پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يىگىت قىز بىلەن توي قىلىشقا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى كېرەكمۇ؟

72262

تارقاتقان ۋاقىت : 20-05-2021

كۆرگۈچىلەر : 1024

سۇئال

مەن دىندار مۇسۇلمان ياش، بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتۇق، لېكىن ئۇ قىز باشقا بىر يىگىت بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغان، مەن ئۇ قىزدىن بۇنى سورىسام، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، مەندىن كەچۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىزغا ئىشەنچ قىلمىدىم، ئۇ قىزنىڭ قىلغانلىرى مېنى خۇرسەن قىلمىدى، ئۇ قىز خاتالىق سادىر قىلغان سەۋەبلىك، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا بەرگەن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلىشىم توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟. بۇ توغرىدا ماڭا قانداق نەسىھىتىڭلار بار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، ئۇ قىزنى ئۆز يولىغا قويۇۋېتىڭ، سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قىلغان ۋەدىڭىزنى بۇزىشىڭىز شەرىئەتتە يوللۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى دىندار ئاياللارنى تاللاشقا رىغبەتلەندۈرگەن، بۇ قىزنى قويۇپ، دىندار ئايالنى ئىزدەڭ، ئاللاھ تائالا سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ھەمراھنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەي.

   ئىككىنچى: شۇنى بىلىش كېرەككى، يات بىر ئەر بىلەن ئايالنىڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، توي قىلىشقا پۈتۈشۈشى ۋە شۇ جەرياندا سۆزلىشىش ۋە يالغۇز ھالەتتە ئۇچرىشىشلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلاردۇر. بۇنى ئىلگىرى جاۋاپلاردا بايان قىلدۇق. 20949-1114- سوئاللارنىڭ جاۋابىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    ئەگەر سىزدىنمۇ ئۇ قىز بىلەن مۇشۇنداق ئىشلار سادىر بولغان بولسا، بۇ ئىشنى قايتا تەكرار قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىپ، تىزدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ.

   سىز ئۆزىڭىزنى دىندار دەپ سۈپەتلىدىڭىز، شۇنىڭغا يارىشا دىنى ئەھكاملارغا تولۇق ئەمەل قىلىڭ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇڭ، ئاللاھ تائالا سىزنى گۈزەل سۆز-ھەرىكەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى