جۈمە 8 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 16 نويابىر 2018
Uygur

ئانامنىڭ مەندىكى ھەققى ۋە مېنىڭ ئانامدىكى ھەققىم نېمىلەردىن ئىبارەت

5053

تارقاتقان ۋاقىت : 28-10-2018

كۆرگۈچىلەر : 84

سۇئال

مېنىڭ ئاتا-ئانا توغرىسىدا بەزى سوئاللىرىم بار. 1-ئانامنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ھەققى نېمە؟. 2-مېنىڭ ئانامنىڭ ئۈستۈدىكى ھەققىم نېمە؟. 3-ئانامنىڭ مېنى چەكلەش ھوقۇقى بولمىغان، مېنىڭ مۇستەقىل قىلىشىم دۇرۇس بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟. 4-بىرەر ئىشتا دادىنىڭ ئاخىرقى قارارنى بېرىش ۋاقتى قاچان بولىدۇ؟. مەن ئانامنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇ مېنى بەك ھىمايە قىلغانلىقتىن بەزى ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنى باغلاغلىقتەك ھېس قىلىمەن، مەن ئانامنىڭ مېنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، مەن ھاياتتا بەزى ئەركىنلىكنى خالايمەن بۇنى ئانامغا قانداق بىلدۈرىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئانىنىڭ پەرزەنتى ئۈستىدىكى ھەققى:

    ئانىنىڭ پەرزەنتى ئۈستىدە ئىنتايىن كۆپ ھەق-ھوقۇقلىرى بار، بۇنى ساناپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن مۇھىم بولغانلىرىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:

    ئا-ئانىنى ياخشى كۆرۈش ۋە چىن دىلىدىن ھۆرمەتلەش كېرەك، چۈنكى ئانا ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قېلىشقا لايىقتۇر. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلار ئارىسىدا مېنىڭ ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمغا كىم بەك ھەقلىق؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاناڭ، دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دېگەنتى: ئاناڭ، دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دېگەنتى: يەنە ئاناڭ، دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دېگەنتى: داداڭ، دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 5626-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2548-ھەدىس].

    ئانىڭىز سىز ئۈچۈن قورسىقىنى تۆشەك قىلدى، كۆكسىنى تۇلۇم قىلدى، ئۇنى ياخشى كۆرۈش لازىمدۇر. توغرا ئاڭ ۋە ساغلام ئەقىل شۇنىڭغا چاقىرىدۇ. بەلكى ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئانىلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ياخشى كۆرۈشى ئاللاھ بارلىق جانلىقلارنىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇت قىلغان سۆيگۈ بولۇپ، ئادەم ئەۋلادلىرى بۇنىڭغا بەك لايىق، مۇسۇلمانلار ھەممىدىن ئەڭ ھەقلىقتۇر.

    ب-ئانىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۈندۈلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بولسا پەرزەنتلەرنىڭ زېممىسىدىكى قەرزدۇر. چۈنكى ئانىسى ئۇنىڭغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كۆڭۈل بۆلدى، كېچىلىرىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەبىر قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ إِحْسَانًا ۖ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ كُرْهًا وَوَضَعَتْهُ كُرْهًا   تەرجىمىسى: «بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى.» [سۈرە ئەھقاپ 15-ئايەت].

    ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ جىھادقا چېقىش توغرىسىدا رۇخسەت سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: ئاتا-ئاناڭ ھاياتمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ كىشى: ھە-ئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغىن،» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 2842-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2549-ھەدىس].

    ت-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك ۋە ئۇنىڭغا ياقتۇرمايدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئاڭلاتماسلىق كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَلَا تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ  تەرجىمىسى: «ئۇلارغا، ئوھوي! دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن).» [سۈرە ئىسرا 23-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىغا "ئوھۇي" دېگەن سۆزنى قىلىشنىمۇ چەكلىگەن تۇرسا، ئاتا-ئانىسىنى ئۇرغان ۋە دەشنەم قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟!.

    س-ئانىسى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىپ بېرىدىغان يولدىشى بولمىسا ياكى يولدىشى بولسىمۇ كەمبەغەل بولسا، ئۇنىڭغا خىراجەت قېلىپ بېرىش زۆرۈر بولىدۇ، سالىھ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىغا خىراجەت قىلىش ۋە كۈندۈلۈك ھاجىتىدىن چىقىش، پەرزەنتلىرىگە خىراجەت قىلىش ۋە يېمەك بېرىشتىن ياخشى دەپ قارىلىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەپەر كىشى سەپەردە كېتىۋاتقاندا يامغۇردا قېلىپ، تاغدىكى بىر ئۆڭكۈرگە كىرىدۇ، ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدىن بىر قورام تاش دومىلاپ چۈشۈپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالدى، ئۇلار ئۆز-ئارا: بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەللىرىمىزنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلايلى دېدى. ئۇلاردىن بېرى مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ! مېنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام بارئىدى، مەن قوي باققىلى چېقىپ قايتىپ كەلگەندە سۈتنى سېغىپ ئېلىپ كېلىپ ئالدى بىلەن ئاتا-ئانامنى غىزالاندۇرۇپ ئاندىن ئائىلەمدىكى كىچىكلەر، ئايالىم ۋە باشقىلارنى غىزالاندۇراتتىم، بىر كۈنى يايلاقتىن كەچرەك قايتتىم، سۈتنى ئېلىپ كەلسەم ئاتا-ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ، ئۇلارنى ئويغىتىشنى ياقتۇرمىدىم، بالىلىرىم پۇتۇمغا ئېسىلىپ ئاچلىقتىن چۇقۇرشېۋاتىدۇ، مەن سۈتنى تۇتۇپ تۇرىۋەردىم ئۇلار ئۇخلاۋەردى، ھەتتا تاڭ يورىدى، ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بۇ ئىشنى سىنىڭ رازىلىقىڭنى تىلەپ قىلغانلىقىمنى بىلىسەن، بىزگە بۇ يەردىن بىر يوچۇق ئېچىپ بەرسەڭ ئۇنىڭدىن ئاسماننى كۆرسەك، دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كىچىككىنە يوچۇق ئېچىپ بەردى.» [بۇخارى رىۋايىتى 2102-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2743-ھەدىس].

   ئانىسى ياخشىلىققا بۇيرىسا سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىش كېرەك، ئەمما شېرىككە ئوخشاش يامانلىققا بۇيرىسا ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِن جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا  تەرجىمىسى: «ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن).» [سۈرە لوقمان 15-ئايەت].

    ھ-ئەمما ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان قەرزلىرى بولسا (بەندىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ) ئادا قىلىش، يەنى ئۇلار ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلىش ئاتا-ئانىغا قىلغان ئېھساندۇر.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋيەت قىلىنىدۇكى، جۇھەينە قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئانام ھەج قېلىشنى نىيەت قىلىپ ھەج قىلالماي ئۆلۈپ كەتتى، ئانام ئۈچۈن ھەج قىلسام بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئويلاپ باق، ئەگەر ئاناڭنىڭ قەرزى بولسا سەن ئادا قىلىسەنغۇ؟ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغىن، ئاللاھ ۋاپا قىلىشقا بەك ھەقلىقتۇر،» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1754-ھەدىس].

    خ-شۇنىڭدەك ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئانىسى تەرەپتىن يېقىن بولغان ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قېلىش، ئۇلارنى ئېھتىرام قىلىش، دوستلىرىنى يوقلاش قاتارلىق ئىشلار ئانىغا ۋاپاتىدىن كىيىن ئېھسان قىلغانلىقتۇر.

     ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىقنىڭ ياخشىسى بىر كىشىنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ دوستلىرىنى يوقلاشتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2552-ھەدىس].

    ئىككىنچى: سىزنىڭ ئانىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىڭىز:

   ئا-سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئىدارە قىلىدۇ، ئېمىتىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە مەلۇم ئىش بولۇپ، ئىنسان يارىتىلغاندىن باشلاپ داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ لِمَنْ أَرَادَ أَن يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ  تەرجىمىسى: «ئانىلار(بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە)تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم.» [سۈرە بەقەرە 233-ئايەت].

    ب-سىزنى ياخشى تەربىيىلىشى كېرەك، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا سىز توغرىلىق ئانىڭىز سوئال قېلىنىدۇ، چۈنكى سىز ئۇنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا، ئۇ سىزنى تەربىيىلىگۈچىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئىمام ئۆز دائىرىسىدىكىلەردىن مەسئۇل بولىدۇ، ئەر ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدىن سوئال قېلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە بالىلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدىن سوئال قېلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدىن سوئال قېلىنىدۇ. ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەر كىشى  دادىسىنىڭ مېلىغا مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدىن سوئال قېلىنىدۇ، ھەر بىرىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە سوئال قېلىنىسىلەر، دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 853-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1829-ھەدىس].

    ئۈچىنچى: دۇرۇس بولغان ئىشلاردىن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىشغا ئانىڭىز ئارىلاشماستىن مۇستەقىل قىلىدىغان ئىشىلىرىڭىز: يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك ۋە باشقا قاتناش ۋاستىلىرى قاتارلىق دۇرۇس بولغان ئىشلارنى ياخشى كۆرۈپ ئىختىيارى قىلىشتا ئانىڭىزنىڭ ھۆكۈمرانلىق قېلىۋېلىش ھەققى بولمايدۇ.

      ئەمما سىزنىڭ ئۆيگە كېرىش، چېقىش ياكى بەزى دوستلىرىڭىز بىلەن كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈشىڭىز توغرىسىدىكى ئىشلىرىڭىزغا ئارىلىشىۋېلىشى بولسا، ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلەرنى كۈزىتىش، ناچار دوستلار بىلەن ئارىلىشىپ زايە بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىڭىزنى كۈزۈتۈپ تۈرۈشى زۆرۈردۇر، چۈنكى ناچار دوستلارغا ھەمراھ بولۇش، ياشلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەڭ كۆپ سەۋەپ بولىدىغان ئامىللاردىندۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىم بىلەن ئارىلاشقانلىقىغا قارىسۇن.» [تىرمىزى رىۋايىتى 2387-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4833-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ھەسەن دېگەن. نەۋەۋىي سەھىھ دەپ "تۆھپەتۇل ئەھۋەزىي"نامىلىق ئەسەر 7-توم 42-بەتتە بايان قىلغان].

     شۇنىڭدەك ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆيگە قايتقاندا نەگە بارىدۇ، نېمە ئىش قىلىدۇ؟ كۈزۈتۈپ تۈرۈشى كېرەك، چۈنكى ئاتا-ئانا ئۈچۈن ياخشى دوستى بولمىغان پەرزەنتنى ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ.

     سىز ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭ، ئاللاھ دۇرۇس قىلغان ئىشتا سىزنى بىرئاز سىقسىمۇ ئۇلارغا چىرايلىقچە ھەمراھ بولۇڭ، ھەقىقەتەن بىز ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قېلىشتا ھەتتا ئۇلار كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ، يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قېلىشقا بۇيرۇلدۇق، ئۇنداق بولغان ئىكەن سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئەلۋەتتە سىزگە ياخشىلىق تىلەيدۇ، بەزى دۇرۇس ئىشلاردا سىزنى سىققاندەك قىلسىمۇ ياخشىسى ئۇلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلىڭ، گەرچە سىزگە زۆرۈر بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭۈل خاھىشىڭىزنى ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن پىدا قىلىڭ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشنى بۇيرۇغاندىن كېيىنلا ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا زىكىر قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قېلىشنىڭ مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ بەردى.

    تۆتىنچى: دادا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ھەرقانداق ئىشتا قارار قىلىش ھەققى بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆزى خىراجەت قىلىپ بېرىدىغان بالىسىنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتۇش دېگەندەك ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى تەسەررۇپ قىلىشتا قارار قىلىش ھەققى بولىدۇ. سىزنىڭ ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلىتىش، پۇلىنى ئېلىش دېگەندەك ئىشلاردا دادىڭىز قارار قىلىدۇ.

     ئەمما مۇستەقىل ياشايدىغان چوڭ پەرزەنت بولسا، ئاللاھ دۇرۇس قىلغان ۋە يولغا قويغان ئىشلاردا ئۆزى ئۈچۈن خالىغاننى قارار قىلسا بولىدۇ، ئۇ ئىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا زىت كەلمىسە ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن تېرىشىدۇ، پەرزەنت ھەرقانچە چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، بۇمۇ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە چىرايلىق ياشاشتۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردە: «ئاتام ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقمايتتىم،» دېيىلگەن.

    شۇنىڭدەك دادا بالىسىنى ياخشى ئىشقا بۇيرىسا ياكى دۇرۇس ئىشنى تەرك قىلىشقا بۇيرىسا، بالىغا زىيان يەتمەيدىغان ئەھۋالدا دادىسىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    بەشىنچى: ئەمما ئانىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ بەكرەك ئەركىنلىك ئىستەيدىغانلىقىڭىزنى سۆزىڭىز ۋە ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ.

    ئا-ھەرىكەت بىلەن بىلدۈرۈش: سىز ئانىڭىز بۇيرىغان ئىشنى تولۇق ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ كىچىك بالا ئەمەس، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالايدىغان دەرىجىدە چوڭ بولغانلىقىڭىزنى ۋە ئەرلەردەك تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك، ئانىڭىز سىزدىن بۇ ئىشنى  تەكرار كۆرگەندىن كېيىن سىزگە ئىشەنچ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز ئىشلىرىڭىزنى نورمال ئىدارە قىلالايدىغان ئىشەنچگە ئېرىشىسىز.

    ب-سۆز بىلەن بىلدۈرۈش: روشەن دەلىل، تېنچ مۇنازىرە، يۇمشاق سۆز، توغرا پوزىتسىيە ئارقىلىق مىساللارنى بايان قىلىش بىلەن بولىدۇ، سىز شۇنداق قىلغان ۋاقتىڭىزدا چوقۇم ئاللاھ ئانىڭىز سىزگە يېتىشكەن ئەرلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك  مۇئامىلە قىلىشىڭىز ئۈچۈن دىلىنى ئېچىۋېتىدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن بىز ۋە سىزنى، ئاتا-ئانىڭىزنى توغرا يولغا باشلىشىشىنى سورايمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

كۆز قاراش ئەۋەتىش