سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئېتىكاپ قىلىشتىكى ئاساسى مەقسەت نېمە؟، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇ سۈننەتنى تەرك قىلدى؟

سۇئال

ئېتىكاپ قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەكىتلەنگەن سۈننەت تۇرسا، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇ سۈننەتنى تەرك قىلىدۇ؟، ئېتىكاپ قىلىشتىن بولغان ئاساسى مەقسەت نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئېتىكاپ قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئادەت قىلغان تەكىتلەنگەن سۈننەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ 48999- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ئىېتىكاپنىڭ يولغا قويۇلىشى توغرىسىدىكى دەلىللەرگە قارالسۇن.

بۇ سۈننەت كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدىن كۆتۈرلۈپ كەتتى، پەقەت ئاللاھ بۇ سۈننەتنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغان كىشىلەرلا مۇۋەپپەق بولىدۇ.

ئېتىكاپ قىلىش مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىشتىن يىراقلىشىپ كېتىپ ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە ئاز قالغان سۈننەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭ تۆەندىكىىدەك بىرقانچە تۈرلۈك سەۋەبلىرى بار:

1- كۆپچىلىك كىشىلەردىكى ئىمانى ئاجىزلىق.

2-مۇسۇلمانلار دۇنيا تۇرمۇشىغا بەك بېرىلىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلار بۇ سۈننەتتىن يىراقلىشىپ كېتىپ، قىسقا مۇددەت بولسىمۇ ئېتىكاپ قىلغۇدەك ھىممىتىنىڭ بولماسلىقىدۇر.

3- كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جەننەت چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، دۇنيانىڭ راھەت-پاراغەتلىرىگە مايىل بولۇپ كېتىش، گەرچە ئېتىكاپ قىلىشتا ئازراق قىيىنچىلىق بولسىمۇ، ئاللاھ رازى بولىدىغان بۇ يولدا قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىشنى خالىماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نېمەتلەرنىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ يۈكسەك ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىلەر بولسا بۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل-قىممەتلىك نەرسىلىرىنى سەرپ قىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ تاۋارلىرى (يەنى مىلى) قىممەتلىكتۇر، دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ تاۋارلىرى جەننەتتۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن 2450-ھەدىس].

4-كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ قەلبىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ئەمەلىي بولماستىن پەقەت ئاغزاكى سۆزدىن ئىبارەت بولۇپ، نۇرغۇنلىغان سۈننەتلەرنى تەتبىقلاشقا سەل قارىغان، ئېتىكاپمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّـهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّـهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّـهَ كَثِيرًا ﴾ تەرجىمىسى: سىلەرگە، ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە، رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر. [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەت ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىكى چوڭ ئاساس ھېسابلىنىدۇ".

سەلەپ ئالىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئادەت قىلىپ كەلگەن ئېتىكاپتىن ئىبارەت بۇ سۈننەتنى تەرك قىلغانلىقىدىن ئەجەبلەندى.

ئىبنى شىھاب زۆھرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارغا ھەيران قالىمەن، ئۇلار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن باشلاپ تاكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپتۇزغىچە بولغان ئارىلىقتا تەرك قىلمىغان ئېتىكاپتىن ئىبارەت سۈننەتنى تەرك قىلدى.

ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاخىرىقى ھاياتىدا ئادەت قىلغان ئېتىكاپ بولسا رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىشتۇر، بۇ ساناقلىق كۈن، تەربىلەش كۇرسى بولۇپ، بۇ بىرقانچە كېچە-كۈندۈزدە قىلىنغان ئېتىكاپ تېزلىكتە مۇسۇلمان ھاياتىغا ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان كەلگۈسى ھاياتىدىمۇ زۆر تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مۇسۇلمانلار جامائىتى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار ئادا قىلغان يول بويىچە بۈ سۈننەتنى ئادا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەك ئېھتىياجلىقتۇر.

ئۈممەت ئىچىدە پىتنە تارالغان، كىشىلەر غەپلەتتە قالغان زاماندا رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتقان كىشى ئۇتۇق قازىنىدۇ.

ئۈچىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپ قىلىشتىكى ئاساسى مەقسىتى بولسا قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە نائىل بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشىكى بورا بىلەن توسۇلغان كىچىك چېدىردا دەسلەپتە رامزاننىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلدى، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلدى، كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چېدىرنىڭ ئىشىكىنى توسۇپ تۇرغان بورىنى بىر تەرەپكە قايرىۋېتىپ چېدىردىن بىشىنى چىقىرىپ كىشىلەرگە سۆزلىدى، كىشىلەر يېقىن كېلىپ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:مەن قەدىر كېچىسىنى تېپىش ئۈچۈن رامزاننىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلدىم ئاندىن ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلدىم، ئاندىن ماڭا ۋەھىي ئىلىپ كەلگەن پەرىشتە قەدىر كېچىسىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈندە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، سىلەردىن ئېتىكاپ قىلىشنى ياقتۇرىدىغانلار بولسا ئېتىكاپ قىلسۇن دېدى، كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ئېتىكاپ قىلدى. [ئىمام مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ 1167-ھەدىس].

يۇقىرىقى ھەدىستىن بىرقانچە پايدىلار ئېلىنىدۇ:

1- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكاپ قىلىشتىكى ئاساسى مەقسىتى بولسا قەدىر كېچىسىنى تېپىش، ئۇ كېچىدە قىيامدا تۇرۇپ، كېچىنى ئىبادەت بىلەن ياشنىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىك-ئۇلۇغ كېچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِّنْ أَلْفِ شَهْرٍ تەرجىمىسى: شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر . [سۈرە قەدر 3-ئايەت].

2-بۇ كېچىنىڭ ۋاقتىنى بىلىشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغانلىقى، دەسلەپتە رامزاننىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغانلىقى، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغانلىقى، ئۇنىڭدى كىيىن قەدىر كېچىسىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغانلىقى رەسۇلۇللاھنىڭ قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەڭ يۈكسەك تىرىشچانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

3-ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشى، ئۇلار ئىتىكاپنى باشلاپپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە رامزاننىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردى، بۇ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسىدۇر.

4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە كۆيۈنىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىېتىكاپنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئونىدا ئۇلارغا ئۆزى بىلەن بىرگە ئېتىكاپ قىلىش ياكى ئېتىكاپتىن چىقىپ كېتىش ئىختىيارلىقىنى بەردى. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئېتىكاپ قىلىشنى ياقتۇرىدىغانلار بولسا، ئېتىكاپ قىلسۇن دېگەن سۆزىدىن ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ.

ئېتىكاپ قىلىشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا مەقسەتلىرىمۇ بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-مۇمكىن قەدەر كىشىلەردىن ئايرىلىپ ئاللاھ تائالا بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت بولۇش.

2-ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە پۈتۈنلەي يۈزلىنىش ئارقىلىق قەلبىنى ئىسلاھ قىلىش.

3-ناماز ئوقۇش، زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرگە پۈتۈنلەي يۈزلىنىش.

4-روزىنى تۈرلۈك شەكىلدىكى نەپسى شەھۋەتلەرنىڭ تەسىرىدىن ساقلاش.

5-دۇرۇس بولغان دۇنيا ئىشلىرىنى ئازايتىش، نەپسى ئۈندەيدىغان ئىشلارغا قىزىقماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

يەنە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوكتۇر ئابدۇللىتىپ بالتۇنىڭ: "ئىېتىكاپنىڭ تەربىيىۋى نەزىرىيەسى" ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى