يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېھراملىق كېشىنىڭ بېشىنى يۆگىۋېلىشى ۋە كۈنلۈك بىلەن سايىۋەن قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

ھەج جەريانىدا بەدىنىنى كۈن نۇرىدىن ساقلاش ئۈچۈن سايىۋەن ئاستىغا كېرىۋالسا ياكى قولىغا كۈنلۈك ئېلىپ دولىسىغا قويۇۋېلىپ ئىككى قولىنى تاشلاپ ماڭسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا. ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بارلىق ئالىملار ئەر كىشىنىڭ ئېھراملىق ھالەتتە بېشىنى يۆگىۋېلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتا ئېھراملىق ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «بۇنى سېدىر ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇيۇڭلار، خۇشپۇراق بولمىغان ئىككى كىيىمدە كىپەنلەڭلار، بېشىنى ئوراپ قويماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنىدە تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە تىرىلدۇرىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1267-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1206-ھەدىس].

   ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئېھرامدا قايسى كىيىملەر كىيىلىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆينەك كىيمەيدۇ، سەللە كىيمەيدۇ، ئىشتان كىيمەيدۇ، بېشىنى ئورايدىغان كىيىم كىيمەيدۇ، ئۆتۈك كىيمەيدۇ» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1542-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىىتى 1177-ھەدىس].

    ئىككىنچى: ئېھراملىق كىشىنىڭ بېشىنى ئورىۋېلىشى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچى: بېشىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان دوپپا، سەللە قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئوراش، بولۇپ بۇ شەكىلدە ئوراش ھارام بولىدۇ، بۇنىڭ ھاراملىقىنىڭ دەلىلى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىستۇر.

    ئىككىنچى: بېشىنى بېشىغا چاپلىشىپ تۇرمايدىغان كۈنلۈك، چېدىر، ماشىنىنىڭ سايىۋىنى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئوراش بولۇپ، بۇ شەكىلدە بېشىنى ئوراش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئۇممۇ ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋېدا ھەججى بولغان يىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلدىم، چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۆردۈم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىلال ۋە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىرگە قايتىۋېتىپتىكەن، ئىككىسىنىڭ بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىغىنى يۆتۈلەپتۇ، يەنە بىرى كىيىمنى كۆتۈرۈپ كۈن نۇرىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا سايىۋەن قىلىپ تۇرۇپتۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 1298-ھەدىس].

    بۇ توغرىدا ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھراملىق كىشى كېيىم بىلەن ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن بېشىغا سايە چۈشۈرسە بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ۋە باشقا كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەممە تەرەپتىن كۈنلۈككە ئوخشايدۇ".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھراملىق كىشى قۇياش نۇرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك ئىشلەتسە بولىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش چېدىرنىڭ ۋە ماشىنا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ سايىسىدا سايىدىسا بولىدۇ". ["ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 17-توم 115-بەت].

    ئۈچىنچى: يۈك-تاقىلىرىنى بېشىغا ئېلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن سايىداشنى مەقسەت قىلماستىن كۆتۈرسە بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى ئوراشنى مەقسەت قىلسا توغرا بولمايدۇ.

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرۈش خۇددى بېشىدا يېمەكلىك كۆتۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر ھىيلە ئىشلەتمىسە بۇ بېشىنى ئورىۋالغانلىق بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ھارام ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ھىيلە قىلىشنى ھارام قىلدى. ["ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 17-توم 115-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   ["شەرھىل مۇمتىئ" 7-توم 141-143-بەت. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى"ناملىق ئەسىرى 52-53-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى