شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

كېچىك ۋاقتىدا مەسچىتتىن رۇخسەتسىز قۇرئان كەرىمدىن بىرنى ئىلىپ چېقىپ كېتىپ ھازىرغىچە ئۆيىدە ساقلىغان بولسا قانداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟

سۇئال

مەن كېچىك ۋاقتىمدا بىر مەسچىتتە قۇرئان ياد قىلاتتىم، بىز قۇرئاننىڭ ياسىن سۈرىسىدىن ئاخىرغىچە بولغان سەككىز پارىلىق رەڭلىك نۇسخىسىنى ئوقۇيتتۇق، ئۇستازىمىز يەنە بىر مەسچىتكە يۆتكەلمەكچى بولغاندا، بىزگە قۇرئان نۇسخىلىرىنى تارقىتىپ بەردى ۋە ئۇنى يۆتكەلگەن مەسچىتكە ئېلىپ كېلىپ دەرسنى ئۇ يەردە ئوقۇشنى بۇيرىدى، كېيىن بۇ نۇسخىنى مۇشۇ مەسچىتتە قويۇپ قويۇشنى تاپىلىدى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ مەسچىتتىمۇ قۇرئان دەرسى توختاپ قالدى، دەرس ئۇقۇتىدىغانغا ھېچكىم كەلمىدى، مەن ئۆزۈم ئوقۇۋاتقان قۇرئاننىڭ نۇسخىسىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدىم، ھازىر بۇنىڭغا توققۇز يىل بولدى، بۇ قۇرئان ئۆيدە بار، بۇنى مەسچىتكە ئاپىرىپ قويۇشۇم كېرەكمۇ ياكى ئۆيدە دەرس قىلسام بولاۋىرەمدۇ؟ بۇنى بىلمىدىم. چۈنكى ئۇ مەسچىتتە ھازىر قۇرئان دەرسى يوق، ھەم بۇنداق نۇسخىدىكى قۇرئانمۇ يوق؟. بۇ ھەقتە چۈشۈنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىر مەسچىتتە قويۇلغان قۇرئانلارنى يەنە بىر مەسچىتكە يۆتكەش توغرا بولمايدۇ، پەقەت بۇ مەسچىت بۇزۇلغان ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك رىمونت قىلىنىدىغان بولسا ياكى بۇ مەسچىتتە قۇرئان كۆپ بولسا ئۇ ۋاقىتتا باشقا بىر مەسچىتكە يۆتكىسە بولىدۇ، ئۆيگە ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىت كېچىك بولۇپ، قۇرئان نۇسخىلىرى زىيادە بولسا، ئۇنى ئېھتىياجلىق بولغان باشقا مەسچىتلەرگە يۆتكىسە بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت مەسچىتكە كەلگەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈندۇر، شۇنداقتىمۇ كېچىك مەسچىتنىڭ ئىمامىدىن سوراپ ئالغان ياخشى، چۈنكى ئىمام مەسچىتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 20-توم15-بەت].

    ئۇستازىڭىزنىڭ قۇرئانلارنى ئىككىنچى بىر مەسچىتكە يۆتكەپ كېتىشى توغرا بولماپتۇ، ئەمما قۇرئان ئۇ مەسچىتتىكى جامائەتنىڭ ھاجىتىدىن زىيادە بولسا ياكى  قۇرئان مەسچىتكە ئەمەس بەلكى قۇرئان كۇرسىغا ۋەخپى قىلىنغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قۇرئان كۇرسى قەيەرگە يۆتكەلسە قۇرئاننىمۇ شۇ يەرگە ئىلىپ كەتسە بولىدۇ.

    سىزنىڭ قۇرئاننى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىشىڭىز توغرا بولماپتۇ، سىز ھازىر بولسىمۇ ئۇ قۇرئاننى ئاۋۋالقى مەسچىتكە ئاپىرىپ قويۇڭ.

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"16-توم 19-بەتتە: قۇرئان كەرىمنى ئۆيدە ئوقۇش ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتىدىن ئىلىپ كەتسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "مۇئەييەن بىر ئورۇندا پايدىلىنىش ئۈچۈن ۋەخپى قىلىنغان قۇرئان ۋە كىتابلارنى ھەرەمدە بولسۇن ياكى باشقا جايدا بولسۇن ۋەخپى قىلىنغان ئورۇندىن سىرتقا ئىلىپ چېقىش توغرا بولمايدۇ، پەقەت شۇ ئورۇن بۇزۇلغان بولسا، شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر ئورۇنغا ئىلىپ چىقسا بولىدۇ". [پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز.. شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.. شەيخ ئابدۇللاھ قەئۇد].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، مەسچىتكە ۋەخپى قىلىنغان نەرسىلەرنى ھېچ بىر ئادەمنىڭ سىرتقا ئىلىپ چېقىشى توغرا بولمايدۇ، ھەتتا پايدىلىنىش مەقسىتىدە بولسىمۇ بولمايدۇ، ئۆيدە ئوقۇيمەن دەپ ياكى ئۆيدە مۇزاكىرە قىلىمەن دەپ مەسچىتتىن قۇرئان ، كىتابلارنى ئېلىپ چېقىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك  ئۆيىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ھەر قانداق نەرسىسىنى ئېلىپ چېقىشقا بولمايدۇ، ئومۇمەن مەسچىتكە خاس بولغان ھەرقانداق نەرسىنى سىرتتا پايدىلىنىش ئۈچۈن مەسچىتتىن ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ.

    بەزى كىشىلەر مەسچىتكە ۋەخپى قىلىنغان قۇرئان، كىتابلار مەسچىتكە كىرگەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئومۇمى ۋەخپى بولۇپ، بۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ پايدىلانسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا قاراش، چۈنكى سىز ئۇنى مەسچىتتىن ئېلىپ كەتسىڭىز، يەنە بىر كىشى كېلىدۇ ئۇنى ئوقۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇ كىشىنى قۇرئان ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلغان بولدىڭىز، مەسچىتتە قۇرئان كۆپ بولسا مەسچىتكە كېرىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ بولىدۇ.

    ھەر قانداق ھالەتتە، مەسچىتكە خاس بولغان ھەرقانداق نەرسىنى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس قىلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ پايدىلىنىشى ياكى مەسچىتتە ئۆزىلا پايدىلىنىشى توغرا بولمايدۇ. يەنى قۇرئاننى ئىلىپ ئوقۇيدۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىرسى كۆرمەيدىغان جايدا قويۇپ قويىدۇ، قايتا مەسچىتكە كىرگەندە ئوقۇش ئۈچۈن بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، مەسچىتتىكى نەرسىلەر ئومۇمنىڭ بولۇپ بۇنىڭدىن ھەممە ئورتاق پايدىلىنىشى كېرەك.

    ئەمدى سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئالىغا كەلسەك، ئۇ كىشىگە ئۇستازى مەسچىتتىن ئالغان قۇرئاننى بەرگەن بولسا، ئۇ كىشى بۇ قۇرئاننى دەسلەپتە ئالغان مەسچىتكە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرىدىن نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 16/2].       

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى