سەيشەنبە 2 جىمادۇسسانى 1446 - 3 دىكابىر 2024
Uygur

ئايدىڭ كۈنلەرنىڭ روزىسى بىلەن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسنى بىرگە نىيەت قىلىپ تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىدىن ئۈچ كۈننى ئايدىڭ كۈنلەرنىڭ روزىسى بىلەن بىرگە نىيەت قىلىپ تۇتقان كىشىگە ھەر ئىككىلى نەپلە روزىنى تۇتقاننىڭ ئەجىر ساۋابى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىز بۇ مەسىلىنى ئۇستازىمىز ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى بازدىن (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) سورىغان ئىدۇق ئۇستازىمىز بۇ سوئالغا: "ئۇ كىشىگە ئاللاھدىن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى ۋە ئايدىڭ كۈنلەرنىڭ روزىسىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى-ئېھسانى كەڭدۇر"، دەپ جاۋاپ بەردى.

    بۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىگە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "شۇنداق، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، ئۇ روزىنى ئايدىڭ كۈنلەردە تۇتسۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇتسۇن،  ئۇ كىشىدىن ئايدىڭ كۈنلەرنىڭ روزىسى چۈشۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش دېگەن ھەدىسكە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

     ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتاتتى، روزىنى ئاينىڭ ئەۋۋىلىدە بولسۇن، ئوتتۇرىدا بولسۇن ياكى ئاخىرىسىدا بولسۇن قايسى ۋاقىتتا بولسا تۇتاتتى. بۇنىڭ مىسالى؛ مەسچىتكە كېرىپ نامازدىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازنى ئوقۇغان كىشىدىن مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى چۈشۈپ كەتكەنگە ئوخشاش.

     توغرىنى ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد