شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىز ئېسىگە ئېلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يولى قايسى؟

344663

تارقاتقان ۋاقىت : 10-06-2023

كۆرگۈچىلەر : 521

سۇئال

   مېنىڭ قېيىنچىلىقىم: مەن بىر نەرسە سۆزلەپ ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ياكى كىتابنىڭ تېكىستلىرىدىن ياكى شىئىرلاردىن ياكى باشقا مەنبەلەردىن دەلىل ئەكىلەي دېسەم، دەلىلنى دەرھال سۈزۈپ ئالالمايمەن، بەلكى ياد قىلغان جايلىرىمنى تېمىنىڭ بېشىدىن ئوقۇسام ئاندىن كەلتۈرەلەيمەن، بۇنىڭ چارىسى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھەقىقەتەن ئىلمى مەسىلىلەردە شاھىتلىققا دەلىلەرنى ھازىر قىلىش ئالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. دەلىلنى كەلتۈرۈش بولسا، ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىدۇ، دەلىل كەلتۈرۈشتە ئاجىز بولغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەلۇماتلىرى ۋە ياد قىلغانلىرىدىن پايدىلىنىشىمۇ ئاجىز بولىدۇ. دەلىللەرنى ھازىر قىلىش قابىيلىتىنى كۇچلاندۇرۇش ئۈچۈن:

   بىرىنچى: ھازىر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولىشى باشقا نېمەتلەرگە ئوخشاش ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان نېمەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان دۇئا قىلىپ يالۋۇرۇش بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشى كېرەك، ئاللاھ تائالا خەلقىدىن خالىغان كىشىنىڭ ھازىر قىلىش كۈچىنى ئۆزى خالىغان نەرسە بىلەن زىيادە قىلىدۇ.

   بەدىنىنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى كۇچلاندۇرغاندەك، ھازىر قىلىش قابىلىيتىنىمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ئۇسلۇب بىلەن كۇچلاندۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئەڭ پايدىلىق يولىدىن بىرى: مۇزاكىرنىڭ تېمىسىغا مۇناسىپ بولغان دەلىلنىڭ ئورنىنى ئىزدەش ۋە ئېسىدە بولغان نەرسىلەردە پىكىر قىلىشقا زېھنىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە مۇزاكىرە قىلىش ئەڭ پايدىلىقتۇر.

تۆۋەندىكى ئادىرىستا مۇزاكىرە قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا كەلگەن مۇھىم كۆرسەتمىلار بار

    ئۈچىنچى: ھازىر قىلىش قابىلىيتى دەرسلىك قىلىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، بۇ ياشتا ھازىر قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى سىزگە زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، ئەگەر سىز ئىلىم يولىدا سەبىر قىلسىڭىز، ياد قىلىش، چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى بىرگە ئىلىپ بارسىڭىز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھازىر قىلىش قابىلىيتىڭىز ئاشىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يەنىمۇ كۈچلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى ئادىرىس بەك مۇھىم بولۇپ ئۇنى كۆرۈپ چىقىڭ

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى