دۇشەنبە 5 زۇل ھەججە 1443 - 4 ئىيۇل 2022
Uygur

نامازنى قايسى ۋاقىتتا ئولتۇرۇپ ئادا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ؟

سۇئال

  بىمار كىشى قانداق ۋاقىتتا ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلسا توغرا بولىدۇ؟ ئۇ كىشى ئۆرە تۇرۇشقا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ لېكىن بەك جاپا تارتىپ كېتىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئىلگىرى 50684 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا: قىيامدا تۇرۇشنىڭ نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئۈزۈر بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا باشقا پەرىز-ۋاجىپلار چۈشۈپ كەتكەندەك قىيامدا تۇرۇشمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ.

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇ" 4-توم 201-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئالىملىرى: پەرىز نامازدا ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشى ئولتۇرۇپ نامازنى ئادا قىلسا بولىدۇ، ئۇ نامازنى كىيىن قايتا ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ، ئۈ كىشى ئۈزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن نامازنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلغان بولسىمۇ، ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلغانغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ دېگەن قاراشتا بىردەك بولغان، بۇ توغرىدا سەھىھ بۇخارىيدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان كېسەل بولۇپ قالسا، سەپەردە بولسا، ئۇ كىشىگە ساق ۋە مۇقىم تۇرغان ۋاقىتتا قىلغان ئىبادەتنىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ»".

    نامازنى ئولتۇرۇپ ئادا قىلسا دۇرۇس بولىدىغان، قىيامدا ئۆرە تۇرۇش ساقىت بولىدىغان ئۈزۈرلەرنىڭ قائىدىسى:

1-ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالماسلىق.

2-ئۆرە تۇرۇپ نامازنى ئادا قىلسا كېسىلى زىيادە بولۇپ كىتىش. 

3-كېسەلنىڭ ساقىيشى-شىپا تىپىشى كېچىكىپ كىتىش.

4-ئۆرە تۇرۇپ قالسا، ئاغرىقتىن خۇشۇنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر مۇشەققەت بۇنىڭدىن يەڭگىل بولغاندا ئولتۇرۇپ نامازنى ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەۋاسىر كېسىلىم بولۇپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازنى قانداق شەكىلدە ئادا قىلىش توغرىسىدا سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلغىن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئادا قىلغىن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېنىچە يېتىپ ئادا قىلغىن دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 1117-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ (ئەگەر قادىر بولالمىساڭ) دېگەن سۆزنى كېسەل كىشى ئۆرە تۇرۇپ نامازنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغاندا ئولتۇرۇپ نامازنى ئادا قىلىشقا يۆتكىلىدۇ دېگەن كىشىلەر دەلىل قىلدى. قازىي ئىياز رەھىمەھۇللاھمۇ ئىمام شاپىيدىن مۇشۇنداق بايان قىلغان. ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي قاتارلىق ئالىملار: قادىر بولالماسلىقنى شەرت قىلمايدۇ بەلكى مۇشەققەتنىڭ تىپىلىشىنى شەرت قىلىدۇ، ئىمام شاپىئىينىڭ قارىشىدا قادىر بولالماسلىق دېگەن، ئۆرە تۇرۇش بىلەن بەك قېيىنچىلىقنىڭ تىپىلىشى ياكى كېسەلنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشى، ياكى ھالاك بولۇپ كىتىشتىن قورقۇشى دېمەكتۇر. مۇشەققەتنىڭلا تىپىلىشى كۇپايە قىلمايدۇ. قىيىنچىلىق دېگەن: ئۆرە تۇرسا ياكى كېمە قاتارلىق نەرسىلەر ئۆرە تۇرۇپ نامازنى ئادا قىلسا بېشى قايىدىغان ۋە سۇغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدىغان ئىشلاردۇر. 

    كۆپچىلىك ئالىملار: تەبەرانى بايان قىلغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى دەلىل قىلىدۇ: «ئۆرە تۇرۇپ نامازنى ئادا قىلغىن، ئەگەر مۇشەققەت يىتىپ قالسا، ئولتۇرۇپ ئادا قىلغىن، ئەگەر مۇشەققەت يىتىپ قالسا يېنىچە يىتىپ ئادا قىلغىن». ["پەتھۇل بارىدىن"].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ زىكىر قىلغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى، ھەيسەمى"مەجمەئۇل زەۋائىد" 2897-ھەدىستە زىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: تەبرانى "ئەۋسەتتە" زىكىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى ئىبنى جۇرەيجدىن پەقەت ھەلىس ئىبنى مۇھەممەد دەبئى رىۋايەت قىلغان، ھەيسەمى مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشىنىڭ سىيرىتىنى بايان قىلغان ھېچ بىر كىشىنى تاپالمىدىم، باشقا راۋىيلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكتۇر".

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 1-توم 443-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئۆرە تۇرۇش مۇمكىن بولسا ئۆرە تۇرىدۇ، ئەگەر كېسىلىنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە ياكى بەك مۇشەققەت بولۇپ كەتسە، ئۇ كىشى ئولتۇرۇپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئىمام مالىك ۋە ئىسھاقمۇ مۇشۇنداق دېگەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا دىندا سىلەرگە قىيىنچىلىق قىلمىدى». بۇنداق ھالەتتە ئۆرە تۇرۇپ نامازنى ئادا قىلىش مۇشەققەت بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئوڭ بېقىنى جاراھەتلەنگەندە، ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلغان. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇشتىن پۈتۈنلەي ئاجىز ئەمەستى، لېكىن ئۆرە تۇرۇش مۇشەققەت بولغاندا ئۇنىڭدىن قىيامدا تۇرۇش ساقىت بولدى".

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇ" 4-توم 201-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ يارەنلىرىمىزنىڭ قارىشىدا قادىر بولالماسلىق دېگەن، ئۆرە تۇرۇش بىلەن بەك قېيىنچىلىقنىڭ تىپىلىشى ياكى كېسەلنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشى، ياكى ھالاك بولۇپ كىتىشتىن قورقۇشى دېمەكتۇر، مۇشەققەتنىڭلا تىپىلىشى كۇپايە قىلمايدۇ، بەك قىيىنچىلىق دېگەن: ئۆرە تۇرسا ياكى كېمە قاتارلىق نەرسىلەر ئۆرە تۇرۇپ نامازنى ئادا قىلسا بېشى قايىدىغان ۋە سۇغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدىغان ئىشلاردۇر. 

    ئىمام ھەرەمەين مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ قارىشىمچە، ئاجىزلىقنى بىكىتىشتە: نامازدا خۇشۇ كىتىپ قالغىدەك مۇشەققەت بولۇپ قالسا بۇ ھەقىقى مۇشەققەت ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى نامازدىن بولغان مەقسەت خۇشۇدۇر". مانا بۇ ئىمام ھەرەمەيننىڭ تاللىغان قارىشى، ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇ قاراشنى كۈچلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشەققەتنىڭ بەلگىلىمىسى: خۇشۇنى يوقۇتۇپ قويغۇدەك قىيىنچىلىق، خۇشۇ بولسا دىلىنى ساكىنلەشتۈرۈش، كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇشتۇر، ئەگەر ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغاندا بەك بىئارام بولۇپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولمىسا، مۇشەققەتنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن رۇكۇ قىلغىلى پاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرغىچە تۇرالىسا، بۇ، ئۇ كىشىگە ئۆرە تۇرۇشنىڭ قىيىن بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇ كىشى ئولتۇرۇپ نامازنى ئادا قىلىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ" 4-توم326-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى