پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا

سۇئال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     قۇرئان ياد قىلىشنىڭ مۇھىم قائىدىلىرى:

    1-نىيەتنى خالىس قىلىش ۋە يادلاش مەقسىتىنى توغرىلاش، ئاللاھ ئۈچۈن، جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَاعْبُدِ اللَّـهَ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ أَلَا لِلَّـهِ الدِّينُ الْخَالِصُ  تەرجىمىسى: دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر. [سۈرە زۇمەر 2-3-ئايەتلەر].

    ھەدىس قۇدىسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ شېرىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى بىر ئەمىلىدە باشقىلارنى ماڭا شېرىك قىلىدىكەن، ئۇنى ماڭا قىلغان شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن.

    كىمكى قۇرئاننى باشقىلارغا رىيا قىلىش ۋە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئوقۇسا، ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاپ بولمايدۇ.

   2-ھەرپنى توغرا چىقىرىپ قۇرئاننى توغرا ئوقۇش: بۇ پەقەت قۇرئاننى ياخشى ياد قىلغان تەجۋىدلىك ئاڭلاش بىلەن بولىدۇ، قۇرئان ئۇستاز تۇتۇپ ئۈگۈنىلىدۇ. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئاننى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامدىن ئاغزاكى تەلىم ئالغان، ساھابىلارمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ۋە ئاغزاكى تەلىم ئالغان، ئۈممەت ئىچىدە تارىختىن بىرى مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەن.

   3-ھەر قېتىمدا ياد قىلىدىغان مىقدارنى بېكىتىش: قۇرئان ياد قىلىدىغان كىشى ھەر قېتىمدا ياد قىلىشنى مەقسەت قىلغان مىقدارنى بېكىتىشى كېرەك. ياد قىلىدىغان جاينى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ھەرىپلەرنى توغرا چىقىرىپ كۆپ تەكرار قىلىشى كېرەك. زېرىكىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ۋە پىششىق ياد قىلىش ئۈچۈن قۇرئاننى تەجۋىدلىك قايتا-قايتا تەكرار قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى تەجۋىدلىك ئوقۇلغان قۇرئاننى ئاڭلىغانلارمۇ ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا قۇرئاننى ياد قىلىشقا ۋە تېلىنى مەلۇم بىر ئاھاڭغا ئادەتلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇرئاننىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خاتالىق بولسا دەرھال ئۇنى بىلەلەيدۇ، بۇنىڭدىن سىرت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قۇرئاننى تەجۋىدلىك ئوقۇمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

   4- كۈندۈلۈك بەلگىلەنگەن دەرسنى تولۇق ياد قىلماي تۇرۇپ يېڭى دەرسكە ئۆتمەسلىك كېرەك. قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن ئىلگىركى دەرسىنى تولۇق ياد قىلماي  ۋە ئۇنى تامامەن زېھنىگە ئالماي تۇرۇپ يېڭى دەرسكە ئۆتۈشى قەتئىي توغرا بولمايدۇ، ياد قىلىشقا بېكىتىلگەن ئورۇنلارنى پىششىق ياد قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئامىللاردىن: كېچە-كۈندۈز قۇرئان ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولۇش، مەخپى نامازدا، ئىمام ئونلۇك ئوقۇغان نامازدا، شۇنىڭدەك نەپلە نامازلاردا، نامازنى كۈتۈپ تۇرغان ۋاقىتلاردا قۇرئاننى كۆپ ئوقۇپ تۇرۇش لازىم. مۇشۇ يوللار بىلەن قۇرئان ياد قىلىش ئاسان بولىدۇ، ھەر بىر كىشى گەرچە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ مۇشۇ يول بىلەن قۇرئان ياد قىلىشقا قادىر بولالايدۇ.

   5-قۇرئاننى بىر خىل باسمىدىكى قۇرئاندىن ياد قىلىش كېرەك، قۇرئاننى ياد قىلىشقا ياردىمى بولۇش ئۈچۈن ئۆزگەرتمەستىن دائىم بىر خىل باسمىدىكى قۇرئاندىن ياد قىلىش كېرەك، چۈنكى ئىنسان ئاڭلاش ئارقىلىق ياد قىلغاندەك قاراش ئارقىلىقمۇ ياد قىلىدۇ، قۇرئاندىكى ئايەتنىڭ شەكلى ۋە ئورۇنلىرى قۇرئانغا قاراش ۋە ئوقۇش بىلەن زېھنىگە ئورۇنلىشىدۇ، قۇرئان ياد قىلغۇچى ياد قىلىۋاتقان قۇرئاننى ئالماشتۇرسا ياكى ئايەتنىڭ ئورۇنلىرى ئوخشىمايدىغان باشقا قۇرئاندىن ياد قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ زېھنى چېچىلىپ ياد قىلىش قېيىن بولىدۇ.

   6-ياد قىلغان ئايەتلەرنى چۈشنىش: ياد قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى ياد قىلغان ئايەتلەرنى چۈشنىش ۋە ئايەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان باغلىنىش يوللىرىنى بىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ياد قىلغۇچى ياد قىلغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىنى ئوقۇشى كېرەك، ئوقۇغان ۋاقتىدا زېھنىنى ھازىر قىلىش كېرەك، بۇ ئايەتلەرنى ئەسكە ئېلىشقا ئاسانلىق يارىتىدۇ، لېكىن ياد قىلغاندا چۈشەنچىگە تايىنىۋالماستىن ئاسان ياد قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەكرار قىلىش كېرەك.

   7- بىر سۈرىنى پۇختىلىماي تۇرۇپ باشقىغا ئۆتمەسلىك: قۇرئاندىن بىر سۈرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇنى تولۇق ياد قىلىپ باش-ئاخىرنى باغلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر سۈرىگە ئۆتۈش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن تېلى راۋان بولىدۇ، ئايەتنى ئەسلىگەندە خاتىرى كىرلاشماي، پىكرى چېچىلماي ئېسىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ياد قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر سۈرىنى پىششىق ياد قىلماي تۇرۇپ يەنە بىر سۈرىگە ئۆتمەسلىك كېرەك.

   8-دائىم تىڭشىتىپ تۇرۇش كېرەك: قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۆزىگىلا تىڭشاتماستىن بەلكى ياد قىلغان سۈرىلەرنى باشقا بىر قارىغا ياكى قۇرئانغا قاراپ تىڭشايدىغان كىشىگە تىڭشىتىشى كېرەك، تىڭشاپ قويغۇچى قارى ياكى قۇرئانغا قاراپ تۇرغۇچى قۇرئاننى توغرا ئوقۇيدىغان، تىڭشاتقۇچى ھەرىپ چىقىرىشتا ياكى ئوقۇش قائىدىسىدە خاتالاشسا ياكى ئۇنتۇپ قالسا خاتالاشقان يېرىنى دەرھال ئاگاھلاندۇرىدىغان بولىشى كېرەك، كۆپ ۋاقىتتا ئۆز ئالدىغا قۇرئان ياد قىلغۇچى سۈرىنى خاتا ئوقۇيدۇ، ھەتتا قۇرئانغا قاراش بىلەنمۇ خاتالىقىغا دىققەت قىلمايدۇ، چۈنكى كۆپ ۋاقىتتا ئوقۇش قاراشتىن ئىلگىرى بولىدۇ، قۇرئاندىنلا ياد قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى قۇرئانغا قاراپمۇ ئۆزىنىڭ خاتا ئوقۇغان ئورۇننى كۆرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خاتالىقلىرىنى تېپىشقا ۋەسىلە بولىدىغان باشقا بىر كىشىگە تىڭشىتىشى كېرەك.

9-دائىم تەكرارلاپ تۈرۈشى كېرەك: قۇرئان ياد قىلىشتا باشقا ياد قىلىنىدىغان شېئىر، دىكلاماتسىيە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى قۇرئان زېھنىدىن تىز قاچىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، قۇرئان كەرىم باغلاقتىكى تۆگىدىمۇ بەك قاچقۇچىدۇر. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   قارى مەلۇم مۇددەت قۇرئان ئوقۇشنى تەرك قىلىدىكەن، قۇرئان ئۇنىڭدىن تىز قاچىدۇ ۋە تىز ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيقۇسىدىن كېچىپ قۇرئاندىن ياد قىلغان يېرىنى دائىم تەكرارلاپ تۈرۈشى كېرەك، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇرئان ساھىبى باغلاقتىكى تۆگە ساھىبىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى يوقلاپ تۇرسا تۇتۇپ قالىدۇ، بوش قويۇۋەتسە كېتىپ قالىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

قۇرئان ياد قىلغۇچى ھەر كۈنى ئوتتۇز پارە قۇرئان كەرىمدىن ئاز بولغاندا بىر پارە كۆپ بولغاندا ئون پارە ئوقۇپ تۈرۈشى كېرەك، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن بۇرۇن تاماملىغان كىشى ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   بۇنداق تەكرارلاش قۇرئاننى ياد قىلىپ پىششىقلاپ بولغۇچە داۋاملىشىشى كېرەك. 

   10-ئوخشاش ئايەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ مەنىسى ۋە لەپزى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  اللَّـهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُّتَشَابِهًا مَّثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّـهِ  تەرجىمىسى: ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز ـ نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسەلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ ئارام تاپىدۇ. [سۈرە زۇمەر 23-ئايەت].

    شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننى ياخشى ئوقۇيدىغان قارى ئوخشاش ئايەتلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك، يەنى لەپزى ئوخشاشيدىغان ئايەتلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلگەندە ياد قىلىشى ياخشى بولىدۇ.

   11-ياد قىلىشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى غەنىمەت بىلىشى كېرەك. ياد قىلىشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى غەنىمەت بىلىشكە ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغان كىشى مۇۋەپپەق بولالايدۇ. بۇ دەۋرى بەش ياشتىن يىگىرمە ئۈچ ياشقىچە بولغان دەۋرىدۇر، بۇ ياشتا ئىنساننىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بەك ياخشى بولىدۇ، بەش ياشتىن ئىلگىرى ۋە يىگىرمە ئۈچ ياشتىن كېيىن ياد قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ ۋە چۈشنىش نىسبىتى ئۆرلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ياشتىكى ياشلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلىش ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ياشتا ئۇلارنىڭ ياد قىلىشى تىز بولىدۇ، ئۇنتۇپ قىلىشى ئاستا بولىدۇ، ئەمما بۇ ياشتىن كېيىن بولسا ئىش بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. بۇ توغرىدا سۆزلىگەنلەر مۇنۇ سۆزنى راست ئېيتقان: "كىچىك ۋاقتىدا ياد قىلغانلىق تاشقا نەقىش ئويغاندەك، چوڭ ۋاقتىدا يادقىلغانلىق سۇغا نەقىش ئويغاندەك".

ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بىزدىكى ھەققى، ئۇنى پىششىق ياد قىلىش، ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش، قۇرئاننى ھايات دەستۇرىمىز قىلىش، قەلبىمىزنىڭ نۇرى، دىلىمىزنىڭ باھارى قىلىش، بۇ قائىدىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى ئاساس بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد