جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۇلار كىشىلەرنىڭ مەسچىدكە كىرىشىگە قىزىقىپ ، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارلىشىپ كىتىشىگە يول قويۇۋاتىدۇ.

65506

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 21006

سۇئال

رامىزان مەزگىلى مەسچىتىمىزدە ئىپتاردىن بىر ئاز بۇرۇن ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئارلىشىپ كىتىشى يۈز بىرىدۇ . بۇ ئىش نەچچە يىلدىن بىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ . مەسچىت باشقۇرغۇچىلار ئەگەر ئۇلار كىشىلەرگە قىلماقچى بولغىنىنى قىلغىلى قويمىسا ، ئۇلارنىڭ مەسچىتكە كەلمەيدىغانلىقىنى بانا قىلىشتى . يەنە تىخى ، تەراۋىيھتا يۈز بىرىدىغان بىر نەچچە بىدئەتلەر بار ، مەسىلەن : ئۇلار تەراۋىيھنىڭ ھەر تۆت رەكىتىدىن كىيىن تەسبىيھ ئېيتىدۇ . بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا كۆرسىتىدىغان قانداق نەسىھەتىڭلار بار ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىرىنچى :
ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كىتىشى ھارام . چۈنكى ئۇ نۇرغۇن سەلبى ئاقىۋەتلەرنى ۋە ھارام ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 1200-سۇئالنىڭ جاۋابىدا ئارلىشىپ كىتىشنىڭ چەكلىنىشىدىكى دەلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بولدى .
ئارلىشىپ كىتىش ھەر بىر ۋاقىت ۋە ھەربىر ئورۇندا چەكلەنگەنىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئىش رامىزان ئىيىدا مەسچىدلەردە يۈز بەرسە چەكلىنىش تىخىمۇ تەكىتلىنىدۇ . چۈنكى ئۇ ئىسلام دىنىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش ، كىشىلەرنى ياخشىلىققا چاقىرىش ۋە ئۇلارنى بۇزۇق ، رەزىل ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەشتىن ئىبارەت مەسچىتلەرنىڭ قۇرلىشىدىكى شەرىئەت مەقسەتلىرىگە زىت . ھەمدە ئۇ تەقۋالىققا ئىرىشىش ، نەپس خاھىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت روزا تۇتۇشتىكى ھىكمەتكە زىت .
بارلىق مەسچىت كىشىلىرىنىڭ بۇ يامان ئىشنى ئىنكار قىلىشى ۋە ئۇنى يوقۇتۇشقا تېرىشىشى ۋاجىپ . مەسچىتنى باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭغا ئالاھىدە مەسئۇل .
ھىچكىمنىڭ ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كىتىشىنى مەنئى قىلساق ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ بۇ يامان ئىشنى ئاقلاشقا ياكى ئۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرىشىغا بولمايدۇ . بۇ بىر نەچچە جەھەتتىن رەت قىلىنىدۇ :
1- يامان ئىشنى ئىنكار قىلىشقا قادىر تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن سۈكۈتتە تۇرۇش گۇناھ . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تىرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : سىلەردىن كىمكى بىر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن ، ئەگەر قىلالمىسا تىلى بىلەن بولسۇن ، ئەگەر قىلالمىسا دىلى بىلەن بولسۇن . ھەمدە ئۇ ئەڭ ئاجىز ئىمان . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 48 ]
ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ مەسچىتكە كىلىشى ئۇنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەپ بولۇشىنى خالىمايدۇ .
2- مەسچىتنىڭ ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم رولى- كىشىلەرنى ياخشىلىققا چاقىرىش ، ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش . شۇڭا مەسچىتنى باشقۇرغۇچىلار كىشىلەرگە ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كىتىشنىڭ ھاراملىقىنى چۈشەندۈرىشى ھەمدە ئۇنى قىلىشتىن توختىتىشى كىرەك .
3- بۇ كىشىلەر مەسچىتكە ھەرگىز كەلمەيدۇ دىيىش پەقەتلا پەرەز . ھەتتا بىز شۇنداق بولىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ، ئالىملار ئارىسىدىكى قارالما شۇكى ، يامان ئىشتىن ساقلىنىش ياخشى ئىشنى پەيدا قىلىشتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ .
4- ئاياللارنىڭ ئىپتاردىن بۇرۇن يىغىلىشى ئۈچۈن ئايرىم جاي قۇرۇلسا بولىدۇ ، ئۇ مەيلى مەسچىتنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ، ياكى سىرتىدا، چىدىردا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسىدە بولسۇن . ھەمدە ئۇلارغا كىرەكلىك پروگىراممىلار ۋە پايدىلىق ئىشلار تەمىنلەنسە بولىدۇ ، ھەمدە ئۇ ئاياللارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بولۇشى كىرەك .
5- دەۋەت قىلغۇچى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە ئۇنى تۈزەشكە كۈچ چىقىرالايدىغان بولۇشى ، ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ،ياكى ئۇنى ئاقلاشقا ئىزدەنمەسلىكى كىرەك .
ئارلىشىپ كىتىش بولسا بىز ئىسلامدىن يىراقلىشىپ كەتكىنىمىز ئۈچۈن پەيدا بولغان بىر مەسىلە . ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چوقۇم كۈچ چىقىرلىشى كىرەك . ئەگەر بىرىنچى قەدەم ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدە ئىلىنمىسا ، ئۇنداقتا قەيەردىن باشلايمىز ؟!
سىز مەسئۇل كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا بىر نەچچە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن خىزمەت ئىشلەڭ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاياللارنىڭ يىغىلىشىغا مۇۋاپىق جاي ھازىرلىشىغا ، ھەمدە ئاياللارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان پروگىراممىلارنى ھازىرلىشىغا ياردەملىشىڭ .
ئاللاھتىن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق قىلىشىنى سورايمىز .
ئىككىنچى :
تەراۋىيھنىڭ ھەر تۆت رەكىتىدىن كىيىن تەسبىيھ ئېيتىش ھەققىدىكى سۆزىڭىزگە كەلسەك ، بىز ئۇنى 50718- سۇئالنىڭ جاۋابىدا ئۇنىڭ قىلماسلىققا تىگىشلىك بىر بىدئەتلىكىنى بايان قىلدۇق .
پېشىۋا ئىبنۇ باز ( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) دىن:

تەراۋىيھنىڭ رەكەتلىرى ئارلىقىدا پەيغەمبەرگە ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىقىنى سوراپ ھەمدە ئاللاھنىڭ توغرا يوللۇق خەلىپىلەردىن رازى بولۇشىنى تىلەپ ئاۋازىمىزنى كۆتۈرشىمىزنىڭ ھۆكمى نىمە ؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىگەن : " بىلىشىمىزچە ، شەرىئەتتە ئۇنىڭغا ئاساس يوق ، بەلكى ئۇ بىر بىدئەت ھەمدە قىلىنماسلىقى كىرەك . بۇ ئۇممەتنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئىشلىرىنى پەقەت دەسلەپكى ئەۋلادلارنىڭ ئىشلىرىنى تۈزىگەن نەرسىلا تۈزىيەلەيدۇ ، ئۇ بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ، ھەمدە بۇ ئۇممەتنىڭ دەسلەپكى ئەۋلادلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىش ، ھەمدە ئۇنىڭغا زىت نەرسىلەردىن ساقلىنىش . "
تۈگىدى .
[ ئىبنۇ باز فەتىۋالار توپلىمى ، 11369 ]
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى