جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تۆۋەندىكى كىشىلەرگە روزا تۇتۇش پەرزمۇ؟ شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟

سۇئال

كېچىك بالا بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن روزا تۇتتى، رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇش جەريانىدا بالاغەتكە يىتىپ قالدى، ئۇ بالا شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ شۇنىڭدەك، كاپىر مۇسۇلمان بولسا، ھەيىزدار ئايال ھەيىزدىن پاك بولسا، ھۇشسىز ئادەم ھۇشىغا كەلسە، مۇساپىر روزا تۇتمىغان ھالەتتە سەپەردىن قايتىپ كەلسە، روزا تۇتمىغان كېسەل رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ساقايسا، مەزكۇر كىشىلەر شۇ كۈندە بىر نەرسە يېمىسىمۇ، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. بىز ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك جاۋاپلارنى 49008- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئۆلىمالارنىڭ ئوخشىمىغان كۆزقاراشلىرىنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق.

يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغان كىشىلەرنى ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن بولىدۇ:

كېچىك بالا بالاغەتكە يەتسە، كاپىر مۇسۇلمان بولسا، ھۇشسىز ئادەم ھۇشىغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ھۆكمى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يېمەيدۇ، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ.

ھەيزدار ئايال ھەيزدىن پاك بولسا، مۇساپىر سەپەردىن قايتىپ كەلسە، كېسەل ساقايسا ئۇلارنىڭ ھۆكمى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار كەچكىرگىچە بىر نەرسە يېسە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر نەرسە يىمەسلىكىنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.

بىرىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەر بىلەن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بولسا، بىرىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەردە ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنىشنىڭ شەرتى تېپىلدى، ئۇ بولسىمۇ: بالاغەتكە يىتىش، مۇسۇلمان بولۇش ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئىسپاتلىنىدىكەن، شۇ ۋاقىتتىلا ئۇلار يېمەك-ئىچمەكتىن توختايدۇ، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىبادەت پەرز بولغاندىن كىيىن يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلەندى، ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار روزا تۇتۇشقا تەكلىپ قىلىنمىغان ئىدى.

ئىككىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەر بولسا، ئۇلار روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغان شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى زۆرۈر، ئەمما ئۇلاردا شەرىئەت رۇخسەت قىلىنغان ئۆزۈر تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولغان. ئۇ بولسىمۇ، ھەيز، سەپەر ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئىبادەتنى يەڭگىللىتىپ روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلدى، ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇ كۈننىڭ چەكلىمىسى يوق بولدى، كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ ئۆزۈرىسى يوق بولسا، كەچ كىرگۈچە بىر نەرسە يىمەسلىكىنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلار رامىزاندىن كېيىن شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇساپىر سەپەردىن ئۆز شەھىرىگە روزا تۇتماي قايتىپ كەلسە، ئۇ كىشىگە كەچ كىرگۈچە بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك بولمايدۇ. ئۇ ئادەم كەچ كىرگىچە يەپ-ئېچسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ بىر نەرسە يىمەسلىكىنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى بولمايدۇ، بەلكى شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش پەرز بولىدۇ. بۇ ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدۇر. شافىئى ۋە مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ شۇنداقلا ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر. لېكىن ئۇ كىشى دۇرۇس بولىدۇ دەپ، روزىدار كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بىر نەرسە يېمەسلىكى كېرەك. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 19-توم 58-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابى"].

شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزدار ياكى نىپاسدار ئايال رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە پاك بولسا ئۇلارمۇ كەچ كىرگۈچە بىر نەرسە يېسە، ئېچسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ بىر نەرسە يېمەسلىكىنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارمۇ شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بۇ ئىمام مالىك ۋە شافىئى رەھىمەھۇمۇللاھنىڭ مەزھىبى، ئىمام ئەھمەدنىڭ بىر قارىشىدۇر. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بىر ئەسەردە: كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىدە بىر نەرسە يېگەن كىشى كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يېسۇن. يەنى كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىدە بىر نەرسە يېيىشى دۇرۇس بولغان كىشىنىڭ كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يېيىشى دۇرۇس بولىدۇ".["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 19-توم 59-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابى"].

شەيختىن يەنە: "رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە شەرئى ئۆزۈر بىلەن روزا تۇتمىغان كىشى كۈننىڭ قالغان قىسمىدا بىر نەرسە يېسە-ئېچسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشى شەرئى ئۆزۈر بىلەن روزا تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن كەچ كىرگىچە يېسە-ئېچسە دۇرۇس بولىدۇ، شەرئى ئۆزۈر بىلەن ئىپتار قىلغان كىشى ئۈچۈن ئۇ كۈننىڭ چەكلىمىسى يوق بولىدۇ، ئەمما رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە سەۋەبسىز ئىپتار قىلسا، ئۇ ئادەم كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يېمەيدۇ ۋە ئىچمەيدۇ، ھەم شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، بۇ ئىككى مەسىلىدىكى پەرقنى ئايرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 19-توم 60-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابى"].

شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "رامىزان توغرىسىدىكى تەتقىقات ئارىسىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك: ھەيزدار ئايال رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ھەيزدىن پاك بولسا، ئۇ ئايال كۈننىڭ قالغان قىسمىدا بىر نەرسە يېسە-ئېچسە توغرا بولامدۇ ياكى ئىپتارغىچە يىمەي-ئىچمەي تۇرامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى. بىز ئېيتىمىزكى، بۇ مەسىلىدە ئىمام ئەھمەدتىن ئىككى رىۋايەت بار بولۇپ، بىرىدە: -بۇ ھەنبەلى مەزھىپىدىكى مەشھۇر قاراش - ئۇ ئايال كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يېمەيدۇ-ئىچمەيدۇ، دېيىلگەن.

ئىككىنچىسىدە: ئۇ ئايال كۈننىڭ قالغان قىسمىدا بىر نەرسە يېسە-ئېچسە دۇرۇس بولىدۇ، كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يىمەي تۇرۇشى كېرەك ئەمەس دەپ بايان قىلىنغان. بۇ ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئىينىڭ مەزھىبى. بۇ توغرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردە مۇنداق دېگەن: كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىدە بىر نەرسە يېگەن كىشى كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يېسۇن. بىز دەيمىزكى، ئىختىلاپ بولغان مەسىلىدە دىنى ئوقۇغۇچىلارغا زۆرۈر بولغىنى دەلىلگە قاراشتۇر. دەلىللەردىن ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىدە كۈچلۈك بولغىنىنى تۇتىدۇ، ئۆزىدە دەلىل بولىدىكەن ئۆز پىكرىگە قارشى بولغانلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، چۈنكى بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ مَاذَا أَجَبْتُمُ الْمُرْسَلِينَتەرجىمىسى: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: پەيغەمبەرلەرگە نېمە بىلەن جاۋاپ بەردىڭلار؟ [سۈرە قەسەس 62-ئايەت].

ئەمما كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە كىشىلەرنى كۈندۈزنىڭ قالغان قىسمىدا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىشىغا قارىتا ئېيتىمىزكى، بۇ ھەدىستە ئۇلار تايىنىدىغان دەلىل يوق، چۈنكى ئاشۇرا روزىسىدا چەكلىمىنىڭ يوق بولىشى مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت روزىنىڭ پەرزلىكىنى يېڭىلاش بار، چەكلىمىنىڭ يوق بولىشى بىلەن پەرزنىڭ يېڭىلىشى ئارىسىدا پەرق بار، پەرزنىڭ يېڭىلىنىشىدا سەۋەب تىپىلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈم بېكىتىلمىگەن بولىدۇ، ئەمما چەكلىمىنىڭ يوق بولىشىدا بولسا، ھۆكۈم چەكلىمە بىلەن تۇرۇقلۇق بېكىتىلگەن، ئەگەر مۇشۇ چەكلىمە بولمىغان بولسا ئەمەل قىلىناتتى، ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان سەۋەبلەر بولسىمۇ مۇشۇ چەكلىمە بولىدىكەن ئەمەل قىلىنمايدۇ، بۇنىڭ مەنىسى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان سەۋەبلەر بولسىمۇ لېكىن مۇشۇ چەكلىمە سەۋەبىدىن ئەمەل قىلىنمايدۇ.

سوئال سورىغۇچىنىڭ سورىغان سوئالنىڭ ئوخشىشى مۇنداق: بىر ئىنسان كۈندۈزدە مۇسۇلمان بولغان بولسا، مۇسۇلمان بولغان كىشى ئۈچۈن پەرز يېڭىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئوخشىشى: كىچىك بالا روزا تۇتۇپ، رامزاننىڭ كۈندۈزىدە بالاغەتكە يەتكەن بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن پەرز يېڭىلىنىدۇ. كۈندۈزدە مۇسۇلمان بولغان كىشىگە دەيدىغىنىمىز: كەچكىچە بىر نەرسە يېمەيسىز لېكىن سىزگە شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. كۈندۈزدە بالاغەتكە يەتكەن بالىغا دەيدىغىنىمىز: كەچكىچە بىر نەرسە يېمەيسىز لېكىن سىزگە شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. كۈندۈزدە ھەيزدىن پاك بولغان ئايال بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، ئۇ ئايالغا شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. ھەيزدار ئايال كۈندۈزدە ھەيزدىن پاك بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا: ئۇ ئايالنىڭ كەچكىچە بىر نەرسە يىمەسلىكىنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمايدۇ، بۇ ھەم روزا بولمايدۇ. ئۇ ئايال شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەنپەرزنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەنچەكلىمىنىڭ يوق بولىشىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ھەيزدار ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىسى بولسا، چەكلىمىنىڭ يوقالغانلىقى توغرىسىدىكى بابتىن بولىدۇ. كېچىك بالىنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىك مەسىلىسى ياكى سوئالدا زىكىر قىلىنغان رامىزان روزىسى پەرز بولۇشتىن ئىلگىرى ئاشۇراكۈنىنىڭ روزىسىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلە بولسا، پەرزنىڭ يېڭىلىنىشى توغرىسىدىكى بابتىن ھېسابلىنىدۇ".

ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 19-توم 60-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابى"].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى