چارشەنبە 9 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1444 - 5 ئۆكتەبىر 2022
Uygur

ئىشچى -خىزمەتچىلەرنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ مەلۇماتلىرىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈش شەرىئەتتە چەكلەنگەن جاسۇسلۇق ھېسابلىنامدۇ؟

320714

تارقاتقان ۋاقىت : 24-07-2022

كۆرگۈچىلەر : 112

سۇئال

   يۇقىرى رەھبەرلىكتىن بىر كىشىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىش، خىزمەت جەريانىدا يۈز بەرگەن كەمچىللىك-خاتالىقلىرىنى ئىدارە ھەيئىتىگە يەتكۈزۈشكە بەلگىلىگەن بولسا، بۇنداق قىلىش باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ھېسابلىنامدۇ ياكى ئىدارە ھەيئەتلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن خىزمەتنى ئادا قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    -ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كۆزىتىشنىڭ ھۆكمى.

    ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئالاقىدار بولغان خاتالىق-كەمچىللىكلىرىنى ئىدارە رەھبەرلىكىگە يەتكۈزسە گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن بۇ ئىشلارنى باشقىلارنى ماراپ، يوشۇرۇنچە سۆزلىرىنى تىڭشاپ جاسۇسلۇق شەكىلدە قىلماسلىق كېرەك، جاسۇسلۇق قىلىش چەكلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ وَلَا تَجَسَّسُوا وَلَا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضًا أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ ‏ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر،(ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات 12-ئايەت].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان سۆزنى يالغانغا چىقىرىدۇ، جاسۇسلۇق قىلماڭلار، باشقىلارنى تىڭتىڭلىماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ھەقىقى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار». [بۇخارى 5144-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2563-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي تىلى بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ، ئىمان دىلىغا ئورۇنلاشمىغان كىشىلەر! مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى-خاتالىقىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىزىغا چۈشمەڭلار، كىمكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەۋرىتى-خاتالىقىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئىزىغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ئىزىغا چۈشكەن كىشىنى ئۆيىنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ رەسۋا قىلىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 2023-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 4880-ھەدىس].

   سىپارىينى " غىزائۇل ئەلباب" 1-توم 263-بەتتە مۇنداق دېگەن: "مەشھۇر قاراشلارغا كۆرە، مەخپى قىلىنغان مۇنكەر ئىشنى ئاشكارا قىلىش ھارام بولىدۇ....

ھەجاۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يوشۇرۇن قىلغۇچى دېگەن: ھازىر بولغاندىن باشقا كىشىلەر بىلمەيدىغان مەخپى ئورۇندا قىلىدۇ، ئۇنى يوشۇرىدۇ ۋە باشقىلارغا سۆزلىمەيدۇ.

    ئەمما ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولسىمۇ خوشنىلىرى بىلىدىغان ئورۇندا خاتا ئىش قىلغان بولسا، بۇ خاتالىقنى يوشۇرماستىن ئاشكارا قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ".

-ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سۆزىنى تىڭشاپ، ئۇنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى.

    ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سۆزلىرى-تەلىپۇنلىرىنى تىڭشاش، تەكشۈرۈش، ئۇلارغا بىلدۈرمەي خۇسۇسىي نەرسىلىرىنى تەكشۈرۈش بۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن جاسۇسلۇق ھەرىكىتىدۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىش ۋاقتىدا ئۇخلاش، ئىشنى تاشلاپ ئولتۇرۇش، خىزمەتكە كېيىن كېلىش، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن قايتىش قاتارلىق ئاشكارا يەتكۈزۈش جاسۇسلۇق ھېسابلانمايدۇ.

    ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ بەزىسىنى ياكى ھەممىسىنى ئىدارە رەھبەرلىكىگە يەتكۈزگۈچى سۇخەنچى-گەپ توشۇغۇچىلاردىن بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك.

     مۇشۇنداق خىزمەتكە مەسئۇل قىلىنغان كىشى سەمىمى بولىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىزنى يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا نائىل بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۇممىتىمنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا قىيىنچىلىق-جاپا سالىدىكەن، ئۇلارغىمۇ قىيىنچىلىق-جاپا سالغىن، كىمكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا كۆيىنىدىكەن، مېھرىبانلىق قىلىدىكەن، ئۇلارغا كۆيەنگىن ۋە مېھرىبانلىق قىلغىن». [مۇسلىم رىۋايىتى 1828-ھەدىس].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتى، كۈندىلىك خىزمەتكە كېلىپ-كېتىش ئىشلىرىنى كۈزىتىش ۋە ھېساب ئىلىش ئورنىدا خىزمەت قىلىمەن، شىركەت باشلىقىغا ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى چۈشەندۈرىمەن، شۇنىڭ جۈملىسىدىن: پالانى خىزمەتكە كەلمىدى، پالانى كېچىكتى، پالانى خاتا ئىش قىلدى، پالانى مۇنداق-مۇنداق قىلدى دېگەنلەردىن ئىبارەت، بۇنداق قىلىشىم، مەن شىركەت مۇدىرىنىڭ تېپىلغان كەمچىللىكلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن بۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ بېرىمەن، مەن بۇ ئەھۋاللارنى شىركەت مۇدىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى خىزمەتچىلەرگە نەسىھەت قىلساممۇ ئۇلار پەرۋا قىلمايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ يەنە گۇناھكار بولىمەنمۇ؟ چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: "مۇشۇ سوئالنى سورىغۇچى ئۆز خىزمىتى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلسا، بىر كىشىدىن قورقماي توغرا ئىش قىلسا ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ. نۇ كىشىگە ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن، دەسلەپتە ئىشچىلارغا نەسىھەت قىلىپتۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزەتسە ئەھۋالنى يەتكۈزمەپتۇ، ئەگەر تۈزەتمىسە ئەھۋالنى يەتكۈزۈپتۇ، بۇ ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئاللاھ تائالادىن بۇ كىشىنى مۇستەھكەم قىلىشىنى، ياردەم بېرىشىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنى سورايمىز، چۈنكى ھازىرقى دەۋرىدە بۇنداق ئېسىل كىشىلەر بەك ئاز، بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇلار خىجىل بولۇپ ياكى ھايا قىلىپ ياكى مېنىڭ سەۋەبىمدىن بىر كىشىنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ قىلىشىنى خالىمايمەن دېگەن سۆزلەردىن ئىبارەت، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى خاتا، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلمايدۇ، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن خىزمەتتىن ئايرىلسا بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قىلغان جىنايىتى". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 24/]2.   

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى