پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايالنىڭ ئەر كىشىگە قارىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئايال ئۆزىگە يات بولغان ئەرلەرگە قارىسا توغرا بولامدۇ ياكى چەكلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.   

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ  ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئايالنىڭ كوچىلاردا ياكى يىلۋىزۇردا يات ئەرلەرگە قارىشى توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئايالنىڭ تىلۋىزۇر ياكى كوچىلاردا يات ئەرلەرگە قارىشى مۇنداق ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

1-شەھۋەت ۋە زوقلىنىش بىلەن قاراش، بۇ ھارام بولۇپ، پىتنە ۋە بۇزۇقچىلىققا سەۋەپ بولىدۇ.

2- شەھۋەتسىز يەنى تەبىئى قاراش بولۇپ، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ. بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دولىسىدىن مەسچىتتە نەيزە ئوينىتىۋاتقان ھەبەشكە قارىغان» پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.

    ئاياللارمۇ كوچىلاردا ماڭىدۇ گەرچە ھىجابلىق بولسىمۇ ئەرلەرگە قارايدۇ، ئەر كىشى قارىمىغان تەقدىردىمۇ ئايال قاراپ قالىدۇ، بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، پىتنە، شەھۋەت ۋە زوقلىنىش بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر پىتنە بولىدىغان، شەھۋەت ۋە زوقلىنىش بولىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا كوچىدىكىمۇ ياكى تىلۋىزيردىكىمۇ ئەرلەرگە قارىشى توغرا بولمايدۇ. ["مۇسۇلمان ئاياللارغا ئالاقىدار پەتىۋالار" 2-توم 873-بەت].

  ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "مۇسۇلمان ئاياللارغا ئالاقىدار پەتىۋالار" 2-توم 873-بەت