پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

جانابى ئاللاھنىڭ ئەرشى يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدىمۇ ؟

سۇئال

جانابى ئاللاھنى ئاسماندا دەپ ئېتىقات قىلىشنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ ئەرشى يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە دېگەنلىكنى بىلدۈرەمدۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارچە ھەمدۇ-سانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن.

ئاللاھنىڭ ئەرشى يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدىدۇر. ئەرش بولسا مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە  مەخلۇقدۇر.

بۇ توغرىسىدا بۇخارىيدا رىۋايەت قىلىنغان(2581)- ھەدىسدە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەتتە يۈز مەرتىۋە باردۇر، جانابى ئاللاھ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى مۇجاھىدلار ئۈچۈن بۇ مەرتىۋىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن جاي تەييارلىدى، ئۇ مەرتىۋىنىڭ دەرىجىسى ئاسمان-زېمىن ئارىلىقىدەك بۈيۈكتۇر. ئەگەر سىلەر جانابى ئاللاھدىن جەننەتنى تەلەپ قىلساڭلار پىردەۋس جەننىتىنى تەلەپ قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسى بولۇپ، ھەممىدىن ئالى دەرىجىلىك جەننەت سانىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە جانابى ئاللاھنىڭ ئەرشى قارار ئالغان، پىردەۋس جەننىتى، جەننەت ئۆستەڭلىرىنىڭ مەنبىئىدۇر. بارلىق مۇسۇلمانلار جەننەت يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە دەپ ئېتىقات قىلىدۇ. ئەرش جەننەتنىڭ ئۇستىدە دەپ ئېتىقات قىلىشىمىز، ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە دېگەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمىزنى سەھىھ مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان 4136- ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن ھەدىس بىلەن ئىسپاتلايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "جانابى ئاللاھ ئەگەر بىرنەرسىنى خالىسا ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇ نەرسە بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇ زاتقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن ئاسمان ئەھلى تەسبىھ ئېتىدۇ، ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار تەسبىھ ئېتىدۇ. تەسبىھ ئاخىرى زېمىننىڭ ئاسمىنىدىكىلەرگە يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچىلارغا، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر پەرۋەردىگارىڭلار نېمە دېدى؟ دەپ سورىشىدۇ. ئۇلار جانابى ئاللاھنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر باشقا پەرىشتىلەرگە خەۋەر قىلىش ئارقىلىق ئۇ خەۋەر ئاخىرى زېمىن ئۈستىدىكى بىرىنچى قەۋەت ئاسمانغا يەتكۈزۈلىدۇ". بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى؛ ئاللاھنىڭ ئەرشى ۋە كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر يەتتىنچى قەۋەت ئاسمان ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

ئىبنى خۇزەيمەنىڭ ھەدىسلەر توپلىمىدىكى 105-ھەدىستە، تەۋھىد ناملىق ئەسىرىدىكى 594-ھەدىستە، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: بىرىنچى ئاسمان بىلەن يەنە بىر ئاسمان ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بەشيۈز يىللىق مۇساپىدۇر، ھەربىر قەۋەت ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بەشيۈز يىللىق مۇساپىدۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە: "ھەر بىر قەۋەت ئاسماننىڭ قېلىنلىقى بەشيۈز يىللىق مۇساپىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.  يەتتىنچى قەۋەت ئاسمان بىلەن كۇرسى رەھمان ئارىلىقى بەشيۈز يىللىق مۇساپە، كۇرسى رەھمان بىلەن سۇنىڭ ئارىلىقى بەشيۈز يىللىق مۇساپە، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە، جانابى ئاللاھ ئەرشنىڭ ئۇستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئورۇن ئالدى. سىلەرنىڭ ئىش- ئەمەللىرىڭلارنىڭ  ھېچقايسىسى جانابى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن يوشۇرۇن قالمايدۇ. يۇقىرىدىكى ھەدىسنى ئىمام زەھەبى ئەلئۇلۇۋ ناملىق ئەسىرىنىڭ 64- بىتىدە، ئىمام ئىبنى قەييىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 100- بىتىدە "سەھىھ ھەدىس" دەپ تەكىتلەيدۇ.

زەھەبىنىڭ ئەلئۇلۇۋ ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ قىسقارتمىسىنىڭ  35-بىتىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە جانابى ئاللاھ يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىنى سۇ بىلەن ياراتتى، ئەرشنى سۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى دەيدۇ. شەيخ ئالباني بۇ ھەدىسنىڭ سەنىدىنى ساغلام دېگەن.

مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرى ئاللاھنىڭ ئەرشى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئۈستىدىدۇر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش ئەڭ ساغلام ئېتىقادتۇر.

ئىبنى قەييىم (ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ) زادۇل مەئاد ناملىق ئەسىرىنىڭ 4-توم 203-بىتىدە،  شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 6-توم 581-بىتىدە، ئىبنى كەسىر ئەلبىدايەتۇ ۋەننىھايە ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 9 ۋە 11-بەتلىرىدە، ئىبنى ئەبى ئەلئىز شەرھى ئەقىدە تەھاۋىيە ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 311-بىتىدە، "ئاللاھنىڭ ئەرشى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئۈستىدىدۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر". دەپ قەيت قىلىدۇ.

بۇ ھەقتە تىخىمۇ كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشەي دېسىڭىز، (زەھەبىنىڭ مۇختەسەر ئۇلۇۋ، ئىبنى خۇزەيمىنىڭ تەۋھىد، ئىبنى قەييىمنىڭ مۇسۇلمان ئەسكەرلەر توپلىمى ناملىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىڭ.)

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى