جاۋاب :
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
قىمارنى ئاللاھ تائالا ھارام قىلدى . ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويۇنچە خالىغان ھۆكۈمنى
چىقىرىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئېچىش، قىمار
ئويناش، بۇتلارغا يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى
بىلەن پال سېلىش، شەيتاننىڭ ئېشى، پاسكىنا قىلىقتۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن
شەيتاننىڭ ئىشلىرىدىن يىراق بولۇڭلار . شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا
دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن
توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى ھاراقتىن، قىماردىن يانمامسىلەر؟ ! . ئەقىللىق كىشى
قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ .
1-قىمار ئىنساننى جاپا چېكىپ ئىشلەشنى خالىمايدىغان، تەر تۆكۈشنى ياقتۇرمايدىغان،
رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ ھالال يوللىرىنى ئېھتىرام قىلمايدىغان، ئۆز كەسپىدە
تاسادىپىيلىق ۋە تەلەي سىناشقا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
2-قىمار روناق تاپقان ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىدىغان، مال دۇنيانى ھارام يول بىلەن
يوق قىلىدىغان، بايلارنى كەمبەغەل، ئىززەتلىكلەرنى خار قىلىدىغان يامان قىلمىشتۇر.
3- قىمار ئۆز كەسىپداشلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىنىڭ ماللىرىنى ھارام يوللار بىلەن
ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز ئارا ئۆچ ئاداۋەت پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
4- قىمار كىشىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسىدۇ . بۇ قىلمىش بىلەن
مەشغۇل بولغۇچىلارنى ناچار ئەخلاق ۋە يامان ئادەتكە يولداش قىلىپ قويىدۇ .
5- قىمار كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ۋاقتىنى بىكار قىلىپ، مىللەتنى ئىشلەپ
چىقىرىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ ھۇرۇنلۇق ۋە خامۇشلۇققا ئادەتلەندۇرىدۇ.
6-قىمار كىشىلەرنى جىنايەتكە ئىتتىرىدۇ، چۈنكى ئۇتتۇرۇۋەتكەن كىشى ئۆزىنىڭ مېلىنى
قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، پارىخورلۇق ۋە
ئالدامچىلىق قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنى سادىر قىلىدۇ.
7- قىمار ئىنساننىڭ نېرۋىسىنى بۇزۇپ ئىزتىراپلىققا گىرىپتار قىلىدۇ . قەلبىدە
ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، كۆپىنچە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى
ساراڭ بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
8- قىمار كىشىلەرنى ھاراق ئېچىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتەك ناچار ئەخلاققا
ئىتتىرىدۇ . قىمار بولىۋاتقان سورۇنلاردا تولۇق يورۇقلۇق بولمايدۇ، ئەتراپنى
ئىس-تۈتەك، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئېغىر تىنىشلار قاپلايدۇ، گەرچە سورۇندىكىلەر بىر-بىرىگە
ھەمراھدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ . ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ
مەغلۇبىيتىنى كۆزلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دو تىكىدۇ . بۇ
سورۇننى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بۇلارنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى تۈرلۈك مۇزىكا، مەس قىلغۇچى
ئىچىملىك، زەھەرلىك چېكىملىك، بۇزۇق ئاياللار ئارقىلىق مەستخۇش قىلىدۇ. بۇزۇق
ئاياللار سورۇندىكىلەرگە ھەر تۈرلۈك ئەركىلەپ كۆز قىسىپ، ناز-كەرەشمىلىرى بىلەن
بىرىنىڭ مەخپىيىتىنى يەنە بىرىگە يەتكۈزۈدۇ ۋ ە ئاخىردا ھەممىسى زىيان تارتىدۇ .
بار يوقىنى دوغا تىكىدۇ، ياكى بۇزۇقلارغا يەمچۈك قىلىدۇ، ياكى ئىچىملىك-چېكىملىك
بىلەن تۈگۈتىدۇ . ئۇتقىنىمۇ ۋە ئۇتتۇرىۋاتقىنىمۇ ئوخشاشلا زىيان تارتىدۇ، ھەممىسى
بېشى چۈشكەن، قاپىقى ساڭگىلىغان، ماغدۇرسىز ھالەتتە، ئۇتتۇرۋەتكىنى ئۇتتىۋالغىنىغا
ئەتە ئۇچرىشىشقا ۋەدە بېرىپ روھسىز، كەيپىياتى تۆۋەن ھالدا قايتىدۇ . قىمارنىڭ
سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالدى، ئەر-ئاياللار
ئايرىلىپ كەتتى، قىمار ئويناش ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلغانلار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ
قالدى . بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنى ۋە يۈز-ئابرۇيىنى قىمار سورۇنىدا دوغا تىكىدۇ،
ھەقىقەتەن قىمار ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىدۇ، گەرچە ئۇنىڭدىكى نىشان مال بولسىمۇ،
لېكىن بۇ سورۇن ھاراق-شاراپ، زەھەرلىك چېكىملىك، ئالدامچىلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان
دوستلۇق، ساختىپەزلىك، بىر-بىرىگە يامانلىق كۈتۈش، چۈشكۈنلۈك ۋە رەھىمسىزلىكتىن
ئىبارەت يامانلىقنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئاللاھتىن تىنچ ئامانلىق تىلەيمىز.