جۈمە 8 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 16 نويابىر 2018
Uygur

تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى

سۇئال

   تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى قانداق؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تەقدىر دېگەن: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھىكمىتىنىڭ تەقەززاسى ۋە چەكسىسز ئىلمىنىڭ ھېسابى بىلەن كائىناتتا يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلارنى تەقدىر قىلىشىدۇر.

    تەقدىرگە ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

   بىرىنچىسى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەر نەرسىلەرنى ئومۇمى ۋە تەپسىلى، ئەزەلدىن ئەبەدىي بىلىدىغانلىقى، ئۇ ئىشلار مەيلى ئاللاھ تائالانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار بولسۇن ياكى بەندىلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولسۇن، كائىناتتىكى بارلىق ئىشلارنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش.

    ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ئىشلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتىۋەتكەنلىكىگە ئىشىنىش. بۇ ئىككى ئىش توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّـهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۗ إِنَّ ذَٰلِكَ فِي كِتَابٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّـهِ يَسِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا (يېزىلغان)، بۇ (يەنى بىلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان.» [سۈرە ھەج 70-ئايەت].

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ تائالا ئاسمان-زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل ئىلگىرى خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى2653-ھەدىس].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا تۇنجى قېتىم قەلەمنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا: يازغىن دەيدۇ، قەلەم: ئەي پەرۋەردىگارىم! نېمىنى يازىمەن؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: قىيامەتكىچە بولىدىغان ھەممە نەرسىنىڭ مىقدارىنى يازغىن دەيدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4700-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئۈچىنچى: بارلىق كائىناتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش. كائىناتتىكى شەيئىلەر مەيلى ئاللاھ تائالانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار بولسۇن ياكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولسۇن ئوخشاشتۇر.

    ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان ئىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَرَبُّكَ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَيَخْتَارُ) تەرجىمىسى: «ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ.» [سۈرە قەسەس 68-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَيَفْعَلُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» [سۈرە ئىبراھىم 27-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ» [سۈرە ئال-ئىمران 6-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان ئىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَسَلَّطَهُمْ عَلَيْكُمْ فَلَقَاتَلُوكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە ھۆكۈمران قىلاتتى. ئۇلار، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى كۈچلۈك قىلىپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلاتتى.» [سۈرە نىسا 90-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلەرگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى.» [سۈرە ئەنئام 112-ئايەت].

    بارلىق ھادىسىلەر، ئىش-ھەرىكەتلەر ۋە كائىنات پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ، خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ.

    تۆتىنچى: كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش.

    بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ).» [سۈرە زۇمەر 62-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَهُ تَقْدِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى.» [سۈرە پۇرقان 2-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە دېگەن سۆىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر.» [سۈرە ساپپات 96-ئايەت].

   ئىنسان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇشۇ ئىشلارغا تولۇق ئىشەنسە تەقدىرگە توغرا ئىمان ئېيتقان بولىدۇ.

   يۇقىرىدا بىز سۈپەتلىگەن نەرسىگە ئاساسەن تەقدىرگە ئىشىنىش بەندە ئۈچۈن ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتا، قۇدرەت، ئىختىيارلىق ۋە خالاشنىڭ بولىدىغانلىقىغا زىت كەلمەيدۇ، ئەگەر قىلىدىغان ئىش تائەت-ئىبادەتتىن قىلىش مۇمكىن بولىدىغان ئىش بولسا ئۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇ ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىققا، گۇناھ-مەسىيەتتىن بولسىمۇ ئۇنى قىلىش ياكى قىلماسلىققا قادىر بولالايدۇ، شەرىئەت بىلەن ئەمەلىي ۋاقىئەلىك بەندە ئۈچۈن بولغان مۇشۇ خالاشنى ئىسپاتلاشقا دالالەت قىلىدۇ.

    ئەمما شەرىئەتتە بەندىنىڭ خالىشى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ﴿ذَلِكَ الْيَوْمُ الْحَقُّ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَى رَبِّهِ مَآباً﴾ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى(ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن).» [سۈرە نەبەئ 39-ئايەت].  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿َفَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّى شِئْتُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 223-ئايەت].

    كۈچ-قۇۋۋەت توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ﴾ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْساً إِلا وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    بۇ ئايەتلەر ئىنسان ئۈچۈن خالاش ۋە قۇدرەت بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ خالىغاننى قىلىپ، خالىغاننى تەرك قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

ۋاقىئەلىكتە: ھەرقانداق ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن قۇدرەت ۋە خالاشنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئىنسان بۇ ئىككىسى بىلەن خالىغاننى قىلىدۇ ۋە خالىغاننى تەرك قىلىدۇ، مېڭىشقا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن يۈزبەرگەن نەرسە بىلەن تىترەشكە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىرادىسىسىز يۈز بەرگەن نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ، لېكىن بەندىنىڭ خالىشى ۋە قۇدرىتى ئاللاھنىڭ خالىشى ۋە قۇدرىتى بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَسْتَقِيمَ، وَمَا تَشَاءُونَ إِلا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن(دىن بارىسىدا)راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالىيالايسىلەر.» [سۈرە تەكۋېر 28-29-ئايەتلەر].

    چۈنكى كائىناتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۇلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مۇلكىدە ئاللاھنىڭ ئىلمىسىز ۋە خالىشىسىز ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "شەرھى ئۇسۇل ئىمان" ناملىق رىسالىسىگە قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش