەگەر ئاق نەرسە كەلگەننى كۆرىدىغان بولسا ئورۇن قۇرۇشتىن بۇرۇن كېلىدىغان ئاق نەرسىنى كۆرۈش.
ئۈچىنچى: ھەر ئىككىسىنى كۆرىدىغان بولسا، ئاق نەرسىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئورۇننىڭ تولۇق قۇرىشى.
تۆتىنچى: تولۇق قۇرۇش ۋە ئاق نەرسىنىڭ كېلىشى ھەر ئىككىسى پاكلىقنىڭ ئالامىتى.
بەشىنچى: قاچان قىزىل قاننىڭ ئىزىنى كۆرسە ياكى، گۆش يۇغان سۇدەك بىر نەرسىنى كۆرسە ياكى سېرىقلىق، دۇغلۇق ياكى ئاق نەرسىنى ياكى ئورۇن تولۇق قۇرىغان بولسا ھەيزدىن تولۇق پاك بولغان بولىدۇ.
بەزىلەر: پاك بولىشى ئاق نەرسە كەلگەننى كۆرۈش بولسا، ئۇنىڭدا تولۇق قورغانلىق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
ئىسا ئىبنى دىنار مۇنداق دەيدۇ: رەھمىنىڭ پاك بولىشىدا تولۇق قۇرىشتىنمۇ ئاق نەرسىنىڭ كېلىشى بەك ئۆنەملىكتۇر.
ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: ھەيز كۈنلىرى ئارىسىدا قويغان پاختىنىڭ قۇرۇق بولىشى ھەيزنىڭ تولۇق ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەمما ئاق نەرسىنىڭ كېلىشى بۇنى بىلدۈرىدۇ".
تولۇق قۇرۇشنىڭ پاكلىق ئالامىتى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراش ئىلگىرى ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن بايان قىلىنغان.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.