جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

پارىخورلۇق ۋە جازانە ئىشلىرىنى قىلىدىغان كىشى بىلەن بىرگە شېرىك تىجارەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

تىجارەت قىلىۋاتقان بىر كىشىگە يەنە بىر كىشى بىرگە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد بەردى، بۇ ئىقتىساد بەرگەن كىشى پارىخورلۇق ۋە جازانە قىلىدىغان كىشى بولۇپ، بۇ ئادەم بىلەن شېرىك تىجارەت قىلسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: جازانىخورلۇق، پارىخورلۇق، ئوغۇرلۇق، ئالدامچىلىق قاتارلىق چەكلەگەن يوللار بىلەن مال توپلىغان كىشىنىڭ ھالال يول بىلەن توپلىغان ئىقتىسادىغا چەكلەنگەن يول بىلەن توپلىغان ئىقتىسادى ئارىلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشى بىلەن سودا مۇئامىلىسى قىلىش ۋە شېرىك تىجارەت قىلىش ياخشى كۆرەلمەسلىك بىلەن توغرا بولىدۇ، ئەمما تىجارەتكە شېرىك بولغان ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىلا چەكلەنگەن يول بىلەن توپلانغانلىقى ئېنىق بىلىنسە، بۇ كىشى بىلەن شېرىك تىجارەت قىلىشمۇ ۋە باشقا مۇئامىلە قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ: "ئەلمۇغنىي"4-توم 180-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "زالىم پادىشاھ ۋە جازانىخورغا ئوخشاش ئىقتىسادىغا ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن كىشى بىر نەرسە سېتىۋالغان بولسا، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ سېتىۋالغان نەرسىسى ھالال ئىقتىسادتىن ئىكەنلىكى بىلىنسە، ھالال بولىدۇ، ھارام ئىقتىسادتىن ئىكەنلىكى بىلىنسە ھارام بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ھالال ياكى ھارامدىن ئىكەنلىكى بىلىنمىسە، ئۇنىڭدا ھارامنىڭ ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ياقتۇرمايمىز، ھالالنىڭ ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن قىلغان  سودىسى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ، ھارامنىڭ مىقدارى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق، چۈنكى بۇ شۈبھىلىك ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ھارامنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولىشى ئېنىق بولمىغان شۈبھىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولىشى بىلەن بېكىتىلىنىدۇ".

    "ھاشىيەتىل قەليۇبىي ۋە ئۇمەيرە" ناملىق ئەسەر 2-توم 418-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بۇ مەسىلىدە شېرىكلىك، خۇددى ئىسلام دىيارىدا ۋاقىتلىق ياشىغۇچى(زىممىي)، جازانە يېگۈچى ۋە  ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمى ھارامدىن بولغان كىشىنىڭ شېرىك بولغانلىقىغا ئوخشاش شېرىكلىك ياخشى كۆرەلمەسلىك(مەكرۇھلۇق) بىلەن توغرا بولىدۇ.

    "ھاشىيەتتىل دۇسۇقى" 3-توم 277-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "شۇنى بىلىش كېرەككى، بىر كىشىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمى ھالال بولۇپ، ئاز بىر قىسمى ھارامدىن بولغان بولسا، كۈچلۈك قاراشتا، ئۇ كىشى بىلەن ئىلىم-سېتىم، قەرىز مۇئامىلىسى قاتارلىق ئىشلار توغرا بولىدۇ، ئىبنى قاسىم دېگەندەك ئۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادىدىن قىلىنغان نەرسىلەر بولسا ئۇنى يېيىشمۇ توغرا بولىدۇ، ئەمما ئەسبەغ دېگەن ئالىم توغرا بولمايدۇ، دەيدۇ.

    ئەمما ئىقتىسادىنىڭ ھەممىسى ھارام يوللاردىن كەلگەن بولسا، ئۇنداق ھالەتتە بۇ كىشى بىلەن ئىلىم-سېتىم قىلىش ۋە قەرىز مۇئامىلىسى قىلىش توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىقتىسادنى ئۆزىنىڭمۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ".

    ئىككىنچى: سىز بۇ كىشى بىلەن شېرىك تىجارەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇ كىشىگە چېرايلىق چۈشەندۈرۈپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋە باشقىلاردىن زۇلۇم قىلىپ ئالغان نەرسىلەردىن قۇتۇلۇش ۋە ھالال كەسىپ قىلىش، جەننەت پاك جاي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەرگە ھالال كەسىپ قىلغان پاك كىشىلەرنىڭ كېرىدىغانلىقى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشىڭىز كېرەك. ھالال بولمىغان يوللاردىن توپلىغان ئىقتىسادنى پاكلىماي يېيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ئىنسان بەدىنىدە ھارامدىن بىر نەرسە بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ دوزاخقا لايىق بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىشىڭىز كېرەك.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى