جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىستىخارە نامىزىدىن توغرا شەكىلدە پايدىلىنىش توغرىسىدا

سۇئال

ئىستىخارە نامىزىدىن توغرا شەكىلدە پايدىلىنىش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟. بىر كىشى ماڭا توي تەكلىپى قويغاندىن كېيىن ئىستىخارە نامىزى ئوقۇپ يېتىپ چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە، ماڭا توي تەكلىپى قويغان كىشىنىڭ ھەمشىرىسى ماڭا بىر يېشىل كىيىم كەيدۈردى ۋە ماڭا قېرىندىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل شەيئىلەرنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىدى، مېنىڭ ئىستىخارە نامىزىدىن توغرا شەكىلدە پايدىلىنىشىم ئۈچۈن مۇشۇ كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

     بۇ يەردە سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىز كېرەك بولغان بىر قانچە ئىش بار:

     بىرىنچى: سىز كۆرگەن چۈشكە نىسبەتەن،  سىز چۈشىڭىزنىڭ تەبىرىنى دىندار، ئىشەنچىلىك، قەلبى ساغلام كىشىدىن سوراڭ، قالايمىقان تەبىر بېرىدىغان كىشىلەردىن دىققەت قىلىڭ.

    ئىككىنچى: نۇرغۇن كىشىلەر ئىستىخارنىڭ نەتىجىسى، چۈش كۆرۈش ياكى كۆڭلىدە بىر راھەتلىنىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنىڭ بولىشىنى شەرت قىلىدۇ، ئىش ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن بىرى يۈز بەرمىسىمۇ، ئىنسان ئىستىخارە قىلغان، ئۆزى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان ئىشنى بىلىشتە، مەسلىھەت سوراش، تاللاش، تەجرىبىلىك كىشىلەردىن سوراش قاتارلىق مۇمكىن بولغان سەۋەبنى قىلغان بولىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشقا قەدەم باسىدۇ، گەرچە ئىشنىڭ بېشىدا ئۇ ئىشقا نىسبەتەن كۆڭلىدە بىر راھەت بولمىغان، ئىستىخارە قىلغاندىن كېيىن قەدەم باسقان ئىشتا مۇۋەپپەق بولمىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنسىمۇ، مۇشۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ، بۇ ئىشتا ئۇ كىشى بىلمەيدىغان پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ياخشىلىقلار بولىدۇ.

    ئىبنى ھاج مالىكىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى كىشىلەر شەرئى كۆرسەتمە بويىچە ئىستىخارە قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئىشنى قىلىش ياكى تەرك قىلىشنى بىلىش ئۈچۈن ھەتتا بۇ توغرىدا ئۆزى ۋە ياكى باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن چۈش كۆرگەنگە قەدەر توختايدۇ، ئىش بۇنداق ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىخارە قىلىش، مەسلىھەت سوراشقا بۇيرىغان، چۈشىدە بىر شەيئىلەرنى كۆرۈشكە بۇيرۇمىغان". ["ئەلمەدخەل"4-توم 37-بەت].

    ئۈچىنچى: بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ياخشىلىقنى بىلدۈرىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندىمۇ، ھەقىقەتەن ياخشى چۈش دېگەن خوش بىشارەتتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ چۈشكە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، بەلكى توي تەكلىپى قويغان كىشىنىڭ دىنى، ئەخلاقى، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سىزنىڭ بىلىشىڭىز مۇھىم بولغان ئىشلارنى سوراپ بىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، مۇشۇ ئىش ئەمەلىيلەشكەندە، ياخشى چۈش خوش-بىشارەتنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، توي تەكلىپى قويغان كىشىگە ياخشى  ئۈمىدلەر بىلەن قارىساق بولىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن سىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلىشىنى، بۇ ئىشنى سىزگە بەرىكەتلىك قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى