جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان شېركەتلەردىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

343162

تارقاتقان ۋاقىت : 09-01-2022

كۆرگۈچىلەر : 1044

سۇئال

يۇرتۇمدا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە خاس بولغان رەسمى بىر شىركەت بار بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. مەسىلەن: سەھىيە ياردىمى، ئاپتۇبۇس ۋە پويىز قاتنىشىنىڭ بېلەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، بانكىدىن تۆۋەنرەك نىسبەت بىلەن جازانە شەكىلدە بولسىمۇ ئۇلارغا ئۆي ئېلىپ بېرىش، ئاز چېقىم بىلەن ئۇلارغا كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىنى تەييارلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، بۇ شېركەتنىڭ مالىيە كىرىمى، دۆلەتنىڭ مالىيە ياردىمى، سوغات، ھەدىيە، قەرز قاتارلىق تەرەپلەردىن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بەزى مەجبۇرى قاتناشقانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلاردىن كىرىدىغان كىرىم %2 نى تەشكىل قىلىدۇ، ... دادام يىگىرمە يىلدىن بىرى بۇ شىركەتكە ئەزا بولۇپ كەلمەكتە، شىركەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن مەلۇم ئوقۇغۇچىلارغا زور مىقداردا ئوقۇش ياردەم پۇلى ئاجراتتى، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، ئاللاھ تائالا ماڭا بۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى، ئىلگىرى داداممۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلانغان، لېكىن ئاخىرىدا مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدا ئۇلاردىن ئالغان پۇل ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ بۇ توغرىدا شەك پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇنداق بولىشى: بىرىنچى: ئۇ شىركەتكە ياردەم بېرىدىغان جازانە شەكىلدىكى قەرزلەر. ئىككىنچى: مەن بۇ شىركەتنى سۇغۇرتا شىركىتىگە ئوخشىتىپ قالدىم، ھەممە كىشى سۇغۇرتا ئۆتەيدۇ، ئەمما ھەممە كىشى شۇ نىسبەتتە پايدىلانمايدۇ، شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى ئوقۇش ياردەم پۇلىدىنمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلەر پايدىلىنالمىدى، گەرچە مەن يۇقىرى نەتىجە بىلەن ھەقلىق بولۇپ ئالغان بولساممۇ، بۇ مالنى ئېلىش ھاراممۇ؟ قولۇمدا قالغان مالنى قانداق قىلىمەن؟، بىلىشىمچە، مەن مالنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى سەرپ قىلدىم، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، ئاللاھ ماڭا ئۇ ماللارنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. دادام مېنىڭ مالدىن خالاس بولۇپ كېتىشىمگە يول قويمايدۇ، ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېتىبارغا ئالماسلىقتىن ئەمەس، لېكىن مېنى بۇلاپ ئالماستىن بەلكى ئۇ مالنى ئېلىشقا ھەقلىق بولۇپ ئالدى دېگەن قانائەت بولغانلىقى ئۈچۈن، چۈنكى داداممۇ ئۇ شىركەتكە مەبلەغ سالغان ئىدى؟.

قىسقىچە جاۋاپ

گەرچە بۇ شىركەت بەزى ھارام ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ ياكى بەزى كىرىملىرى ھارام مالدىن بولسىمۇ، سىز بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى مالنىڭ ھاراملىقى ئۇنى كەسىپ قىلغان تەرەپتىن بولىدۇ، بۇ كەسىپ قىلغۇچىغا ھارام بولىدۇ، ئۇنىڭ توغرا بولغان يول بىلەن ئالغۇچىغا ھارام بولمايدۇ، بۇ خۇددى سوغات ۋە مۇكاپاتقا ئوخشاشتۇر، ئەمما دادىڭىزنىڭ بۇ شىركەتكە قاتناشقانلىق مەسىلىسىنى تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان تەپسىلى جاۋاپتىن كۆرۈڭ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: گەرچە بۇ شىركەت بەزى ھارام ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ ياكى بەزى كىرىملىرى ھارام مالدىن بولسىمۇ، سىز بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى مالنىڭ ھاراملىقى ئۇنى كەسىپ قىلغان تەرەپتىن بولىدۇ، بۇ كەسىپ قىلغۇچىغا ھارام بولىدۇ، ئۇنىڭ توغرا بولغان يول بىلەن ئالغۇچىغا ھارام بولمايدۇ، بۇ خۇددى سوغات ۋە مۇكاپاتقا ئوخشاشتۇر.

    مۇھەممەد ئىلىش مالىكىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جازانە، توغرا بولمىغان سودا قاتارلىق ھارامدىن كەسىپ قىلىنغان مال توغرىسىدا: ھارامدىن مال كەسىپ قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ مال ۋارىسلىرىغا ھالال بولامدۇ؟، ئۇ كىشى قەستەن ھارام كەسىپ قىلغانمۇ ؟ دەپ ئالىملار ئىختىلاپ قىلىشتى.

    ئوغرىلانغان ۋە بۇلانغان ھاراملىقى ئېنىق بولغان مال بولسا بۇنى ئېلىش ھالال بولمايدۇ". ["مەنھىل جەلىيل شەرھى مۇختەسەر خەلىيل" 2-توم 416-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: كەسىپ سەۋەبىدىن ھارام بولسا، ئۇنىڭ گۇناھى كەسىپ قىلغۇچىدىن توغرا يول بىلەن ئالغۇچىغا ئەمەس بەلكى كەسىپ قىلغۇچىغا بولىدۇ، ھاراق ۋە ھەقسىز ئىلىۋېلىشتىن ئىبارەت ئۆزى ھارام بولغان نەرسە بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، بۇ كۈچلۈك بولغان سۆزدۇر. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىلىسى ئۈچۈن يەھۇدىيدىن يېمەكلىك سېتىۋالغان، خەيبەردە يەھۇدىي خوتۇن ھەدىيە قىلغان قوينىڭ گۆشىدىن يېگەن، يەھۇدىينىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلغان. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، يەھۇدىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى جازانىخورلۇق قىلىش ئارقىلىق ھارام مال توپلايدۇ. شۇنىڭدەك بۇ قاراشنى يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەرىرىگە سەدىقە قىلىنغان گۆش توغرىسىدىكى ئېيتقان «بۇ ئۇنىڭغا سەدىقە ۋە بىزگە ھەدىيە» دېگەن سۆزى كۈچلەندۈرىدۇ. " [قەۋلۇل مۇپىيد ئەلا كىتابۇت تەۋھىد"3-توم 112-بەت].

    ئىككىنچى: ئەمما دادىڭىزنىڭ بۇ شىركەتكە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ توغرىسىدىكى تەپسىلاتى:

   1-ئەگەر ئىشتىراك مەجبۇرى شەكىلدە بولغان بولسا، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، ئۇنىڭ شىركەت بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرى بېكىتىلسۇن ياكى بېكىتىلمىسۇن ئوخشاش، ئۇنىڭ شېركەتتىن كەلگەن نەرسىلەردىن پايدىلىنىشى توغرا بولىدۇ، ھەتتا كەلگەن نەرسە ئۆزى ئىشتىراك بولغان مالدىن زىيادە بولسىمۇ.

   2-ئەگەر ئىشتىراك ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولسا، ئىشتىراك بولغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئىشتىراك بېجىدىن كىرگەن پايدىنى شىركەت ئۆزى ئۈچۈن ئالمايدۇ، بۇ پايدا ئىشتىراك قىلغۇچىلارغا ياكى پاي سالغۇچىلارغا قالدۇرۇلىدۇ، بۇ دۇرۇس بولىدىغان ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىدۇر.

   بۇ شەكىلدىكى سۇغۇرتىدا مەسىلە يوق، چۈنكى ھەممەيلەن ئوخشاش رۇسۇم تاپشۇرۇپ پەقەت بەزىلەرنىڭ پايدىلىنىشى بولسا بۇ ھەمكارلىقنىڭ تەبىئىتى، بۇ مال  بەزىلەرنىڭ ۋاپات بولىشى، بەزىلەرنىڭ ئىشسىز قىلىشى ۋە يەنە بەزىلەرنىڭ  يۇقىرى نەتىجە قازىنىشى قاتارلىق مەلۇم بىر ھاجەتنى توسۇش ئۈچۈن توپلىنىدۇ، كىمدە ھەقلىق بولۇش شەرتى تېپىلىدىكەن ئۇ كىشى ئالىدۇ.

   پەرەز قىلساق، بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار بەرگەن مالنى ئىئانە قىلغان بولىدۇ، ئورنىغا بىر نەرسە ئېلىشنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇلار  ئىشتىراك ھەققىنى ئۆتەپ ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن شىركەت ئەزالىرىغا جازانە شەكىلدە قەرز بېرىدۇ ياكى جازانە بىلەن ئۇلارغا ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ، ياكى جازانە شەكىلدىكى پاي قوشۇش ھېسابى بىلەن بانكىدا قويىدۇ، بۇنداق شەكىلدىكى سۇغۇرتىغا ئىشتىراك قىلىش توغرا بولمايدۇ، دادىڭىز بۇ شېركەتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، چۈنكى جازانىنىڭ گۇناھى –بارلىق ھارام مۇئامىلەنىڭ گۇناھى- شىركەتكە ئەزا بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە قېتىلىدۇ، ئۇنداق بولىشى ئىدارە دېگەن ئىشتىراك بولغۇچىلارنىڭ ۋەكىلىدۇر، ئەگەر ئۇلار شۇنى بىلىپ تۇرۇپ شىركەت بىلەن بولغان كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرسا، ئىدارە قىلغان ئىشنىڭ گۇناھى ئۇلارغا قېتىلىدۇ.

   3- ئەگەر ئىشتىراك ئىختىيارى بولغان بولسا، پايدىنى شىركەت ئۆزى ئۈچۈن ئالىدىغان بولسا، بۇ ھارام بولغان ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى ھېسابلىنىدۇ.

         ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى