پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

شەيتانغا تاش ئېتىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار

سۇئال

ھاجىلاردىن شەيتانغا تاش ئاتقان ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيت كۈنى چاشكا ۋاقتى بىلەن مەككە تەرەپكە يېقىن بولغان چوڭ شەيتانغادادۇر ياكى نوقۇت چوڭلۇقىدىكى تاشلاردىن يەتتە تال تاش ئاتقان. ھەر بىر تال تاشنى ئاتقاندا تەكبىر ئېيتىپ ئاتقان.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مىناغا بارىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغقا مېنىپ بولۇپ ماڭا تاش تېرىپ بەر دېدى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چېكىپ ئاتىدىغان تاشلارنى ئەكىلىپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاشنى قولىغا ئېلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلارنى ئېتىڭلار، چەكتىن ئاشۇرۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ دىندا چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولغان، دېدى. [ئىبنى ماجە رېۋايىتى 3029-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىدە 2455-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە قىلىش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، مانا بۇ شەيتاننىڭ سېمۋولىغا تاش ئېتىشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت.

ھاجىلاردىن تاش ئېتىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: بەزى ھاجىلارئۆز قارىشىدا شەيتانغا ئاتىدىغان تاشنى مۇزتەلىپىدىن ئېلىپ كېلىپ ئاتمىسا توغرا بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇزتەلىپىدىن مىناغا مېڭىشتىن ئىلگىرى ھەدەپ تاش تېرىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز، بۇ خاتا قاراش بولۇپ، مەقسەت تاش ئېتىش بولغانلىقى ئۈچۈن تاشنى مۇزتەلىپىدىن ئالسىمۇ، مىنادىن ئالسىمۇ ياكى باشقا جايلاردىن ئالسىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مۇزتەلىپىدىن تاش ئېلىشقا بۇيرىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇزتەلىپىدىن تاش تېرىشنى سۈننەت دېمەيمىز. يەنى مۇزتەلىپىدىن تاش تېرىش زۆرۈر ئەمەس. سۈننەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزاكى-ئەمەلى ئىش-ئىزلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇزتەلىپىدىن تاش تېرىش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان.

ئىككىنچى: بەزى ھاجىلار تاشنى تېرىپ بولغاندىن كېيىن تاشلارنىڭ پاكىزە بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، يۇيۇپ ئاتساق ئەۋزەل دەپ قارايدۇ. ھەرقانداق ھالەتتە شەيتانغا ئاتىدىغان تاشنى يۇيۇپ ئېتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئىبادەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلمىغان بىر ئىشنى ئۇنىڭغا قوشۇپ مۇنداق قىلسام كۆپراق ئەجرى ئالىمەن دەپ قىلىش بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىبادەت ئەمەس دەپ قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئەقىلسىزلىكى ۋە ۋاقتىنى زايا قىلغانلىقى بولىدۇ.

ئۈچىنچى: بەزى ھاجىلار تاش ئاتىدىغان ئورۇنلارغا تىكلەنگەن تاشلارنى شەيتان دەپ ئويلاپ، شەيتانغا تاش ئاتتۇق دەپ ھەر بىر تاشنى قاتتىق غەزەپ، نەپرەت، ئاچچىقلىنىش بىلەن گوياكى شەيتاننى ئالدىدا دەپ ئويلاپ تاش ئاتىدۇ، بۇنىڭدىن بىر قانچە زور خاتالىق يۈز بېرىدۇ:

1- بۇنداق قىلىش خاتا، چۈنكى بىز ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ھەقىقى بەندىچىلىكنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بۇ شەيتانلارغا تاش ئاتىمىز. ئىنسان تائەت-ئىبادەت قىلىپ ئۇنىڭ پايدىسىنى بىلمەيدىكەن، پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قېلىش ئۈچۈن قىلىدىكەن، بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنى تۆۋەن تۈتىشى ۋە ئاللاھ تائالاغا تولۇق بويسۇنۇشىنى بىلدۈرىدۇ.

2- ئىنسان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، غەزەبلىنىپ، بوغۇلۇپ بىر ئىشنى قىلىدىكەن، بۇنداق كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا بەك ئازار يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرىمىز، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىگە ئالدىدا تۇرغان كىشىلەر ھاشارەتتەك كۆرۈنۈپ ھېچ نېمىگە پەرۋا قىلمايدۇ، ئاجىزلارنىڭ ھالىغا باقمايدۇ، پەقەت ئۈركىگەن تۆگىدەك ئالدىغا ئىنتىلىدۇ.

3-ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇشۇ تاش ئېتىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمىگەندە، يولغا قويۇلغان ئىشتىن چەتنەپ، يولغا قويۇلمىغان باشقا ئىشقا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر تاش ئاتقان ۋاقىتتا: "ئى ئاللاھ! مەن ئاللاھ تائالانى رازى قېلىپ، شەيتانغا غەزەپ قىلىپ تاش ئېتىۋاتىمەن" دەيدۇ. شەيتانغا تاش ئاتقاندا بۇنداق دېيىش يولغا قويۇلمىغان، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ھەر بىر تال تاشنى ئاتقان ۋاقىتتا تەكبىر ئېيتىپ (يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر) تاش ئېتىش يولغا قويۇلغاندۇر.

4-مۇشۇ خاتا قاراشقا ئاساسلىنىپ بەزى ھاجىلارشەيتانغا تاش ئاتقاندا، شەيتاندىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن تاش قانچە چوڭ بولسا بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپ كۆپ بولىدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا چوڭ تاشلارنى ئاتىدۇ. ھەتتا بەزى ھاجىلار ئاياغ، ياغاچ ۋە كۈنلۈك قاتارلىق ئېتىشقا بۇيرۇلمىغان نەرسىلەرنىمۇ ئاتىدۇ. ئەگەر بىز، بۇ خاتا ئېتىقاد دەپ قارىساق، تاش ئاتقان ۋاقىتتا قەلبىمىزگە نېمىنى پۈكۈپ ئېتىشىمز كېرەك؟ دېسەك، بۇنىڭ جاۋابى، بىز تاش ئاتقاندا، ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى ئېتىقاد قىلىپ تۇرۇپ تاش ئاتىمىز.

تۆتىنچى: بەزى ھاجىلارئاتقان تاش بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چۈشتىمۇ ياكى چۈشمىدىمۇ؟ بۇنىڭغا سەل قاراپ پەرۋا قىلمايدۇ. ئاتقان تاش بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چۈشمەيدىكەن، تاش ئېتىش توغرا بولمىغان بولىدۇ،ئۆز قارىشىدا ئاتقان تاش بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چۈشتى دەپ بەكرەك ئېشەنچ قىلىدىكەن توغرا ئاتقان بولىدۇ. چۈنكى تولۇق چۈشكەن بولۇشىغا ئېشەنچ قىلىش شەرت ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك قارىشىدا چۈشتى دەپ قارىسا توغرا بولىدۇ. چۈنكى بىر ئىشتا شەكلىنىپ قالغاندا كۈچلۈكرەك قاراش تەرىپى توغرا دەپ قارىلىدۇ. خۇددى بىر كىشى نامازنى ئۈچ رەكەت ئوقۇدۇممۇ ياكى تۆت رەكەت ئوقۇدۇممۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا كۈچلۈك قاراش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «توغرا بولدى دېگەننى تاللاپ، شۇ بويىچە نامازنى تاماملايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1020-ھەدىس.

يۇقىرىقى ھەدىس ئىبادەت ئىشلىرىدا كۈچلۈك قاراشنىڭ كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىدۇر، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا تولۇق ئىشەنچ تۇرغۇزۇش قېيىن بولىدۇ.

ئاتقان تاش دائىرە ئېچىگە چۈشىدىكەن كۇپايە قىلىدۇ، تاش ئۇ يەردىن يۇمۇلاپ ياكى چاچراپ كەتسىمۇ مەيلى.

بەشىنچى: بەزى ھاجىلار ئاتقان تاش چوقۇم دائىرە ئېچىگە تىكلەنگەن تۈۋرۈككە تېگىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ. بۇ توغرا قاراش ئەمەس، چۈنكى ئاتقان تاشنىڭ تىكلەنگەن تۈۋرۈككە تېگىشى شەرت ئەمەس. بۇ تۈۋرۈك پەقەت تاش چۈشىدىغان جايغا قېلىنغان بەلگىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تاش دائىرە ئېچىگە چۈشىدىكەن تۈۋرۈككە تەگسۇن ياكى تەگمىسۇن توغرا بولىدۇ.

ئالتىنچى: بۇ يەردە ئاگاھلاندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان زور خاتالىق، بەزى كىشىلەر تاش ئېتىشقا سەل قاراپ، ئۆزى ساق-سالامەت تۇرۇپ تاش ئېتىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ زور خاتالىق، چۈنكى تاش ئېتىش دېگەن ھەج پائالىيىتىنىڭ شۇئارلىرى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار. [سۈرە بەقەرە 196-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

يۇقىرىقى ئايەت ھەج پائالىيىتىنى بارلىق شۇئارلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېنى ساق، ساغلام ئىنسانلارنىڭ شەيتانغا ئاتىدىغان تاشنى ئۆزى ئېتىشى، ساق تۇرۇپ باشقىلارغا ھاۋالە قىلماسلىقى كېرەك.

بەزى كىشىلەر: قىستاڭچىلىقتا ئېغىر كېلىدىكەن دەيدۇ، ئۇلارغا دەيمىزكى، ئەتتىگەندە ھاجىلار مۇزتەلىپىدىن كەلگەندە قىستاڭچىلىق بولسا، كەچ تەرەپتە ياكى كېچىدە قىستاڭچىلىق بولمايدۇ، كۈندۈزدە ئاتالمىسىڭىز كەچتە ياكى كېچىدە ئېتىڭ، گەرچە كۈندۈزدە تاش ئېتىش ئەۋزەل بولسىمۇ، ئەمما كېچىدە ئاتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى كۈندۈزدە قىستىلىپ، چارچاپ ئاتقان تاشنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چۈشىشىمۇ ناتايىن، شۇڭا كۈندۈزدە قېينىلىپ تاش ئاتقاندىن كېچىدە تېنچ، ئارامچىلىق بىلەن ئەركىن ئازادە تاش ئېتىش ياخشى بولىدۇ. مۇھىمى بىز كۈندۈزى قىستاڭچىلىق دەپ تاش ئېتىشقا سەل قارىغانلارغا دەيمىزكى، ئاللاھ تائالا تاش ئېتىش ئېشىنى كەڭرى قىلىپ بەردى، يەنى كۈندۈزدە ئاتالمىسىىڭىز كېچىدە ئاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللار تاش ئېتىش جەريانىدىكى قىستاڭچىلىقتىن ئەنسىرىسە، تاش ئېتىشنى كېچىگە كېچىكتۈرسە بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكى سەۋدە بىنتى زەمەئە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تاشنى ئۆزى ئاتماي باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان، ئەگەر ھاۋالە قىلىش دۇرۇس بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى مۇزتەلىپىدىن كېچىدە يېنىپ كېلىپ قىستاڭچىلىق بولۇشتىن ئىلگىرى تاش ئېتىشقا رۇخسەت قىلاتتى، بۇمۇ ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن تاش ئېتىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا ئوچۇق دەلىل بولىدۇ.

ئەگەر ئىنسان ئاجىزلىق سەۋەبىدىن كېچىدە ياكى كۈندۈزدە تاش ئېتىشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا تاش ئېتىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى تاش ئېتىشتىن ئاجىز كەلدى، كېچىك بالىلار تاش ئېتىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۈچۈن ساھابىلارنىڭ كېچىك بالىلارغا ۋاكالىتەن تاش ئاتقانلىقى توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنغان.

ھەرقانداق ھالەتتە، بۇ ئىشقا سەل قاراش زور خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئىبادەتكە سەل قارىغانلىق، زۆرۈر بولغان ئىشنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقانلىق، ئەمما تاش ئېتىشقا پەقەت قادىر بولالمىغان كىشى ئۈچۈن باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى