سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلىرىدە بىلمەسلىكتىن روزا تۇتقان بولسا قانداق قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلىرىمدىمۇ رامىزان روزىسى تۇتۇپ، ئادەت كۆرۈپ قالغاندا روزا تۇتمايدىغان كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، مەن ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلىرىمدىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەك بېرىشنى مەقسەت قىلىمەن، لېكىن مەن ھېچ بىر كىشىنى يېمەك بېرىش ئۈچۈن كەمبەغەل دەپ ئايرىيالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا يىتىم بالىلار پوندىغا ياكى مەسچىتكە ھەر كۈنلۈك روزىنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن بىر جۇنەي مىسىر پۇلىسى بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەيزدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، روزا تۇتسا، تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، پاك بولغاندا ھەيز سەۋەبىدىن رامىزاندا تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدىغانلىقىغا ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن. بۇ ھەقتە 33594-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    سىز مۇشۇنداق چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشقا ئىلىپ بارىدىغان نادانلىقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن ئىلىم ئۈگۈنۈشكە سەل قارىغانلىغىڭىز سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاشۇ كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

      سىز ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ كۈنلەرنىڭ قازا روزىسىنى  مۇشۇ يىلى رامىزان ئېيى كېلىشتىن بۇرۇن ئادا قىلسىڭىز، سىز ئۈچۈن پەقەت روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، كاپارەت ئۈچۈن يېمەك بېرىش كېرەك بولمايدۇ.

    ئەگەر سەۋەپسىز روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ يەنە بىر رامىزان كىرىپ قالسا، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە يىمەك بېرىش كېرەك بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپى بار؟. بۇنىڭ جاۋابى 26865- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، قازاسىنى قىلىدۇ يېمەك بېرىش كېرەك بولمايدۇ.

    ئەگەر ئېھتىيات يولىنى تۇتسىڭىز روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە يېمەك بەرسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

   يېمەك بېرىشتىن بولغان مەقسەت ئاشۇ يۇرت خەلقى ئىستىمال قىلىدىغان  گۈرۈچ ياكى ئۇن ياكى خورما دېگەندەك ئوتتۇراھال يېمەكلىكتىن بىر يىرىم كىلوگىرام ياكى ئىككى كىلوگىرام ئەتراپىدا بىر نەرسە بەرسە بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ گۈرۈچتىن بىر يىرىم كىلوگىرام ئەتراپىدا بىر نەرسە بولىدۇ دەپ قارىغان. ["رامىزان پەتىۋالىرى"545-بەت].

     كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، روزىنىڭ كاپارىتىگە بېرىلىدىغان پىدىيە ئۈچۈن پۇل بەرسە دۇرۇس بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز پۇل بەرمەي ئىلگىرى بايان قىلىنغاندەك كەمبەغەللەرگە يىمەك بېرىڭ.

دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ياشىنىپ قالغان روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ كىشى  روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، ئىپتار قىلسا بولىدۇ، ئىپتار قىلغان(يەنى روزا تۇتمىغان) ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەك بېرىش كېرەك، ياكى ھەممە كۈن ئۈچۈن كەمبەغەللەرنى توپلاپ بىر قېتىم يىمەك بەرسىمۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم تارقىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: ئاللاھ تائالا سىلەر ئۈچۈن دىندا قىيىنچىلىق قىلمىدى. [سۈرە ھەج 78-ئايەت].

     شۇنىڭ ئۈچۈن يىمەكنىڭ ئورنىدا پۇل بەرسە توغرا بولمايدۇ". "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"10-توم 163-بەت. (بىز ئۈيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ شارائىتىگە كۆرە يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا پۇل بەرسەك دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.)

    سىز خەيرىيەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرىگە ياكى دىيانەتلىك، دۇرۇس تونۇلغان مەسچىتنىڭ ئىمامىغا سىزنىڭ ئورنىڭىزدا يىمەك سېتىۋىلىپ كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن پۇل بەرسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى بۇگۈنكى كۈندە كەمبەغەللەر بەك كۆپ.

      ياكى سىز روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ ھېسابىدا يىمەك تەييارلاپ ئۇنى كەمبەغەللەرگە بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان ياشانغان كىشى ھەر كۈنلۈك ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا ئىپتار قىلىپ روزا تۇتماستىن بىر يىل ياكى ئىككى يىللىق روزىسى ئۈچۈن كەمبەغەلگە نان ۋە گۆش بېرەتتى.

    بۇ كاپارەتنى كەمبەغەل بولغان يىتىم بالىلارغا بەرسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى يېتىمنىڭ ھەممىسى كەمبەغەل بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى