سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

خۇپتەن نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش توغرىسىدا

سۇئال

مەن مەسچىتكە بىر ئاز كېچىكىپ كىرگەن، ئىمام تەراۋىھ نامىزىدىن ئالتە رەكەت ئوقۇپ بولغان ئىكەن، مەن تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ بولۇپ خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدۇم، ئۈلگۈرەلمىگەن ئالتە رەكەت تەراۋىھ نامىزىنىڭ قازاسىنى ئوقۇيمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ خۇپتەننى نامىزىنى ئوقۇش توغرا ئەمەس، ئەسلىدە سىز تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان ئىمامغا خۇپتەن نامىزىنى نىيەت قىلىپ ئىقتىدا قىلىپ، ئىمام ئىككى رەكئەت ئوقۇپ سالام بەرگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ قالغان ئىككى رەكئەتنى تولۇقلىسىڭىز توغرا بولاتتى، كېچىلىك ناماز خۇپتەن نامىزىدىن بۇرۇن ئوقۇلمايدۇ بەلكى خۇپتەن نامىزىدىن ۋە ئىككى رەكئەت سۈننەت نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ، سىزنىڭ خۇپتەندىن بۇرۇن ئوقۇغىنىڭىز كېچىلىك نامىزى بولمايدۇ بەلكى مۇتلەق نەپلە ناماز ھېسابلىنىدۇ.

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى مەسچىتكە كەلگەندە، جامائەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇۋاتقان بولسا، يېڭى كىرگەن كىشى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇمىغان بولسا، خۇپتەننى نىيەت قىلىپ جامائەت بىلەن ئوقۇسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا خۇپتەننى نىيەت قىلىپ جامائەت بىلەن تەراۋىھ نامىزىغا كىرسە توغرا بولىدۇ، ئىمام ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ سالام بەرگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ نامىزىنى تولۇقلايدۇ. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ جامائەتكە ئىمام بولۇپ خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ئىشنى چەكلىمىگەنلىكى، نەپلە ئوقۇغان كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ پەرىز ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قورقۇنچ نامىزىنىڭ بەزى شەكىللىرىدە، بىر جامائەتكە ئىمام بولۇپ ئىككى رەكەت ئوقۇغان، سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر جامائەت كەلگەن ئۇلارغىمۇ ئىمام بولۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ئوقۇغان نامىزى پەرىز ئىدى، ئىككىنچى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ئوقۇغان نامىزى نەپلە بولدى، جامائەتنىڭ نامىزى پەرىز ئىدى. ئاللاھ مۇۋەپپىق قىلغۇچىدۇر. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 12-توم 181-بەت].

    شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئادا قىلغان سۈننەت بويىچە رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن كېچىلىك ناماز خۇپتەننىڭ نامىزىنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ، كېچىلىك نامازنى مەسچىتتە ئوقۇسۇن ياكى ئۆيدە ئوقۇسۇن ھېچ پەرق يوق". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"12-توم 368-بەت].

    سىزنىڭ جامائەتتىن كېيىن قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن تەراۋىھ نامىزىغا كەلسەك، بۇ سىزنىڭ ئىختىيارلىقىڭىزدا، خالىسىڭىز ئۆتۈپ كەتكەننى ئوقۇڭ، خالىسىڭىز ئوقۇماڭ بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى تەراۋىھ نامىزى دېگەن نەپلە نامازلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بەش ۋاقىت نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئوخشاش نەپلە نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد