جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟

سۇئال

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن: سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىشى، ھەرەمگە بېرىپ - كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىراسى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي قاتارلىقلارغا يەتكۈدەك ئىقتىسادنىڭ بولىشى ۋە ئائىلىسىدە قالغان كىشىلەرنىڭمۇ قىينىلىپ قالماسلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئايال كىشى بولسا ئىرى ياكى باشقا مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقىشى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

مەنبە: ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ«ھەج ،ئۆمرە ۋە زىيارەت» ناملىق كىتاپ17- بەت