جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قەسەمنىڭ كاپارىتىدە، كەمبەغەلگە ئاشخانىدىن تاماق ئىلىپ يېيىشى ئۈچۈن ئالدىدىن پۇل تۆلىۋەتكەن كارت بېرىشنىڭ ھۆكمى؟

سۇئال

   قەسەمنىڭ كاپارىتىدە يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا نەخ پۇل بەرسە دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن مەن بىر خەيرىيەت ئورنىنىڭ بىر تاماقخانا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى بىلدىم، ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ مۇشۇ تاماقخانىدىن تاماق ئىلىپ يېيىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئالدىن پۇل تۆلىۋەتكەن كارت تارقىتىپ بېرىدىكەن، بۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قەسەمنىڭ كاپارىتىنى چىقىرىشغا ۋەكىل قىلىش.

قەسەمنىڭ كاپارىتىنى چىقىرىشقا خەيرىيەت ئورۇنلىرىنى ياكى باشقا بىرىنى ۋەكىل قىلسا بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئىبادەت زاكات، سەدىقە، نەزىر ۋە كاپالەت قاتارلىق مالغا ئالاقىدار ئىشلاردىن بولسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ھەقلىق بولغان يوقسۇللارغا تارقىتىپ بېرىشكە ۋەكىل قىلسا توغرا بولىدۇ. شۇنىڭدەك باشقىلارغا  مەن ئۈچۈن مېلىڭدىن زاكاتنى بېرىپ قويغىن دېسىمۇ توغرا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زاكات ماللىرىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ھەقلىق بولغانلارغا تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەتچىلەرنى ئەۋەتكەن، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا: «ئۇلارغا ؛ بايلارنىڭ مېلىدىن زاكات ئىلىپ، ئۇنى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇلار بۇ ئىشتا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ساقلانغىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەد دۇئاسىدىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا توساق يوق» دېگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. "ئەلمۇغنى" 5/53. ].

    ئىككىنچى: كەمبەغەلگە ئاشخانىدىن تاماق ئىلىپ يېيىشى ئۈچۈن كارت بېرىش.

    خەيرىيەت ئورۇنلىرى كەمبەغەلگە ئاشخانىدىن تاماق ئىلىپ يېيىشى ئۈچۈن ئالدىن پۇل تۆلىگەن كارتنى بەرسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كارت نەخ پۇل ئەمەس، پەقەت نەخ پۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئىسپات، تاماق ئاشخانىدا بولۇپ، ئۇنى خەيرىيەت سېتىۋېلىپ ئورنىغا كارت ئالىدۇ، ئۇنى كەمبەغەل كەلگەندە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن تارقىتىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

    ئىلگىرى233733  -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، ئاشخانىدىن تەييار يىمەكلىك سېتىۋېلىپ كاپالەت ئادا قىلسا توغرا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: "بىر كىشى ئاشخانا ئىگىسىگە ئەللىك رىيال بېرىپ بۇنىڭغا ئون كەمبەغەلگە يىمەك بېرىشنى بۇيرىغان بولسا، ئاشخانا ئىگىسى ھەر بىر كىشى بەش رىياللىقتىن يىمەك بەرگەن بولسا، ئەمما ئون كىشى بىرلا ۋاقىتتا كەلمىگەن بولسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: قەسەمگە كاپالەت بەرگۈچى يىمەكلىك بېرىشكە ئاشخانا ئىگىسىنى ۋەكىل قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئون مىسكىنگە يىمەك بەرگەن بولسا توغرا بولىدۇ".

    لېكىن شۇنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەككى، قەسەمنىڭ كاپارىتىدە ئون مىسكىنگە يىمەك بېرىش زۆرۈر بولىدۇ، بىر كىشىگە ئون قېتىم ياكى ئىككى كىشىگە بەش قېتىم يىمەك بەرسە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئون مىسكىنگە يىمەك بېرىشنى بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:  لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الْأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ ‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان  قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستىن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار. سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ» [سۈرە بەقەرە 89-ئايەت].

    ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. بەكىر ئەبۇ زەيد ، ئابدۇل ئەزىز ئالى شەيخ، سالىھ ئەلپەۋزان، ئابدۇللاھ غۇدەييان، ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز. دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى23/121  ].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى