جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قازا روزا تۇتۇۋاتقان كۈنىدە روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى كېرەكمۇ؟

سۇئال

 قازا روزا تۇتۇۋاتقان كۈنىدە ئۈزۈرسىز روزىنى بۇزۇۋېتىپ قالدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بەزى كىشىلەر ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشۇم كېرەكلىكىنى سۆزلىدى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    رامىزاننىڭ قازا روزىسى ۋاجىپ بولغان روزىلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قازا روزا تۇتۇۋاتقان كىشى شەرئى ئۈزۈرسىز روزىسىنى بۇزىۋەتمەسلىكى كېرەك، قازا روزىنى باشلىغاندا ئۇنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ.  

    رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇۋاتقان كىشى روزىسىنى بۇزۇۋەتسە، ئۇ كىشىگە شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى روزىنى سەۋەبسىز بۇزۇۋەتكەن بولسا، ئۇ كىشىگە روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرلىكتە خاتالىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى لازىم بولىدۇ.  قازا روزىنىڭ ئورنىغا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوق.

بەزى ئۆلىمالار قازا روزىنىڭ ئورنىغا ئىككى كۈن روزا تۇتىدۇ، بىر كۈن رامزاننىڭ روزىسى يەنە بىر كۈن قازا روزا تۇتىدۇ دەيدۇ. توغرا قاراشتا: ئۇ كىشى پەقەت بىر كۈن روزا تۇتسا بولىدۇ.

   ئىبنى ھەزمى "ئەلمۇھەللا" ناملىق ئەسەر 6-توم 271-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " بىر كىشى رامزاننىڭ قازا روزىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن كىشىگە پەقەت بىر كۈن قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلمىغان شەرئى ۋاجىبنى قازانىڭ ۋاجىبى  قىلىش توغرا بولمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە قازا روزىنىڭ قازاسىنى پەقەت بىر كۈن قىلغان، شەرئى دەلىلسىز ۋە ئالىملارنىڭ بىرلىكىسىز ئۇنىڭغا زىيادە قىلىش توغرا بولمايدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى