چارشەنبە 26 رەبىئۇسسانى 1443 - 1 دىكابىر 2021
Uygur

ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرى تولۇق ئورانمىسا، تاغىسى ئۇلارنى ئەدەپلىسە توغرا بولامدۇ؟.

349013

تارقاتقان ۋاقىت : 16-11-2021

كۆرگۈچىلەر : 85

سۇئال

   ھەمشىرىسىنىڭ پەرزەنتلىرى تار كىيىملەرنى كىيگەن بولسا، ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات تۇرۇپ تاغىسى ئۇلارنى ئەدەپلىسە توغرا بولامدۇ؟ ئۇلار تار كىيىم كەيگەنلىك بىلەن خاتالاشقان بولامدۇ؟. ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات بولىدىكەن ھەمشىرىسىنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا تاغىسىنىڭ ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولامدۇ؟. تاغىسى ھەمشىرىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەدەپلىسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات بولىدىكەن ھەمشىرىسىنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا تاغىسىنىڭ ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. تاغىسىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات، ئەقلى-ھوشى جايىدا ۋە شۇ يۇرتتا ھازىر بولسا، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاتىلار ھايات بولىدىكەن ئەۋلادلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيتىدۇر، قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا تەربىيە قىلىش، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىش ئىشلىرىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاتا-ئانا سوئال قىلىنىدۇ.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، كىشىلەرنى يېتەكلەيدىغان رەھبەر ئۇلارغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ توغرىسىدا سوئال قىلىنىدۇ، ئائىلە باشلىقى ئەر ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۇلار توغرىسىدا سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىنى ئادا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن سوئال قىلىنىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 2554-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1829-ھەدىس].

    لېكىن تاغا جىيەنلىرىنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن چەكلەش تەرەپتىن مەسئۇليەت ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ، جىيەنلىرىدىن خاتا ئىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقىنى كۆرسە، ئۇلارنى بۇنىڭدىن چەكلەش زۆرۈر بولىدۇ.

     ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «سىلەردىن كىمكى چەكلەنگەن بىر ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن چەكلىسۇن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئاغزاكى چەكلىسۇن، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا دىلى بىلەن ئىنكار قىلسۇن، ئاشۇ ئىماننىڭ ئەڭ  زەئىپ نۇقتىسىدۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى49-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسسۇن»دېگەن سۆزى بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ۋاجىپتۇر. ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى قۇرئان، ھەدىس ۋە ئالىملارنىڭ بىرلىكىگە مۇۋاپىقتۇر". ["سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"2-توم 22-بەت].

    ئىككىنجى: تاغا ھەمشىرىسىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئەدەپلىسە بولامدۇ؟.

مۇشۇنداق ھالەتلەردە تاغىنىڭ جىيەنلىرىنى ئۇرۇپ ئەدەپلەش ھەققى بولمايدۇ، ئۇرۇپ ئەدەپلەش دېگەن دادىنىڭ ياكى دادىسى تەرەپتىن، ۋە مەھكىمە تەرەپتىن قازى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشقا مەسئۇل قىلغان كىشىنىڭ ھەققىدۇر.

"كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى"10-توم 25-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئاتا-ئانىنىڭ ياكى ۋەسىيەت قىلىنغۇچىنىڭ ۋە ۋەلىسى تەرىپىدىن ئەدەپلەشكە ئىزنى ئالغان ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارنى يەڭگىل ئۇرۇپ ئەدەپلىشى توغرا بولىدۇ".

     لېكىن ئاتا بۇ تاغىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىپ گەپ قىلمىسا، بۇ ئاتىنىڭ تاغىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بولىدۇ، بۇ خۇددى تاغىسىنى بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇلارنى مۇناسىپ ھالەتتە ئەدەپلەش ۋە تەربىيلەشكە ۋەكىل قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

    بەزى ۋاقىتلار تاغا ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدە ئەدەپلەش ئورنى بولىدۇ، كىشىلەر بۇنى بىلىدۇ، ھېچ كىشى ئىنكار قىلمايدۇ.

    ئەمما ئاتا تاغىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نارازى بولسا، تاغا جىيەنلىرىگە نەسىھەت قىلىش بىلەنلا كۇپايە قىلماستىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغىمۇ قىزلىرىغا ياخشى قاراش توغىرسىدا نەسىھەت قىلىدۇ، چۈنكى ئاتا-ئانا قىزلىرىنى چەكلەنگەن كىيىملەرنى كىيىشتىن كۈچ بىلەن توسالايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى