سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلەتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلەتلىرى تۆۋەندە بىرنەچچە نۇقتىدا بايان قىلىمىز:

1- بۇ كۈن، دىننىڭ تاكامۇللاشقان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرى مۇكەممەل بولغان كۈندۇر.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە، بىر يەھۇدى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردا سىلەر ئوقۇۋاتقان بىر ئايەت بار، ئەگەر ئۇ ئايەت بىز يەھۇدىلارغا نازىل بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇ كۈننى بىز بايرام كۈنى قىلاتتۇق دېۋىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قايسى ئايەتنى دەيسەن؟ دېدى. يەھۇدىي: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا تەرجىمىسى: بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، دېگەن ئايەت دەيدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىز بۇ ئايەتنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان كۈن ۋە ئورۇننى بىلىمىز. بۇ ئايەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەفاتتا تۇرغاندا ۋە جۈمە كۈنىدە نازىل بولغان،" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

2-بۇ كۈن ئەرەفاتتا تۇرغان كىشىلەرنىڭ بايرام كۈنى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەرەفات كۈنى، قۇربان ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى (قۇربان ھېيتنىڭ 11-12-13-كۈنلىرى) ئىسلام ئەھلىنىڭ بايرام كۈنلىرى بۇ كۈنلەر يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرىدۇر.[ھەدىس ئالىملىرى رىۋايەت قىلغان].

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: بۇگۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلىپ بەردىم دېگەن ئايەت جۈمە كۈنىدە، ئەرەفات مەيدانىدا نازىل بولغان، ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇنكى، بۇ ئىككى كۈن بىزنىڭ بايرام كۈنىمىز. دەپ بايان قىلىنغان.

3-بۇ كۈن ئاللاھ تائالا ئالاھىدە قەسەم قىلغان كۈن.

ئۇلۇغ-كاتتا زات پەقەت ئۇلۇغ-كاتتا نەرسە بىلەن قەسەم قىلىدۇ، بۇ كۈن قۇرئان كەرىمدە بۇرۇج سۈرىسى 3-ئايەتتە قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى ۋە ئەرەفات كۈنى دەپ بايان قىلىنغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ۋەدە قىلىنغان كۈن قىيامەت كۈنى، قۇتلۇق كۈن ئەرەفات كۈنى، گۇۋاھلىق كۈنى جۈمە كۈنى. [تىرمىزى رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن].

ئەرەفات كۈنى بولسا ئاللاھ تائالا قەسەم قىلغان پەجىر سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتىدىكى تاق كۈندۈر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "جۈپ كۈن قۇربان ھېيت كۈنى، تاق كۈن ئەرەفات كۈنى". بۇ ئىكرەمە ۋە زەھھاك قاتارلىق ئالىملارنىڭ سۆزى".

4-ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسى ئىككى يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ.

ئەبى قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسى ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كىلىدىغان بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ، دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەرەفات كۈنى روزا تۇتۇش ھەج قىلمىغانلار ئۈچۈن سۈننەتتۇر، ئەمما ھاجىلار ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتماسلىق سۈننەت بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ بۇ كۈندە روزا تۇتمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەرەفات كۈنىدە ئەراپاتتا روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان.

5-ئەرەفات كۈنى بولسا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەۋلادلىرىدىن ئەھدى-مىساق ئالغان كۈندۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئەرەفاتتا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدىن ئەھدى-مىساق ئالدى، ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇلبىدىن قىيامەتكىچە يارىتىلىدىغان بارلىق ئەۋلادلارنى چىقىرىپ، ئۇلارنى قوناققا ئوخشاش ئالدىغا چېچىپ، ئۇلارغا يۈزمۇ-يۈز سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِن بَنِي آدَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ قَالُوا بَلَىٰ شَهِدْنَاأَن تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَـٰذَا غَافِلِينَ. أَوْ تَقُولُوا إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِن قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِّن بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟، دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز دېمەسلىكلىرى، ياكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى ساڭا بۇتلارنى شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر. [سۈرە ئەئراپ 172-173-ئايەت]. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن. بۇ نېمىدېگەن ئۇلۇغ كۈن! ۋە نېمە دىگەن ئۇلۇغ ۋەدە!.

6-ئەرەفات كۈنى ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەڭ كۆپ ئەپۇ قىلىدىغان، دوزاختىن ئەڭ كۆپ ئازات قىلىدىغان ۋە ئەرەفاتتا تۇرىۋاتقان كىشىلەر بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىدىغان كۈندۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئەرەفات كۈنىدىكىدىنمۇ كۆپرەك دوزاختىن ئازات قىلىدىغان كۈن يوق، بۇ كۈندە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يېقىنلىشىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ: بۇلار نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟، دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ئەرەفات كۈنى كەچتە ئەرەفات تۇرغان كىشىلەر بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ: بەندىلىرىمگە قاراڭلار! ئۇلار چاچلىرى چۇۋۇق، توپا-چاڭغا مىلەنگەن ھالەتتە مېنىڭ تەرىپىمگە كەلدى، دەيدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد