پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

كورونا ۋىرۇسى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى شېھىت ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال

ھازىرقىدەك يۇقۇملۇق ۋىرۇس تارقىلىۋاتقان قېيىن  ۋەزىيەتتە مۇسۇلمان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ھازىرقىدەك يۇقۇملۇق ۋىرۇس سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان كىشى شېھىت ھېسابلىنامدۇ؟. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، بىزنى ۋە سىلەرنى يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ شەررىدىن ساقلىسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.  

    بىرىنچى: مۇسۇلماننىڭ مۇشۇنىڭدەك كۈنلەردە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى 334353)- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغان ئىدۇق، بۇ ھەقتە شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئىككىنچى: قانداق كىشىنىڭ شېھىت بولىدىغانلىقى ۋە شېھىتلەرنىڭ تۈرلىرىنى 226242- ۋە 129214- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق. يۇقۇملۇق كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ شېھىتلىك دەرىجىسىگە ئېرىشىشى تۆۋەندىكى ئىككى يول بىلەن ئۈمىت قىلىنىدۇ:

   بىرى: بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇس ئىنساننىڭ ئۆپكىسىنى كاردىن چىقىرىدۇ، ئەگەر ئىنسان بۇ سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتسە، ئۆپكە تۈبىركىلىيۇز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە قېتىلىدۇ، بەلكى مەرتىۋىسى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىشى مۇمكىن، چۈنكى تۇبىر كىلىيۇز بولسا ئۆپكىنى يارا قىلىدۇ، بۇ توغرىدا سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تۇبىركىلىيۇز بىلەن ۋاپات بولغان كىشى شاھادەت مەرتىۋىسىنى تاپقۇچىدۇر. [تەبرانى رىۋايىتى. ئەبۇ شەيخ ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن. ئىمام ئەھمەد راشىد ئىبنى ھۇبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن كەلتۈرگەن. ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھمۇ "پەتھۇلبارىدا "شۇنداق بايان قىلغان. "پەتھۇلبارى" 6-توم 43-بەت].

    راشىد ئىبنى ھۇبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېسەل بولۇپ قالغاندا ئۇنى يوقلاپ كېرىپ: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن كىملەرنىڭ شېھىت بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟دېگەندە، كىشىلەر جىم تۇرۇشتى، ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مېنى يۆلەپ قويۇڭلار دېدى، ئۇنى يۆلەپ قويدى، ئۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! شېھىت دېگەن: سەبىر قىلغۇچى ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلغۇچى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ شېھىتلىرى ئاز بولۇپ قالىدۇ، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىتتۇر، تائۇن-ۋابا كېسىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى شېھىتتۇر، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى شەھىتتۇر، قورساق ئاغرىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى شېھىتتۇر، تۇغۇت سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئايال شېھىت بولۇپ، ئۇ ئايالنى بالىسى قولىدىن يېتىلەپ جەننەتكە ئىلىپ كېرىدۇ دېدى.

   بەيتىل مۇقەددەسنىڭ مۇتەۋەللىسى ئەبۇ ئەۋۋامىنىڭ رىۋايىتىدە: ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن ۋە سۇدا غەرىق بولۇپ ئۆلگەن كىشىمۇ شېھىت دەپ بايان قىلىنغان.

   مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەيل" بولسا سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەننى بىلدۈرىدۇ، "سىل" بولسا ئۆپكە تۇبىركىلىيۇز بىلەن ئۆلگەننى بىلدۈرىدۇ دەيدۇ". ["پەيزۇلقەدىر" ناملىق ئەسەر 4-توم 533-بەت].

    مۇسنەدنى تەھقىق قىلغۇچىلار 25-توم 380-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ھەممە نۇسخىلىرىدا"سەيل" دەپ كەلگەن بولۇپ، مەنىسى سۇغا غەرق بولۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇل بارى"6-توم 43-بەتتە بۇنى"سىل" دەپ كەلتۈرگەن. بۇنىڭ مەنىسى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان تۇبىركىلىيۇز كېسىلىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداق بولغاندا تائۇن-ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرمۇ شېھىتلەرنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ".

    يۇقىردا" تۇبىركىلىيۇز بىلەن ۋاپات بولغان كىشى شېھىتدېگەن ھەدىس بايان قىلىندى.

    مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ"پەيزۇلقەدىر" ناملىق ئەسەر 4-توم 145-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تۇبىركىلىيۇز بىلەن ۋاپات بولغان كىشى شېھىت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىنچىكە قىزىتما بىلەن ئۆپكىنىڭ يارا بولۇپ ۋاپات بولىشىدىن ئىبارەتتۇر".

    ئىككىنچىسى: يۇقۇملۇق كورۇنا ۋىرۇسى ئىنساننىڭ جىگەر ياكى بۆرىكىنى كاردىن چىقارسا، ئۇ كىشى شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈپ كەتسە، قورسىقى ئاغرىپ ئۆلگەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شەھىدلەر بەش تۈرلۈك بولىدۇ: تائۇن-ۋابا كېسىلى بىلەن، قورسىقى ئاغرىش بىلەن، سۇغا غەرق بولۇش بىلەن، تام بېسىۋېلىش بىلەن ئۆلگەنلەر ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ شەھىد بولغانلار. [بۇخارى رىۋايىتى 2829-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1914-ھەدىس].

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ:" قورسىقى ئاغرىپ ئۆلگەن دېگەن: ئېچى سۈرۈلۈپ ئۆلۈپ كېتىش دېمەكتۇر، قازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قورساق ئاغرىقى دېگەن: ئېچى سۈرۈش ۋە قورسىقى ئىششىپ قىلىش دېمەكتۇر، بەزى ئۆلىمالار: مۇتلەق قورسىقى ئاغرىپ ئۆلۈپ كېتىش دېمەكتۇر دەيدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "ھەدىستە: "مەبتۇن" يەنى قورسىقى ئاغرىپ ئۆلگەن كىشى شېھىت دەپ بايان قىلىنىپتۇ، جىگىرى كاردىن چىقىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىمۇ قورسىقى ئاغرىپ ئۆلگەن كىشىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەبتۇن" دېگەن سۆزنى بەزى ئۆلىمالار: قورسىقى ئاغرىپ ئۆلگەن كىشى دېگەن، بۇنىڭغا كۆرە قورسىقى قايسى شەكىلدە ئاغرىپ ئۆلگەن بولسا، شېھىت بولىدۇ دېمەكتۇر، شۇنىڭدەك جىگىرى كاردىن چىقىپ ئۆلگەن كىشىمۇ قورسىقى ئاغرىپ ئۆلگەن كىشىنىڭ جۈملىسىدىن بولىشى مۇمكىن". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ:دەۋەت ژورنىلىدىكى پەتىۋالىرىدىن ئېلىندى"].

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ھازىر تارقىلىۋاتقان يۇقۇملۇق كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن ۋاپات بولغان كىشىنىڭمۇ شېھىتلەرنىڭ قاتارىدىن بولىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ.

    بىز يۇقىردا 333763-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغاندەك، شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، ھازىر تارقىلىۋاتقان يۇقۇملۇق كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى تائۇن-ۋابا كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغانلارنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن بىزدىن بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇس بالاسىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى، بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى سالامەت قىلىشىنى سورايمىز.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى