پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى

32443

تارقاتقان ۋاقىت : 14-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 5839

سۇئال

سوئال: ئىمام نامازنى تۇگەتكەندىن كىيىن دۇئا ۋە ئىستىغپار (سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر) زىكىرلىرىنى يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە دېيىشى جائىزمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى


ئاللاھغا چەكسىز ھەمدۇ- سانالار بولسۇن.
دۇئا ۋە زىكىرلارنى بەش ۋاخ نامازدىن كىيىن ئىمامنىڭ يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە ھەر كۈنى ۋە داۋاملىق ئادەتكە ئايلاندۇرىۋىلىشى بىدئەت (دىندا ئەسلى يوق) بولۇپ؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەياكى ساھابىلارنىڭ نامازدىن كىيىن ھەر ۋاقىت ئۆپچى دۇئا قىلغانلىقى ساغلام ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنىڭ ھېچ قايسىسىدا قەيت قىلىنغان ئەمەس.
سەئۇدى ئەرەبىستان پەتۋا ئېلمىي تەتقىقات كومىتېتى
(بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنى نامازنىڭ جۇملىسىدىن دەپ قارايمىز، بىراق دىنى مەسىلىلەردە بولسا داۋاملىق توغرىنى ئىزدىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قوبۇل بولىشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرتلەر:
بىرىنچى:
ئىبادەتنى بىر ئاللاھقا چىن ئىخلاس بىلەن قىلىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى:
ئەمەللىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئۈيغۈن بولىشى لازىم.
يۇقىرىدىكى ئىككى شەرت تولۇقلانغاندىلا، ئاللاھنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل بولىشىدىن ئۈمۈت كۈتۈش مۇمكىن.بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىزدىكى نامازدىن كىيىن ئىككى قېتىملاپ جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش ئىمامنىڭ ئاۋازىنى كۆتۇرۇپ سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ زىكىر قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر سۈننەتتە بايان قىلىنمىغان ئىكەن، ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭدىن چەكلىنىشىمىز كېرەك. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىبادەتتىكى ئۆلچەم باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى كۆرۇپ ئەمەس، بەلكى كېم بولۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۈيغۈنمۇ، ياكى ئۇيغۈن ئەمەسمۇ بۇنى ئۆلچەم قىلىشىمىز كىرەك. قۇرئان سۈننەتكە ئۈيغۈن بولسا ئەلبەتتە ئەگىشىشىمىز لازىم ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشىمىز ۋە توغرىنى ئىزدىشىمىز كىرەك.
ئۇنداق دىگەنلىك سىزنى ئاللاھقا دۇئا قىلماڭ ۋەياكى زىكىر قىلماڭ دىگەنلىك ئەمەس ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا دۇئا قىلسۇن ۋە رەببىنى زىكىر قىلسۇن،چۈنكى ھەر كېم ئۆز ھاجىتىنى باشقىلاردىن بەكراق بىلگۇچىدۇر.ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلىسۇن - ت- م).

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى