سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

زاكاتنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھىكمەت

سۇئال

زاكاتنىڭ يولغا قويىلىشىدا مەلۇم بىر ھىكمەت بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ھەر قانداق بىر نەرسە گۈزەل ھېكمەتلەر ۋە ياخشى مەنپەئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ئىلمى قۇدرىتى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ زات ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە ھېچقانداق بىر ئىشنى ھىكمەتسىز يولغا قويمايدۇ.

ئىككىنچى: زاكاتنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھىكمەتتوغرىسىدا ئالىملار تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۈرلۈك ھېكمەتلەرنى بايان قىلىدۇ:

1- مۇسۇلمان بەندىنىڭ ئىسلامىنى تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زاكات بولسا ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر. زاكاتنى ئادا قىلغان مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىسلامىنى تولۇقلىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن بولىدۇ، مانا بۇ مۇسۇلماننىڭ ئەڭ ئالى غايىسى ۋە دىنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان يولىدۇر.

2- زاكاتنى ئادا قىلىش، زاكات بەرگۈچىنىڭ ئىماندا راستچىل ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى پۇل-مالنى ياخشى كۆرىدۇ، ياخشى كۆرگەن مالنى ئۇنىڭدەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ياخشى بولغان نەرسىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ، بۇ سەدىقە دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىشتىكى سەمىمىيەت ۋە راستچىللىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3- زاكات بەرگۈچىنىڭ ئەخلاقىنى پاكلايدۇ، ئۇ كىشىنى بىخىللار جامائىتى ئارىسىدىن چىقىرىپ، ئېسىل ۋە سېخىلەر جامائىتىگە كىرگۈزىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۆز نەپسىنى خەير-ئېھسان قىلىشقا ئادەتلەندۈرسە مەيلى مال-دۇنيا سەرپ قىلىش، ئىلىم-مەرىپەت ئۈگۈتۈش ياكى يۈز ئابرۇيى ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەير-ئېھسان قىلىش، ياخشىلىق قىلىش ئۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە مۇجەسسەملىشىدۇ، بۇنىڭدىن سۇسلىشىپ قالمايدۇ، خۇددى ئوۋ ئولاپ ئادەتلەنگەن ئوۋچى كەچكىرگىچە بىر نەرسە ئوۋلىيالمىسا بىئارام بولغانغا ئوخشاش، ئۆز نەپسىنى سېخىلىققا ئادەتلەندۈرگەن كىشىمۇ بىرەر كۈن ئۆزىنىڭ مال-دۇنياسى ياكى يۈز-ئابرۇيى ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلالمىسا بىئارام بولۇپ قالىدۇ.

4- زاكات بېرىش مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىنى ئاچىدۇ. مۇسۇلمان ئاللاھ يولىدا بىر نەرسە سەرپ قىلسا بولۇپمۇ پۇل-مال سەرپ قىلسا كۆڭلى ئېچىلىدۇ، بۇ تەجىربىدىن ئۆتكەن ئىش، لېكىن سېخىلىق قىلىشنىڭ شەرتى چىن كۆڭلىدىن رازى بولۇشتۇر. ئەمما چىن كۆڭلىدىن رازى بولماي سەرپ قىلغان نەرسىسىگە كۆڭلىدە رازىلىقى بولمىسا ياكى ئارامسىزلىق بولسا بۇ سېخىلىقنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: "زادۇل مىئاد" ناملىق ئەسىرىدە: "سېخىلىق ۋە ئېسىللىك قەلبى ئوچۇق بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولۇپ، ياخشىلىقنى چىن قەلبىدىن چىقىرىپ قىلغان كىشى بۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ. مالنى قولى بىلەن سەرپ قىلىشتىن بۇرۇن مال-دۇنيانىڭ مۇھەببىتى ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدىن چىقىپ كىتىدۇ، ئەمما مالنى قولى بىلەن ياخىشىلىققا سەرپ قىلسىمۇ مەزكۇر مال-دۇنياغا بولغان مۇھەببەت ۋە ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭ قەلبىدىن ئۈزۈلمەيدىكەن، بۇنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايدۇ".

5- زاكاتنى ئادا قىلىش مۇسۇلماننى تولۇق مۆمىن قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەر ئۆزۇڭلارياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ياخشى كۆرمىسەڭلارھەقىقى مۆمىن بولالمايسىلەر،دېگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. شۇنىڭدەك سىز مالنى ئۆز ھاجىتىڭىزنى ئۆز ئېھتىياجىڭىزنى قامداش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى ياخشى كۆرگەندەك، قېرىندىشىڭىزغا بېرىشنىمۇ ياخشى كۆرسىڭىز ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئىمانىڭىز مۇكەممەل بولىدۇ.

6- زاكاتنى ئادا قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. چۈنكى جەننەت دېگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغاندەك: كىشىلەرگە چىرايلىق سۆز قىلغان، سالام قىلىشقا ئادەتلەنگەن، يوقسۇللارغا تائام بەرگەن، كېچىدە كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن جەننەتكە كېرىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

7- زاكاتنى ئادا قىلىش بولسا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى بىر ئائىلىگە ئوخشاش قىلىدۇ، بۇ ئائىلىدە چوڭلار ئاجىزلارغا كۆيىنىدۇ، بايلار كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ ياردەم بىرىدىغان قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئېھسان قىلغىنىدەك باشقىلارغىمۇ ئېھسان قىلىشىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَأَحْسِن كَمَا أَحْسَنَ اللَّـهُ إِلَيْكَتەرجىمىسى: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ ياخشىلىق قىلغىن. [سۈرە قەسەس 77-ئايەت].

يۇقىرىقىدەك بولغاندا ئىسلام ئۈممىتى خۇددى بىر ئائىلىگە ئوخشاش بولىدۇ. كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۇنى "ئىجتىمائىي كاپالەت" دەپ ئاتىدى. ئەمما زاكات بۇنىڭدىن ياخشىدۇر. چۈنكى مۇسۇلمان كىشى زاكات بېرىش ئارقىلىق رەببى ئۆزىگە پەرز قىلغان دىنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

8- زاكات كەمبەغەللەردىن پەيدا بولىدىغان ھەسەت ئۆتىنى ئۆچىرىدۇ. چۈنكى باي ئادەم خالىغان قاتناش ۋاستىلىرىنى قوللىنىدۇ، ئالى قەسىر، ئېسىل ئۆيلەردە ئۆلتۇرىدۇ، كۆڭلى تارتقان يىمەكلەرنى ئىستىمال قىلىدۇ، كەمبەغەل كىشى بولسا، مىنىدىغان نەرسە يوق پىيادە يۈرىدۇ، ئاددى جايلاردا ئۇخلايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدە بايلارغا نىسبەتەن ھەسەت پەيدا بولىشى ئېنىقتۇر.

بايلار كەمبەغەللەرگە خەير ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردا قوزغالغان ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتنى يوقىتىدۇ، غەزىۋىنى پەسەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەمبەغەللەرمۇ: بىز قىيىنچىلىقتا قالساق بىزگە ياردەم قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىكەن دەپ بايلار بىلەن ئارىلىشىپ يېقىن ئۆتىدۇ ۋە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.

9- زاكات جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەتنىڭ سادىر بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش ئومۇملاشمىغان جەمئىيەتتە كەمبەغەللەر ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىلدىكى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىدۇ. بايلار ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا كەمبەغەللەرگە زاكات يولى بىلەن ياردەم بېرىپ تۇرغاندا ئۇلار بايلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ مال دۇنياسىغا ھەرگىزمۇ چىقىلمايدۇ. يەنى زاكات جەمئىيەتتە ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىقتەك جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ كاپالىتىدۇر.

10- زاكاتنى ئادا قىلىش بىلەن قىيامەت كۈنىنىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنىدە ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ سەدىقىسىنىڭ سايىسىدا بولىدۇ. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 4510-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

يەنە بىر ھەدىستە قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە بولمىغان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى: ئوڭ قولى ئارقىلىق بەرگەن نەرسىنى سول قولى تۇيمىغان ھالەتتە مەخپى سەدىقە قىلغان كىشىلەردۇر،دەپ بايان قىلىنغان. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

11- زاكات مۇسۇلماننى ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسى ۋە قانۇنىنى تونۇشقا يىتەكلەيدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ زاكات توغرىسىدىكى ھۆكمى، زاكات بېرىدىغان مالنىڭ مىقدارى، بىرىدىغان زاكاتنىڭ ئۆلچىمى ۋە زاكات ئىلىشقا تىگىشلىك بولغان كىشىلەردىن ئىبارەت زاكاتقا ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەرنى بىلگەندىن كىيىن ئۆزى ئادا قىلىش كېرەك بولغان زاكاتنى ئادا قىلىدۇ.

12- زاكات ساھىبىنىڭ قولىدىكى مالنى پاكلايدۇ. (يەنى مالنى ماددى ۋە مەنەۋىي جەھەتتىن ئۆستۈرىدۇ.) مۇسۇلمان نىسابىغا يەتكەن پۇل-مىلىدىن سەدىقە قىلىش ئارقىلىق قالغان ماللىرىنى تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ساقلايدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە قىلغان سەدىقىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن بېرىلىدىغان رىزىقنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق دەيدۇ: سەدىقە مالنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2588-ھەدىس].

بۇ ئەمەلى بولىدىغان ئىشتۇر. چۈنكى بەزى ۋاقىتتا بېخىل ئىنساننىڭ مال-دۇنياسى ئاپەتكە ئۇچراپ ھەممىسى كۆيۈپ كېتىدۇ ياكى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ ياكى ئېغىر كېسەل بولۇپ بارلىق مال-مۈلكى ئۇنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىپ تۈگەيدۇ.

13- زاكاتنى ئادا قىلىش بولسا ياخشىلىق ۋە بەرىكەت چۈشۈشنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆز ماللىرىنىڭ زاكاتىنى ئايرىشتىن باش تارتىدىكەن، ئۇلار قەھەتچىلىككە-قۇرغاقچىلىققا ئۇچرايدۇ، دېگەن. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 5204-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

14-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە: مەخپى قىلىنغان سەدىقە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىنى ئۆچۈرىدۇ، دىيىلگەن. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 3759 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

15- زاكاتنى تولۇق ئادا قىلىش تۇيۇقسىز كىلىدىغان يامان ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قىلىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

16- زاكاتنى ئادا قىلىش ئاسماندىن چۈشىدىغان بالا-مۇسىبەتكە قارشى تۇرۇپ، بالا-مۇسىبەتنىڭ زېمىنغا يېتىشىنى (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) چەكلەيدۇ.

17- زاكاتنى ئادا قىلىش خاتالىقلار ئۈچۈن كاپارەت بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك سەدىقىمۇ خاتالىقنى ئۆچۈرىدۇ. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 5136-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن "شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەرنىڭ 6-توم 4-7-بەتلىرىگە قارالسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى