شەنبە 26 رامىزان 1442 - 8 ماي 2021
Uygur

قانداق كىشى روزىنىڭ پىديىسىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان مىسكىن بولىدۇ؟ پىديە نېمىلەردىن ۋە قانچىلىك مىقداردا بېرىلىدۇ؟

سۇئال

ئاللاھ تائالا «پىديىنى مىسكىنگە بېرىڭلار» دېدى، بۇ مىسكىننىڭ بالىغ ۋە مۇكەللەپ بولۇشى شەرتمۇ؟ ئەگەر بىر كىشى ئوتتۇز مىسكىنگە يېمەك بەرمەكچى بولسا، مىسكىننىڭ ئەۋلادلىرى ۋە مىسكىن نەپىقە قىلىپ بېرىشى كېرەك بولغان كىشىلەرمۇ مۇشۇ سانغا كىرەمدۇ؟ يېمەكنىڭ ئورنىغا پۇل بەرسىمۇ بولامدۇ؟ بېرىلىدىغان يېمەكنىڭ مىقدارى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا قادىر بولغان كىشىنىڭ شەرئى ئۈزۈرسىز روزا تۇتماي ئىپتار قىلىشى توغرا بولمايدۇ، شەرئى ئۈزۈر بىلەن روزا تۇتمىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن مىسكىنگە يېمەك بېرىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت ياشىنىپ كەتكەنلىكتىن روزا تۇتالمىغان ۋە شىپا تېپىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن كېسەللەر پىديە ئۈچۈن يېمەك بېرىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚوَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ   تەرجىمىسى: «سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم.» [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان ھەدىستە: «ياشىنىپ كەتكەنلىكتىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان بوۋاي-مومايلار، ھەركۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم» دېگەن ئايەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان دەيدۇ. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 4505-ھەدىس].

    شىپا تېپىشىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەن كېسەلنىڭ ھۆكمى ياشىنىپ قالغان كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شىپا تېپىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن كېسەل روزا تۇتمايدۇ، بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ياشانغان كىشىنىڭ ئورنىدىدۇر". ["ئەلمۇغنى" 4-توم 396-بەت].

   ئىككىنچى: مىسكىننىڭ بالاغەتكە يەتكەن بولىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئۆزى يېمەك يىيەلەيدىغان كېچىك بالىغا بەرسىمۇ بولىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملار بۇنىڭغا ئىتتىپاققا كەلگەن، ئۇلار ئېمىۋاتقان بوۋاققا بېرىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشقان، ئەبۇ ھەنىپە، شاپىئىي ۋە ئەھمەد قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملار: ئېمىۋاتقان بوۋاقمۇ ئايەتتە ئومۇمى شەكىلدە بايان قىلىنغان مىسكىنلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن بەرسە دۇرۇس بولىدۇ دېگەن. ئىمام مالىكنىڭ ئوچۇق سۆزىدە، ئېمىۋاتقان بوۋاققا بېرىش توغرا بولمايدۇ، سۈتتىن ئايرىلغان بوۋاق بولسا بولىدۇ، دېگەن. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. "ئەل مۇغنى"13-توم 508-بەت، "ئەل ئىنساپ" 23-توم 342-بەت، ۋە "پىقھى توپلاملىرى" 35-توم 101-103-بەتلەرگە قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: مىسكىننىڭ ئەۋلادلىرى، ئايالى ۋە ئۇ نەپىقە قىلىپ بېرىش كېرەك بولغان يېقىنلىرىنىڭ ھەممىسى، تۇرمۇشىغا كۇپايە قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىسا ۋە مۇشۇ مىسكىندىن باشقا كىشىلەر ئۇلارغا نەپىقە قىلىپ بەرمىسە، ئۇلارمۇ مۇشۇ ساننىڭ ئېچىگە كېرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مىسكىنگە زاكات ماللىرىدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە كۇپايە قىلغۇدەك مىقداردا بېرىلىدۇ.

"ئەر رەۋزەتۇل مۇرەبىئ"ناملىق ئەسەر 3-توم 311-بەتتە مۇنداق دېگەن: "زاكات ماللىرى پېقىر-مىسكىنگە ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۇپايە قىلغۇدەك مىقداردا بېرىلىدۇ".

    تۆتىنچى: يېمەك قىلىپ بېرىلىدىغان تاماق ۋە ئۇنىڭ مىقدارىغا كەلسەك: ھەر بىر مىسكىنگە شۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى يېمەكلىك قىلىدىغان ئوتتۇرھال يېمەكلىكتىن گۈرۈچ ياكى خورما ياكى قايسى يېمەكلىكتىن بولسۇن بىر يېرىم كىلۇ ئەتراپىدا بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا گۆشنى بىرگە بەرسە ياخشى بولىدۇ.

   ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەسكىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ياشىنىپ قىلىپ روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغاندا، روزا تۇتماي، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە نان ۋە گۆش بەرگەن.

ھەنبەلى مەزھەپ قارىشىغا كۆرە، يېمەكنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ پۇلىنى بەرسە توغرا بولمايدۇ.

شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، يېمەك بېرىش پۇل بىلەن بولمايدۇ، يېمەك بېرىش دېگەن شۇ شەھەردە ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكنى بېرىشتۇر، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر يېرىم كىلۇ ئەتراپىدا يېمەكلىك بەرسە بولىدۇ.

    شۇ شەھەر خەلقى يېمەكلىك قىلىدىغان يېمەكلىكتىن ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان مىقداردا بەرسە بولىدۇ، پۇل بەرمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئايەتتە: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚوَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ   تەرجىمىسى: «سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم.» [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت].

   چۈنكى يۇقىرىدىكى ئايەت يېمەك بېرىش توغرىسىدا كەلگەن. "شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما" 3-توم 140-بەت.

  39234- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.   

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى