سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شىيئە دېگەن ئۇقۇم كىچىك بالىلارغا قانداق چۈشەندۈرۈلىدۇ ؟

45638

تارقاتقان ۋاقىت : 22-04-2015

كۆرگۈچىلەر : 3188

سۇئال

مېنىڭ ھەمشىرەمنىڭ سەككىز ياشلار چامىسىدا بىر ئوغلى بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ مېنى شىيئەلەر كىم؟ دېگەن سوئال بىلەن ھودۇقتۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم ۋە چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىسەن، دەپلا كۇپايىلەندىم .لېكىن ئۇ: بۇ جاۋابقا قانائەتلەنمىدى. كېچىك قېرىندىشىمنىڭ ئون ياشلىق بالىسى ئۇنىڭغا: مەن سۈننى دېۋىدى، ئۇ: شۇئانلا، مەن شىيئە دەپ ئىنكاس قايتۇردى. بۇ توغرىدا ئۇ قانائەتلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ يېشىدىكى بالىلار چۈشىنەلەيدىغان جاۋاپ نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگاھى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەگەر كېچىك بالا شىيئە توغرىسىدا سورىسا، ئۇنىڭغا شىيئەلەرنىڭ ياخشى ئادەملەر ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ گۇناھ مەسىيەت ۋە شەرىئەتكە مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەر بولغان ساھابە كىراملارنى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پاك ئاياللىرىنى ھاقارەتلەيدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بىز ئۇلارنى ياخشى كۆرەلمەيدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم.

ئەگەر ئۇلار تېلېۋىزۇرلاردا شىئەلەرنىڭ قەبىرلەرنى سىلاپ ۋە ئۇنى تاۋاپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە بەرىكەت تىلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى، ئاشۇرا كۈنىنى قۇتلۇقلاپ ئۆزلىرى ۋە بالىلىرىغا پىچاق زەنجىر ئۇرۇۋاتقان ھالەتلىرىنى كۆردى دېسەك، ئۇ چاغدا بىز بالىلارغا: ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىشىنىڭ دىنىمىزدا ئورنى يوقلىقى ۋە ئۇ قىلمىشلارنىڭ پۈتۈنلەي ھاراملىقى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئاللاھتىن باشقاھېچقانداق بىر شەيئىگە ئىبادەت قىلـمايدىغانلىقىمىز، قەبرە ۋە باشقا ھەرقانداق مەخلۇقلارغا سەجدە قىلـمايدىغانلىقىمىز، ئۆزىمىزۋە بالىلىرىمىزغا ئاشۇرا كۈنىدە پىچاق ئۇرۇش دىنىمىزدىن ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرىمىز. مۇشۇ تەرىقىدە كىچىك بالىنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىغا قارىتا، شىيئەلەرنىڭ ئىسلامنىڭ توغرا يولىنىشىدىن چەتنىگەن ئازغۇن كىشىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلىدۇ .

شۇنداقلا، ئۇ بالىغا ئۆزىمىزنىڭ سۈننى ئىكەنلىكىمىزنى (يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىدىغانلىقىمىزنى)، دىنىمىزدا بىدئەت ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىمىزۋە ئۇلار قىلغاندەك ئىشلارنى قىلساق بولـمايدىغانلىقىنى ئېيتىمىز. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇ بالىغا شىيئەلەرنىڭ خاتا قىلمىشلىرىنىڭ بەزىلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۇرۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شىيئەلەرنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئىشەنچىلىك تور بېكەتلىرىدىكى بەزى ماتىرياللاردىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى