سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مىيقاتتىن ئېھرامغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ئېھرام كىيىدىغان ئورۇنلاردىن ئېھرام كىيمەي ئۆتۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (مىيقاتتىن) ئېھرام كىيىش بولسا، ھەج-ئۆمرىدە مۇھىم بولغان ئەمەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلغۇچى ھەرەمگە ھاۋا يولى ياكى دېڭىز يولى ۋە ياكى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق كەلسۇن، ئېھرامغا كىرمەستىن مىيقاتتىن ئۆتىشى توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللادىن، ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى مىيقاتتىن ئېھرام كىيمەي ھەرەمگە كەلسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مىيقاتتىن ئېھرام كىيمەي ئۆتۈپ كەتكەن كىشى مۇنداق ئىككى ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ: بىرى، ئۇ كىشى ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىش ئۈچۈن مىيقاتقا قايتىپ ئېھرامغا كىرىپ ھەرەمگە قايتا كىرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ئۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىدە قىلىش زۆرۈر بولغان (ۋاجىپ) ئەمەلنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قارىشى بويىچە، ئۇ كىشىگە پىديە كېتىدۇ يەنى قويدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

يەنە بىرى: ئەگەر ئۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن مىيقاتتىن ئۆتكەن بولسا، بۇ كىشى مەككىدە كۆپ ۋاقىت تۇرسۇن ياكى ئاز ۋاقىت تۇرسۇن ئۇ كىشىگە ھېچنەرسە بولمايدۇ، (يەنى پىديە كەلمەيدۇ). چۈنكى بىز مىيقاتتىن ئۆتكەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئېھرام كىيىش زۆرۈر دەپ قارىساق، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە ھاياتىدا بىر قانچە قېتىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش پەرز قىلىنغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەج قىلىش ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرز بولىدۇ، دېيىلگەن. ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغىنى نەپلە بولىدۇ.

مانا بۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە، ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلماستىن بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (يەنى مىيقاتتىن) ئېھرامسىز ئۆتكەن كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، قايتىدىن مىيقاتقا چىقىپ ئېھرامغا كىرىپ مەككىگە قايتىشى كېرەك ئەمەس." [پىقھۇل ئىبادات ناملىق ئەسەر 283-بەت. ئىسلام ئاساسلىرى توغرىسىدا پەتىۋالار ناملىق ئەسەر 513-بەت].

مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بىزنىڭ سىزگە بېرىدىغان جاۋابىمىز، سىز ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ئېھرام كىيىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قايتىپ، ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن قايتىدىن كېلىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلماستىن، ئايدۇرۇمدا ياكى مەككىدە ئېھرام كىيسىڭىز ئۇ ۋاقىتتا ئەھلى ئىلىملارنىڭ قارىشى بويۇنچە سىزگە بىر قوي جازا كېلىدۇ، بۇ قوينى مەككىدە ئۆلتۈرۈپ، شۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى