پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېھرامدىكى كىشى چېچىنى تارىسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

  ئېھرامدىكى كىشى تارغاق بىلەن چېچىنى تارىسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھراملىق كىشىنىڭ تارغاق بىلەن چېچىنى تارىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئېھراملىق كىشىنىڭ چېچى تارالمىغان ھالەتتە تۇرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، چېچىنى يۇسا بولىدۇ، ئەمما تارغاق بىلەن تارىغاندا چېچى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئېھراملىق كىشى مەقسەتسىز بىشىنى قاشلاش بىلەن چېچى چۈشكەن بولسا بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى چېچىنىڭ چۈشۈشىنى مەقسەت قىلمىدى، شۇنى بىلىش كېرەككى، ئېھراملىق ھالەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قەستەن قىلمىسا، خاتالىق ياكى ئۇنتۇپ قىلىش بىلەن سادىر بولغان بولسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً ‏ تەرجىمىسى: «سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە ئەھزاپ 5-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا  ‏تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق(بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق) بىزنى جازاغا تارتمىغىن» بەقەرە سۈرىسى 286-ئايەت. 

مەنبە: ئىسلام ئاساسى پەتىۋالىرى 521-522-بەت.