پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

مۇسۇلماننىڭ كاپىر ئايالىنى دىنى بايراملاردىن چەكلىشى توغرىسىدا

سۇئال

نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەر خرىستىيان ئايالىنى دىنى بايراملارغا ئىشتىراك قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ؟، ئۇ ئايال ئۇنىڭغا ياتلىق بولغاندا ئۆز دىنى ئېتىقادىدا قالغان ھالەتتە ئىدى. ئۇ ئايالنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ئىبادەت قىلىشى چەكلىنەمدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

خرىستىيان قىز مۇسۇلمان يىگىت بىلەن توي قىلىشقا رازى بولىدىكەن، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى بىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ:

1-ئايال كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا يولدىشىغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان، ئۇ ئايال مۇسۇلمان بولسۇن ياكى باشقا دىندا بولسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئەر ئايالىنى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلارغا بۇيرىسا ئايالنىڭ يولدىشىغا بويسۇنۇشى زۆرۈر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەق-ھوقۇقنى ئەرلەر ئۈچۈن بېكىتكەن. چۈنكى ئەر كىشى ئائىلىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىدۇر. ئائىلە ھاياتى ئائىلىدە سۆزى كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ بولىشى بىلەن توغرا شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭدىن يەنە ئەركىشىنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن ۋە ناچار مۇئامىلىدە بولسۇن دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ. بەلكى ئائىلىنى ئىسلاھ قىلىش، نەسىھەت قىلىش ۋە ئۆز-ئارا كېڭىشىش ئارقىلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ھايات يۆنىلىشىدىكى بەزى ئىشلاردا ئىنسان كەسكىن قارار ئىلىش ۋە سۆزىنى كۈچكە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بۇ سۆزگە بويسۇنۇشى قاتارلىقلار زۆرۈر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خرىستىيان قىزچاق مۇسۇلمان يىگىت بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى مۇشۇ ھايات پرىنسىپىنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك.

2-ئىسلام دىنى يەھۇدى-ناسارا ئاياللار ئۆز دىنىدا قالسىمۇ ئۇلار بىلەن توي قىلىشنى دۇرۇس قىلدى، ئەركىشىنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئايالىنى ئىسلامغا مەجبۇرلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئايالنى ئۆز ئېتىقادى بويىچە ئىبادەت قىلىشتىنمۇ چەكلىمەيدۇ. لېكىن ئۇ ئايالنى ئۆيدىن خالىغان ۋاقىتتا سىرىتلارغا چىقىشتىن چەكلەش ھەققى بولىدۇ. ھەتتا ئۇ ئايال چېركاۋغا ماڭغان بولسىمۇ چەكلىسە بولىدۇ، چۈنكى ئايال ئېرىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭدەك مۇسۇلمان ئەرنىڭ زىممىسىدىكى خىرىستان ئايالنىڭ ئائىلىدە ھەيكەل تىكلەش، قوڭغۇراق چىلىش قاتارلىق ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن مۇنكىر ئىشلارنى ئاشكارا قىلىشىدىن، شۇنىڭدەك دىندا ئەسلى بولمىغان "ئىسا ئەلەيھىسسالام ھېيتى" دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشىنى چەكلەش ھەققى بولىدۇ. چۈنكى بۇ پائالىيەت ئىسلام دىنىدا ئىككى تەرەپتىن خاتا دەپ چەكلەنگەن: بىرى دىندا ھېچ بىر ئاساسى بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىن، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارغاندەك ياكى ئانىلار بايرىمى دېگەنگە ئوخشاش.يەنە بىرى: بۇ قاراش ساغلام بولمىغان ئېتىقادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلۈپ قەبرىگە قويۇلغان، ئاندىن ئۇ قەبرىدىن تۇرغان دېگەنگە ئوخشاش. توغرىسى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلمىگەن، دارغىمۇ ئېسىلمىغان، بەلكى ھايات ھالىتىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 10277- ۋە 42148- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

مۇسۇلمان ئەر ئۆزىنىڭ خرىستىيان ئايالىنى ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلماسلىقى لازىم، ئەمما مۇنكىر ئىشلارنى ئاشكارا قىلىشتىن چەكلىشى كېرەك.

ئۇ ئايالنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ھەققى بىلەن ئائىلىدە مۇنكىر ئىشلارنى ئاشكارا قىلىشتىن چەكلەشنىڭ ئارىسىنى ئوچۇق ئايرىش لازىم.

مەسىلەن: خرىستىيان ئايال بىر نەرسىنى ھالال دەپ قارايدۇ، مۇسۇلمان ئەر ئۇ نەرسىنى ھارام دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ، ئۇنداق ھالەتتە ئەر ئايالىنى ئۇ نەرسىدىن چەكلىشى لازىم. چۈنكى ئەر دېگەن ئائىلىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ ئۆز ئېتىقادىدا مۇنكىر دەپ قارىغان نەرسىلەرنى چەكلەشكە ھەقلىقتۇر.

3-كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، كاپىرلارمۇ ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلىنىش بىلەن بىرگە شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بەزى شاخچە مەسىلىلەرگىمۇ بويسۇنۇشقا چاقىرىلىدۇ. يەنى مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان ھاراق ئېچىش، توڭگۇز گۆشى يېيىش، دىندا بىدئەت (يېڭىلىق) پەيدا قىلىش ياكى چەكلەنگەن پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئۇلارغىمۇ ئوخشاشلا ھارامدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەر ئايالىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن چەكلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا - چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].

پەقەت ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە دىنىدا يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەر يەنى ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئەر ئايالىنىڭ بۇ ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاراق ئىچىش، چوشقا گۆشى يېيىش، ئەسلى بولمىغان پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئۇلارنىڭ دىنىدا بۇيرۇلغان ئىش ئەمەس بەلكى راھىب ۋە موللىلىرى پەيدا قىلغان ئىشلاردىندۇر.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان خرىستىيان ئايالى بولسا ئۇنى چېركاۋ ۋە باشقا ئىبادەتخانىلارغا بېرىشتىن چەكلىشى توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن نەقىل قىلىنىشچە، ئەر مۇسۇلمان بولۇپ ئايالى خرىستىيان بولسا ئەر كىشى ئايالىنىڭ چېركاۋغا بېرىشى ۋە خرىستىئانلارنىڭ دىنى بايراملىرىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.شۇنىڭغا ئوخشاش مۇسۇلماننىڭ خرىستىيان دېدىكى بولسا، ئۇ كىشىدىن چېركاۋغا بېرىش، دىنى مۇراسىملارغا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسا ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمەسلىك كېرەك".

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت؛ ئايالىنىڭ كۇپىرنىڭ شوئارلىرى ۋە سەۋەبلىرىگە يېقىنلىشىشىغا ياردەم بەرمەسلىك ۋە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك. يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئەمما ئايالىنى ئۆز ئېتىقادى بويىچە روزا تۇتۇشتىن چەكلىمەسلىكى كېرەك، گەرچە بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ بەزى ھەقلىرىنى يوقۇتۇپ قويسىمۇ ھېچ گەپ يوق. شۇنداقلا ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ئوقۇيدىغان نامازدىن چەكلىمەسلىك كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا نەجران ناسارالىرىنىڭ ئەلچىلىرى كەلگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە ئۇلارنى ئۆزقىبلىسىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن". [زىممە ئەھلىنىڭ ھۆكۈملىرى 2/819- 822-بەت].

نەجران ناسارالىرىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ناماز ئوقۇغانلىقى ۋەقەسىنى ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادۇل مەئاد" ناملىق ئەسىرى 3-توم 629-بەتتە بايان قىلغان بولۇپ، بۇ كىتاب ئۈستىدىن تەتقىقات ئىلىپ بارغۇچى: "بۇ ئەسەرنى بايان قىلغان راۋىلار ئىشەنچىلىك بولسىمۇ ئىسنادىدا ئۈزۈلۈش بار دېگەن. يەنى بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادى ئاجىز دېگەن. 3320- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى