چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

مەبلەغ سېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەتىۋا بېرىلگەندىن كىيىن مەبلەغ سىلىش گۇۋاھنامىسىنى توختىتىۋېتىش كېرەكمۇ؟ ئىلگىرى ئالغان پايدىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

  ئىقتىسادى مۇئامىلىلىرىدە شۈبھىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەزى خاتالىقلار بولسىمۇ ساغلام دەپ قاراپ ئىسلام بانكىسىغا ئامانەت قويغان ئىقتىسادنىڭ پايدىدىن بولغان نىسبىتىنى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتىم، ئاندىن داۋاملىشىۋاتقان ھېسابقا پۇل قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا ئۆزگەردى:

   1-مۇشۇ بانكىدىن ئىلگىرى ئالغان پايدىلارنىڭ قالغانلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. مەن بانكىنىڭ ھېسابىنى قايتۇرۇپ، قالغان پايدىنى قۇتۇلۇپ كېتىش مەقسىتىدە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بىرىۋەتسەم بولامدۇ ياكى پەتىۋا ئۆزگەرگەن تارىختىن باشلاپ شۇنداق قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

  2- مەبلەغ سىلىش گۇۋاھنامىسىنى قانداق قىلىمەن؟، ئۇنىڭ تارىخىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتىمەنمۇ ۋە ئۇنى قايتىدىن يېڭىلىماي تۇرىمەنمۇ؟ ياكى ئۇنى تىزدىن ئەمەلدىن قالدۇرىمەنمۇ، ئۇنىڭدا بېكىتىلگەن مۇددەتنى تولۇقلىمىغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان  زىياننى ئۈستۈمگە ئالىمەنمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:

   ئىسلام بانكىسى ئۆز ئىقتىسادىنىڭ بىر قىسمىنى قەرز ھۆججىتى ياكى جازانە شەكىلدىكى خەزىنە ھۆججىتىدە قويىدۇ ياكى تەرتىپلىك چەكلەرگە مەبلەغ سالىدۇ، بۇنىڭغا مەبلەغ سىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بانكا مەبلەغ سىلىش كېلىشىمدە ئۆزدىن تەسەررۇپ قىلىشى ئەسلى، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپتىن تەسەررۇپ قىلىشى بولسا ۋاكالىتەن بولىدۇ، بانكىنىڭ قىلىۋاتقان چەكلەنگەن مۇئامىلىنىڭ خاتالىقى ئۇلارغا بولىدۇ، ھارام پايدىدىن قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ خاتالىق ئۇلاردىن كۆتۈرۈلمەيدۇ.

   ئىككىنچى:

  ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئىلگىرى تاپشۇرۇپ ئالغان جازانە پايدىلىرىدىن سىز پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ئۇنى باشقىلارغا سەرپ قىلىڭ ياكى قولىڭىزدا ساقلاپ قىلىڭ بۇ ئوخشاش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

 وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ ‏ تەرجىمىسى: « ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن)  يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ». [سۈرە بەقەرە  275 -ئايەت].

    ئىسلام پىشېۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ قارىشىمىزدا شەك بولمىغان ئىش:خاتا چۈشەنچە ياكى بىلمەسلىكتىن تاپشۇرۇپ ئالغان نەرسىلەر. شەكسىز ئۇ بۇرۇن ئالغان نەرسىلەر بولىدۇ، قۇرئان، ھەدىس ۋە ئېتىبار-قىياس بۇنى دەلىللەيدۇ". [نۇرغۇن ئالىملارغا مۇشكىل بولغان ئايەتنىڭ تەپسىرى"2/592.].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولسا، ئالغان پايدىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ گۇناھ بولمايدۇ، ياكى بىرەر ئالىمنىڭ ھارام ئەمەس دېگەن پەتىۋاسىغا كۆرە ئالغان بولسا، ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئايرىۋېتىش كېرەك بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  ‏فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ ‏  تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ». [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت. ئايلىق ئۇچرىشىش 67/19  ].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئايەتنىڭ پايدىلىرىدىن : ئىنسان جازانىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئىلگىرى ئالغان پايدىسى ئۇ كىشىگە ھالال بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى ئۇ كىشى بۇنى بىلگەندىن كىيىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ بۇ قىلمىشىدىن يېنىشى كېرەك. [بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى 3/377.  ].

    ئۈچىنچى:  ئۇ كىشىنىڭ بانكا بىلەن مەبلەغ سىلىش ھېسابى بولسۇن ياكى مەلۇم ۋاقىتقىچە بەلگىلەنگەن گۇۋاھنامىسى بولسۇن، بۇ بانكىغا مەبلەغ سېلىشنى توختىتىشى لازىم، گەرچە بۇ سەۋەپتىن مەلۇم مالنى زىيان تارتسىمۇ جازانە مۇئامىلىسىدىن قېچىپ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگە بويسۇنۇشى كېرەك:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُؤُوسُ أَمْوَالِكُمْ لا تَظْلِمُونَ وَلا تُظْلَمُونَ ‏ تەرجىمىسى: «ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە (مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار، ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر. ئەگەر جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر». [سۈرە بەقەرە 278-279-ئايەتلەر].

    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جازانە يېگۈچى، ۋەكىل بولغۇچى، توختامنى يازغۇچى ۋە شاھىت بولغۇچىلارغا لەنەت قىلغان.» [مۇسلىم رىۋايىتى1598-ھەدىس].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى