جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئادەت بىلەن ئىبادەتنىڭ ئارىسىدىكى پەرق

سۇئال

كۆنگەن ئادىتىدە يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟، يەنى مەن قۇرئاندىن مەلۇم بىر سۈرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمدە بىر خىل خۇشۇ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىمەن، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ تۇيغۇلىرىم ئاجىزلاپ كېتىدۇ، قەلبىم ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئويلىنىشقا كۈنۈپ قالغاندەك بولۇپ، شۇنىڭغا كۇپايە قىلاتتى، شۇنىڭدەك بەزى دۇئالارنى ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق بولاتتى، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. 

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئادەت دېگەن: بىتەرەپلىك چۈشەنچە بولۇپ، ئەگەر ئىنسان ياخشىلىققا ئادەتلەنگەن بولسا ۋە ئۇنى قىيىنچىلىقسىز قىلىشتا چىڭ تۇرغان بولسا، بۇ ياخشىلىقتىندۇر. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ياخشلىق ئادەتتۇر، يامانلىق تەرەددۇت قىلىشتۇر.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 221-ھەدىس. ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا 310-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر دانە بورىسى بولۇپ، ئۇنى كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاشلاپ قويدى، كېچىدە كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇپ بۇنى كۈندۈزدە باشقىلارغا يەتكۈزدى، كېيىنكى كېچىدە كىشىلەر كۆپ بولۇپ كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! ئەمەللەردىن كۈچۈڭلار يېتىدىغاننى قىلىڭلار، سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ تائالا زېرىكىپ قالمايدۇ، ئەمەللەردىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرۈلگۈنى ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنىدۇر. «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىر ئەمەلنى قىلسا، ئۇنى پۇختا قىلاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 5861-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 782-ھەدىس].

    ئەبۇ تەييىب رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك: ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا ئادەتلەنگەن ئادىتى بولىدۇ.

     ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا مۇستەھكەم تۇرىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەپلەرنىڭ بىرى: دائىم ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، بۇنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۆزىنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش، ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك، سەل قارىماسلىق، ھورۇنلۇق قىلماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىدىغان ئەمەل-ئىبادەتلىرى دائىم داۋاملىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ بىر ئەمەلنى قىلسا دائىم داۋاملاشتۇراتتى.

    ئىككىنچى: ئادەت دېگەن: ئىنسان ئۇنى قىلىش بىلەن ئىبادەت تۇيغۇسىدا بولمايدىغان، دەم ئالماستىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئادا قىلىدىغان ئىش، بۇ خەتەرلىك بولۇپ ئىنسان بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

    ئىبادەتكە بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپ، ئۇنى ئادا قىلغاندىكى ھۇزۇر دىلغا ئاساسەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ * الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ  المؤمنون  تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى،(شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن)ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.» [مۆمىنۇن سۈرىسى 1-2-ئايەت].

   مۇھىم بولغىنى ئىنسان ئىبادەت قىلغاندا دىلىنى باشقا ئىشلارغا مەشغۇل قىلماستىن ئىبادەتنى ھوزۇر دىل بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن بىر كىشى: مەن نەسىھەت توغرىسىدا يېزىلغان بىر كىتابنى ئوقۇسام، ئۇ كىتابتا مۇنداق سۆز بار ئىكەن: ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن بولغان ئىشلارنى ئادەت قىلىۋالماڭلار، مۇسۇلمان قانداق قىلغاندا ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ئۆزى ئادەتلەنگەن ئادەت قىلماستىن، بەلكى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئىبادەت قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا:

    شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ مەنىسى: ناماز ئوقۇغاندا نامازنى كۈندۈلۈك ئادىتىم دەپ ئادا قىلماستىن (يەنى ئادەت ئەمەس) بەلكى نامازنى مېنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەت دەپ ئىتىقاد قىلىش كېرەك، مەسىلەن: زۇھا ياكى چاشكا نامىزى ئوقۇغاندا بۇنى كۈنلۈك ئادىتىم دەپ ئىتىقاد قىلماستىن بەلكى بۇ مېنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەت دەپ ئادا قىلىش كېرەك. شۇنىڭدەك كېچىلىك ناماز ئوقۇغاندىمۇ، ئۇنى بۇ پەقەت ئاتا-ئانامدىن قالغان ئادەت، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى، مەنمۇ شۇنداق قىلدىم دېمەستىن، بەلكى بۇ مېنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان تائەت-ئىبادەت دەپ ئادا قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچى: ئىبادەتتە ھوزۇر دىل بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلار:

   1-ئىبادەتنىڭ تۈرلۈك بولىشى: ئىنسان ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، زىكىر ئېيتىش، سەدىقە بېرىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى يوقلاش، كېسەللەرنى زىيارەت قىلىش ۋە جىنازا نامىزىغا ھازىر بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ئادەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك، ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بولغان پەزلى-رەھمىتىدىن ئىبادەتنىڭ تۈرى كۆپتۇر.

   2-ئىنسان ئەمەل-ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالەتتە نىيەتنى ھازىر قىلىشتا سەۋىرچان بولۇش.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئۇددەتۇس سابىرىين" ناملىق ئەسىرىدە(65-66-بەت)مۇنداق دەيدۇ: ئىش-ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھالىتىدىكى سەۋرچانلىق: ئىنسان سەۋىرچانلىقنى قىلىۋاتقان ئىشىدىكى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سەل قاراشنىڭ ئاپەتلىرىدىن دەپ سەۋىرنى لازىم تۇتىدۇ، ئىبادەت قىلىنغۇچىنىڭ ئالدىدا ھوزۇر دىل بولۇش، قىلغان ئىشىغا نىيەتنى ھەمراھ قىلىشتا سەۋىرنى لازىم تۇتىدۇ، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ئۇنۇتمايدۇ، ئىش بۇيرۇلغان ئىشنى ئورۇنداشتا ئەمەس بەلكى ھەممە ئىشتا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشتا بۇيرۇغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق ۋە بارلىق ئىشلىرىدا بۇيرۇغۇچىنى ئەسلەپ تۇرىدىغان بولىشى كېرەك. مانا بۇ چىن دىلىدىن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىبادىتىدۇر، بۇنداق شەكىلدىكى ئىبادەت ئىبادەتنىڭ پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت، مۇستەھەپ قاتارلىق ھەممە ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىبادەت قىلىنغۇچىنى ياد ئېتىشنى بىرگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور سەۋىرچانلىققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىبادىتىنى باشقا بىرى مەشغۇل قىلىپ قويمايدۇ، دىلى بىلەن ئاللاھقا ھازىر بولىشىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ بەندىچىلىكىنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويمايدۇ، ئومۇمەن ئۇ كىشىنىڭ ھوزۇر دىل بىلەن تولۇق شەكىلدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بولىشىنى ھېچ نەرسە بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ.

    3-كۆپ دۇئا قىلىشقا تېرىشىش.

    دۇئا بولسا ئاللاھ بىلەن بىرگە بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ بەندىگە بولغان ياردىمىنى ھازىر قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەبنىڭ بىرىدۇر.

   4- قىلىۋاتقان ئىشىنى تەرك قىلماسلىق: قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ قويۇش بولسا شەيتاننىڭ ۋاستىلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنساننى قىلىۋاتقان ئىشىدىن سۇسلاشتۇرىدۇ، دىل ھۇزۇرىنى يوق قىلىدۇ، مۆمىن كىشى بۇنىڭغا بەك دىققەت قىلىشى ۋە قىلىۋاتقان ياخشى ئەمەلنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم.

    5-ئىنسان ھەر ۋاقىت ئىبادەتكە تەييار بولۇش ۋە ھازىرلىنىش بىلەن بىرگە، دىلىنى مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان قورسىقى ئاچ بولۇپ يېمەك ھازىر بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرىتى بەك قىستاپ كەتكەندە نامازغا تۇرمىسۇن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 89-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى