شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەپات كۈنى ئەرەپاتقا يېقىن بولغان نەمىرە دېگەن جايدا تۇرغان. كۈن ئېگىلگەن ۋاقىتتا يەنى پىشىننىڭ ۋاقتى بولغاندا، قوزغىلىپ ئەرەپات بىلەن نەمىرەنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۇرەنە جىلغىسىغا چۈشكەن، ئۇ يەردە بىر ئەزەن ئىككى تەكبىر بىلەن پىشىن بىلەن ئەسىرنى پىشىننىڭ ۋاقتىدا ئىككى رەكەتتىن قىلىپ ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ يەردىن قوزغىلىپ ئەرەپاتتا تۇرىدىغان جايغا كېلىپ ئۇ يەردە تۇرغان ۋە: مەن بۇ يەردە تۇردۇم، ئەرەپاتنىڭ ھەممىسى تۇرىدىغان جايدۇر، دېگەن. كۈن پاتقۇچە قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ دۇئا قىلىپ تۇرغان، كۈن تولۇق ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مۇزتەلىپىگە قايتقان.
ھاجىلاردىن ئەرەپاتتا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار:
بىرىنچى: بەزى ھاجىلار يېنىڭىزدىن ئۆتكەندە قارىسىڭىز ئۇلار مىنادىن ئەرەپاتقا مېڭىش جەريانىدا تەلبىيەنى ئۆنلۈك ئېيتمايدۇ، سىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ تەلبىيە ئېيتقانلىغىنىمۇ ئاڭلىيالمايسىز. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقانغا قەدەر تەلبىيە ئېيتىشنى توختاتمىغان.
ئىككىنچى: ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولغان چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرى بەزى ھاجىلارنىڭ ئەرەپات كۈنىدە ئەرەپات دائىرىسىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چۈشكەن جايلىرىدا كۈن پاتقۇچە تۇرۇپ ئاندىن شۇ جايدىن مۇزتەلىپىگە قايتىدۇ. ئەگەر كىمكى ئەرەپاتنىڭ سىرتىدا تۇرىدىكەن ھەج قىلغان بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ھەج ئەرەپاتتا تۇرۇش بىلەن بولىدۇ،» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 889-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىرۋائۇل غەلىل ناملىق ئەسەرنىڭ 1064-ھەدىسىدە كەلتۈرگەن].
ھەرقانداق كىشى ئەرەپاتتا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ۋە بەلگىلەنگەن ئورۇندا تۇرمايدىكەن بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۇ كىشىنىڭ ھەججى ھەج بولمايدۇ. بۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەك مۇھىم ئىش.
ئەرەپاتنىڭ دائىرىسىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگىلەر قويۇلدى، بۇنى سەل قاراپ چەكتىن ئاشۇرۋىتىدىغان كىشىلەردىن باشقا ھەممە كىشى بىلىدۇ. ھەج قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرەپاتنىڭ ئىچىدە تۇردىمۇ ياكى سىرتىدا تۇرۇپ قالدىمۇ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئەرەپات دائىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
كاشكى ھەج ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشى ۋە ئورگانلار بارلىق ھاجىلارغا يەتكۈزۈش مۇمكىن بولىدىغان ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ، بىر قانچە تىلدا ھەج شېركەتلىرىگە ھاجىلارنى بۇ ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە ئالغان بولسا، كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىنى تولۇق بىلگەن بولسا، ھەج پائالىيىتىنى زىممىسىدىن ئادا بولغىدەك دەرىجىدە توغرا ئادا قىلغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى!..
ئۈچىنچى: بەزى ھاجىلار كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا دۇئا بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىدا تۇرغان تاغقا يۈزلىنىدۇ، قىبلە ئۇلارنىڭ كەينىدە ياكى ئوڭ-سول تەرىپىدە بولىدۇ، بۇمۇ بىلىمسىزلىك ۋە خاتالىقتىن كىلىپ چىققان ئىشلار. ئەرەپات كۈنى دۇئا قىلغاندا قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلىش كېرەك. تاغ ئالدى تەرەپتە ياكى ئارقا تەرەپتە ياكى ئوڭ-سول تەرەپتە بولسىمۇ بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغنىڭ كەينى تەرىپىدە تۇرغان، قىبلە ئالدى تەرەپتە بولغاچقا، تاغ تەرەپكە(قىبلىگە)يۈزلىنىپ دۇئا قىلغان، تاغ ئۆزى بىلەن قىبلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تاغ تەرەپكە يۈزلىنىپ دۇئا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.
تۆتىنچى: بەزى ھاجىلارنىڭ قارىشىدا ئىنسان چوقۇم تاغنىڭ يېنىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۇرغان ئورۇنغا بېرىپ تۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تاغنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن يول مېڭىپ، چارچاپ، ھالىدىن كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا پىيادە ماڭغۇچىلار يولنى بىلمىگەنلىكتىن سۇ ۋە يېمەكلىك تاپالماي ئاچ-ئۇسسۇز قالىدۇ، يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق خاتا قاراشنىڭ سەۋەبىدىن ماددى-مەنىۋىي تەرەپتىن زىيانغا ئۇچرايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: مەن بۇ يەردە تۇردۇم، ئەرەپات دائىرىسىنىڭ ھەممىسى تۇرىدىغان جاي، دېگەن. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغۇچىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرغان ئورىنىدا تۇرىمەن دەپ جاپا-مۇشەققەت تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئاسان بولغان جايدا تۇرۇشقا بۇيرىغان، چۈنكى ئەرەپاتنىڭ ھەممە يېرى تۇرىدىغان جايدۇر.
بەشىنچى: بەزى ھاجىلار ئۆز قارىشى بويىچە ئەرەپاتتىكى دەل-دەرەخلەر مىنا-مۇزتەلىپىدىكى دەل-دەرەخلەرگە ئوخشاش، ئۇنى سۇندۇرۇش، يوپۇرماقلىرىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار توغرا بولمايدۇ. دەرەخنى چاتاپ قويسا ئوۋ ئوۋلىغاندەك جىنايەت بولىدۇ دەپ خاتا قاراشتا بولىدۇ. دەرەخنى چاتاشنىڭ ئېھرام بىلەن ئالاقىسى يوق، ئۇنىڭ پەقەت ئورۇن-ماكان بىلەن ئالاقىسى بار، ھەرەم دائىرسىدىكى دەل-دەرەخلەرنى كېسىش، چاتاش توغرا بولمايدۇ، ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئېھراملىق ھالەتتىمۇ چاتىسا، كەسسە گۇناھ بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئەرەپات دائىرىسىدىكى دەل-دەرەخلەرنى كەسسە گۇناھ بولمايدۇ، (كىشىلەر تىككەن دەل-دەرەخلەرنى كېسىشنى چەكلەش ئۇنىڭ ھەرەم دائىرسى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا (دەرەخ تىككۈچىنىڭ) تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئەرەپات دائىرىسىگە ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ كۈن نۇرىدىن سايىدىشى ئۈچۈن تىكىلگەن دەرەخلەرنى كېسىش-چاتاشمۇ ھاجىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان بولغاچقا، ئەرەپات دائىرىسىدىكى دەرەخلەرنى كېسىش ھەرەمگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئومۇمى كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ).
ئالتىنچى: بەزى ھاجىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتا يېنىدا تۇرغان تاغنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى بار دەپ قاراپ، شۇ يەرگە بارىدۇ، تاغقا يامىشىپ ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ، تاغنىڭ تاش-توپىلىرىنى تەۋەررۈك قىلىدۇ، دەرەخلەرگە بىر نەرسىلەرنى چىگىپ قويۇشتەك بەزى بىر ئىشلارنى قىلىدۇ، بۇ ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر. تاغقا يامىشىپ چېقىش، ئۇ يەردە ناماز ئوقۇش، دەرەخلەرگە بىر نەرسىلەرنى ئېسىش دىندا يولغا قويۇلمىغان ئىشلار بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىرەرمۇ ئەسەر بايان قىلىنمىغان بەلكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇت پەرەسلىكنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيىھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن يولدا مۇشرىكلار قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان بىر دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ساھابىلەرنىڭ بەزىسى: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مۇشرىكلارنىڭ ئەنۋات دەرىخى بولغاندەك بىزگىمۇ ئەنۋات دەرىخى قىلىپ بەرسىلە؟ دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن تەئەججۈپلىنىپ كېتىپ، ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاپ: بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى ئەينى كاپىرلارنىڭ يولى، سىلەر ئىلگىركىلەرنىڭ يولىغا ئاتلىنىۋاتىسىلەر، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: مۇشرىكلارنىڭ ئېلاھلىرى بولغاندەك بىزگىمۇ ئېلاھ قىلىپ بەر دېگەنگە ئوخشاش سوزنى دەۋاتىسىلەر، دەيدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى2180-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئاسىمنىڭ: "سەھىھ سۈننەتلەر" ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىدا تۇرغان تاغمۇ ئەرەپاتتىكى باشقا تاغ-جىلغىلارغا ئوخشاش ئادەتتىكى تاغ بولۇپ ئۇنىڭ ھېچبىر ئالاھىدىلىكى بولمىسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاغنىڭ يېنىدا تۇرغان بولغاچقا، مۇمكىن بولسا شۇ جايغا بېرىپ تۇرسا بولىدۇ، مۇمكىن بولمىسا ئۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇش ۋاجىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان ئۇ يەرگە بارىمەن دەپ ئۆزىنى ئارتۇقچە جاپاغا سالماسلىقى كېرەك.
يەتتىنچى: بەزى ھاجىلار ئۆز قارىشى بويىچە ئەرەپاتتا پىشىن بىلەن ئەسىرنى مەسچىتكە بېرىپ ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇمىسا بولمايدۇ دەپ قاراپ، نامازنى مەسچىتتە ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇش ئۈچۈن يىراق جايلاردىن مېڭىپ مەسچىتكە كېلىشكە ئۇرىنىدۇ، ئۇلار مەسچىتكە كېلىپ بولغىچە كۆپ جاپا تارتىدۇ، ئەزىيەت چېكىدۇ، يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن چوڭ ئەزىيەت بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىگە تاپا قىلىش، ئازار بېرىش يۈز بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتا تۇرغاندا: مەن بۇ جايدا تۇردۇم، ئەرەپاتنىڭ ھەممە يېرى تۇرىدىغان جاي،دېگەن.
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: زېمىننىڭ ھەممە يىرى مەن ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان پاك جاي قىلىندى،دېگەن. ھاجىلار ئارتۇق جاپا تارتىۋالماستىن نامازنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشكەن چېدىرلىرىدا تىنچ-خاتىرجەم، جاپا-مۇشەققەتسىز ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ.
سەككىزىنچى: بەزى ھاجىلار ئەرەپات دائىرىسىدىن كۈن ئۆلتۈرۈشتىن ئىلىگىرى چىقىپ كېتىپ، مۇزتەلىپىگە كېلىدۇ، بۇ چوڭ خاتالىق، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى مۇشرىكلارنىڭ ئەرەپات دائىرىسىدىن كۈن ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن چېقىپ كەتكەنلىك ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇنداقلا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەپات دائىرىسىدىن كۈن تولۇق ئۆلتۈرۈپ سېرىقلىقى ئازراق يوقالغاندىن كېيىن قايتقان. مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن ھاجىلار كۈن تولۇق ئۆلتۈرۈپ بولغىچە ئەرەپات دائىرىسىدىن چېقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئەرەپاتتا تۇرۇش كۈن ئۆلتۈرۈشقا ئالاقىدار بولىدۇ. خۇددى روزىدار كىشىنىڭ كۈن ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئىپتار قىلىشى توغرا بولمىغاندەك، ئەرەپاتتا تۇرىۋاتقان ھاجىلارنىڭمۇ كۈن ئۆلتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئەرەپات مەيدانىدىن قايتىپ چېقىشى توغرا بولمايدۇ.
توققۇزىنچى: پايدىسىز ئىشلارغا ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىش. بەزى ھاجىلار ئەتىگەندىن كەچ كىرگىچە قۇرۇق پاراڭ سېلىشىدۇ. بەزىلىرى كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرۇيى، غەيۋىتىنى قىلىشتىن ساقلىنىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلىرى ھېچ نېمىنى تۇيماستىن كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى چۈشۈرىدىغان، غەيۋەت قىلىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار كېيىنكى غەيۋەت قىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ قالسا، ئۇلاردىن ھەزەر قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىككى ئىش سادىر بولىدۇ:
بىرىنچىسى: غەيۋەت قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يېيىش، بۇنداق قىلىشنىڭ ئېھرامغىمۇ زېيىنى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ تەرجىمىسى: بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. [سۈرە بەقەرە 197-ئايەت].
ئىككىنچىسى: ۋاقىتنى زايە قىلىشتىن ئىبارەت.
ئۆز-ئارا قىلىشقان سۆزلەر چەكلەنگەن دائىرىدە بولمىسىمۇ ۋاقىتنى زايە قىلىۋەتكەنلىك بولىدۇ. لېكىن ھاجىلار زاۋال بولۇشتىن ئىلگىرى قۇرۇق پاراڭ سىلىشسىمۇ ئەمما زاۋالدىن كېيىن يەنى پىشىن-ئەسىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، زىكىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىشى كېرەك. بىر ئاز چارچاپ قالسا باشقىلارغا پايدىسى بولىدىغان، خۇرسەن قىلىدىغان، دىنى ئىلىملار، پىقھى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سۆزلەرنى قىلسىمۇ بولىدۇ، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىش، ئارزۇ قىلىشنىڭ ئېشىكىنى ئاچىدۇ، لېكىن كۈندۈزنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۇئاغا مەشغۇل بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىپ، تەكرار كۆپ دۇئا قىلىش، بولۇپمۇ قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ كۈندە كۆپ قىلغان دۇئانى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇش دەرىجىسى بەك يۇقىرىدۇر.