سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مەقەتتىن ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى ئىشلىتىش روزىنى بۇزمايدۇ

سۇئال

رامزاننىڭ كۈندۈزلىرى بەزى ۋاقىتتا قاتتىق چارچاش ۋە باش ئاغرىقى ھېس قىلىمەن، بەزىلەر ماڭا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن مەقەتتىن ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى، بۇ دورىنى ئىشلىتىش روزىنى بۇزامدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

رامزاننىڭ كۈندۈزدە مەقەتتىن ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى ئىشلىتىش روزىنى بۇزمايدۇ، شۇنىڭدەك روزا تۇتقۇچى رامزاننىڭ كۈندۈزدە كىلىزما قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا بۇمۇ روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل يوق، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر يېمەك-ئىچمەكمۇ ئەمەس ياكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدىكى نەرسىمۇ ئەمەس.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "ئەلئىختىيارات" ناملىق ئەسەر 193-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا سۈرمە تارتىش ۋە كىلىزما قىلىش دېگەنروزىنى بۇزمايدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "ئەششەرھۇل مۇمتىئ"ناملىق ئەسەر 6 -توم 381-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. يەنى رامزاننىڭ كۈندۈزدە كىلىزما قىلىش روزىنى بۇزمايدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى