پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت

50537

تارقاتقان ۋاقىت : 18-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 5427

سۇئال

سوئال: بىر قىزنىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلدى. ئۇ -يەنە بىر ئەر دوستى-توي قىلىپ بولغان بىرىگە ئۆزى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى. نەتىجىدە ئۇلار مۇھەببەتلەشتى، ئۇ ئەردىن قانداق قىلىپمۇ ئۆزىنى تارتالمىدى. ئۇ ئەر ئۇنىڭغا ئايالىنى قويۇۋېتىپ ئۇنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى، لېكىن ئانىسى ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلمىدى. ھازىر ئۇلار سىرتلارغا بىللە چىقىۋاتىدۇ. بۇ دىنىمىزدا توغرىمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچى:
سىز تەۋبە قىلىشىڭىز، ئاللاھنىڭ مەغفىرىتىنى تىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزگە مەھرەم بولالمايدىغان ئەرلەر بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىڭىز، سۆزلەشكەنلىكىڭىز ۋە سىرتلارغا بىللە چىققانلىقىڭىزدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىشىڭىز كېرەك.
سىز بۇ ئىككىنچى ئەر بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئۈزۈپ تاشلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار ھارامدۇر.
سىزنىڭ ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشنى قانداق كۆڭلىڭىز كۆتەردى؟ ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ سىزنى قويۇۋېتىپ، سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كىرىپ ئائىلەڭلارنى بۇزماقچى بولغان باشقا بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشىنى قوبۇل قىلالامتىڭىز؟
ئىككىنچى:
بىز ئەقىللىق بىر ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئىلگىرى باشقا بىر ئەر بىلەن ھارام مۇناسىۋەتتە بولغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلمىشىدىغان تەۋبە قىلمايدىغان ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ھېچ ئەقلىمىزگە سىغدۇرالمىدۇق.
ئەجەبا ئۇنىڭدا غۇرۇر ۋە كۈندەشلىك يوقمۇ؟ ئۇ ئەرنىڭ ئۆز ھاياتىدا قايتا پەيدا بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرىمەمدۇ؟
مۇنداقچە ئېيتقانداق، ئۇ ئايال يا تەۋبە قىلدى، يا تەۋبە قىلمىدى. ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئەمدى باشقا ئەر بىلەن نىكاھ سىرتىدا مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئۇ ئايالنى ئېلىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق. لېكىن ئۇ ئانىسىنىڭ سۆزىگە بويسۇنۇشى، بىرىنچى ئايالىنى قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك.
ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلمىغان بولسا ئۇنى ئەمدى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەرلەر بىلەنمۇ ھارام مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى سىزگە كەلسەك، سىزنىڭ قانداقمۇ نىكاھنىڭ سىرتىدا باشقا ئاياللار بىلەن ھارام مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان، كۆرۈشۈپ يۈرىدىغان ئەر بىلەن توي قىلغۇڭىز كېلىدۇ؟ ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلسا، سىلەر ئەمدى يۈز كۆرۈشمەيسىلەر. ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلمىسا، ئۇنىڭدەك ئەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەتلا سىز بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ راستىنلا سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى باشقا ئاياللار بىلەن مۇشۇنداق مۇناسىۋەت باغلاشتىن توسۇپ قالالايدىغان ھېچنېمە يوق.
شۇ سەۋەبتىن ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزىشىڭىز، ئاللاھتىن ۋاقتىڭىزنى ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىڭىز كېرەك. ئاللاھقا يۈزلىنىڭ، ئاللاھتىن قەلبىڭىزنى پاكلاشنى، دىلىڭىزنى ۋە ئەقلىڭىزنى چىرىكلەشتۈرگەن ئاشۇ ھارام مۇناسىۋەت قەلبىڭىزدە قالدۇرغان ئىزلارنى پاك-پاكىز تازىلىۋېتىشنى تىلەڭ.
ئەگەر ئاللاھقا چىن قەلبىڭىزدىن تەۋبە قىلسىڭىز، ئاللاھنىڭ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى نېسىپ قىلىشى، سىزگە شەرىئەت ھۆكۈملىرى بويىچە ئادىل مۇئامىلە قىلالايدىغان، رەببىڭىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم قىلالايدىغان غۇرۇرلۇق ۋە دۇرۇس بىر ئادەم بىلەن توي قىلىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى، ئېتىقادلىق بىر ئائىلە قۇرۇپ، سالىھ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشالىشىڭلار ئۈمىدلىكتۇر.
قەلبىڭىزنىڭ خاھىشىغا قۇلاق سالماڭ. قەلبىڭىزسىزنى بىر قېتىم دۇنيا ھەۋەسلىرىگە باشلاپ قويدى. ئەمدى خاھىشىڭىزنىڭ سىزنى دوزاخقا يېتەكلەپ مېڭىشىغا يول قويماڭ.
ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىڭ. ئاللاھ ئۆزىگە دۇئا قىلغان ھېچ بەندىسىنى نائۈمىد قويمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدا كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھتىن سورىغان ئادەم ھەرگىز خارلانمايدۇ. سىزنى رەببىڭىز تەرەپكە باشلىيالايدىغان سالىھە ئايال دوستلارنى ئىزدەڭ ۋە كۆڭلىڭىزدىكى ئېيتىڭ شۇلار ئارقىلىق غەم-قايغۇ، شەيتانىي ۋەسۋەسىلەردىن قۇتۇلۇشقا تېرىشىڭ.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى