چارشەنبە 2 زۇل قەئەدە 1446 - 30 ئاپرىل 2025
Uygur

توي قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىگە نەسىھەت قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن توي قىلىشنى خالىمايمەن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، توي ئىشلىرىدا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس، ئىنسانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بولغان نىكاھنىڭ يولغا قويۇلىشىدا ئورتاقتۇر. ئەمما بىر كىشىدىن يەنە بىر كىشىگە قارىغاندا تەكىتلىنىشى پەرىقلىق بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نىكاھ ئىشلىرىدا كىشىلەر ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: بەزى كىشىلەر توي قىلمىسا چەكلەنگەن ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، بارلىق پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە بۇنداق كىشىگە نىسبەتەن توي قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى توي قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.

ئىككىنچى: توي قىلىش مۇستەھەپ بولىدىغان كىشىلەر: نەپسى شەھۋېتى بولسىمۇ ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن خاتىرجەم بولسىمۇ، بۇ كىشىنىڭ توي قىلماي باشقا نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلغىنىدىن توي قىلىشى ياخشى بولىدۇ. بۇ ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر. شۇنداقلا بۇ ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى ۋە ئەمەلى ھەركىتىنىڭ كۆرىنىشىدۇر.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ ھاياتىمدىن پەقەت ئون كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغان بولسا، مەن ئون كۈندىن كېيىن چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىمنى بىلسەممۇ، مېنىڭ توي قىلىش ئىقتىدارىم بولسا پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە توي قىلغان بولاتتىم"

سەئىيد ئىبنى جۇبەير مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: توي قىلدىڭمۇ؟ دېگەن ئېدى، مەن: ياق دېدىم، ئىبنى ئابباس: توي قىلغىن، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشى كىشىلىرى دېگەن ئايالى كۆپ بولغانلىرى دېدى". [بۇخارى 5069-ھەدىس].

ئىبراھىم ئىبنى مەيسەرە مۇنداق دەيدۇ، تاۋۇس ماڭا مۇنداق دېدى: سەن چوقۇم توي قىلىشىڭ كېرەك، بولمىسا مەن ساڭا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبى زەۋائىدقا دېگەن سۆزنى دەيمەن: سېنى توي قىلىشتىن ئاجىزلىق ياكى پاجىرلىق چەكلەپ قويىدۇ".

ئۈچىنچى: نەپسى شەھۋېتى يوق كىشى: پېچىۋېتىلگەنلىك شەھۋىتى بولمىغان ياكى ياشىنىپ قالغان ياكى كېسەللىك دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن شەھۋېتى قالمىغان كىشىلەر توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك قاراش بار:

بىرى: بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئومۇمى دەلىللەرگە كۆرە: ئۇ كىشىنىڭمۇ توي قىلىشى مۇستەھەپ بولىدۇ.

ئىككىنچىسى: ئۇ تۈردىكى كىشىنىڭ توي قىلمىغىنى ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىن توي قىلىشتىن بولغان مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ، ئايالىنىڭ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ ئۆزىنى ساقلىشىدىن چەكلەپ قويىدۇ، ئايالنى خۇتۇنۇم دەپ ساقلاش ئارقىلىق ئۇ ئايالغا زەرەر بېرىدۇ، ئۆزىگە ئادا قىلالمايدىغان ھەق-ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلەيدۇ، پايدىسى بولمىغان ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئىلىم-ئىبادەتلەردىن قۇرۇق قالىدۇ".

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەدنىڭ سۆزنىڭ كۆرىنىشىدىن: نەپىقە قىلىشقا قادىر بولغان كىشى بىلەن قادىر بولالمايدىغان كىشىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، ئەر كىشىنىڭ يېنىدا نەپىقە قىلالايدىغان نەرسە بولسا توي قىلسا بولىدۇ، نەپىقە قىلىدىغان بىر نەرسە بولمىسا سەۋېر قىلىش ياخشى بولىدۇ.

بۇ توي قىلىشى مۇمكىن بولىدىغان كىشى ئۈچۈندۇر، ئەمما توي قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان كىشى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَلْيَسْتَعْفِفِ الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغْنِيَهُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ  تەرجىمىسى: «ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن» [سۈرە نۇر 33-ئايەت. "ئەلمۇغنى" 9-توم 341-بەت].

بۇ ۋاقىتتا بىز سىزدىن: توي قىلىشنى تەرك قىلىش ۋە بويتاق ئۆتۈشنىڭ سەۋەبىنى سورايمىز:

-ئەگەر سىز توي قىلماسلىق ئىبادەت، ئۇنىڭ بىلەن ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا يېقىنلىشىمەن دەپ ئويلىسىڭىز، توي قىلماسلىقنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دەرىجىڭىزنىڭ ئۈستۈن بولىشى دەپ قارىسىڭىز سىز ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈنلەي خاتالاشقان بولىسىز، سىزگە گۇناھ بولۇپ قىلىشتىن ئەندىشە قىلىنىدۇ.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ نەپەر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيلىرىگە كېلىپ، ئاياللاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرى توغرىسىدا سورىدى، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىدىن خەۋەر بېرىلگەندە، ئۇلار بۇنى كۆڭلىدە ئاز كۆرۈپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا بىز نەدە؟ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ئاخىرىقى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىۋەتكەن تۇرسا، بىز كۆپلەپ ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دېيىشتى. ئۇلاردىن بىرى: مەن ئەبەدى كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيمەن دېدى، يەنە بىرى: مەن يىل بويى ئىپتار قىلماي، ھەر كۈنى روزا تۇتىمەن دېدى، ئۈچىنچىسى: مەن ئاياللاردىن  يىراق تۇرىمەن، مەڭگۈ توي قىلمايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «سىلەر مۇنداق، مۇنداق سۆزلەرنى قىلدىڭلارمۇ؟، ئەمما ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھدىن ھەممىدىن بەك قورۇققۇچى ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئەڭ تەقۋادارلىق قىلغۇچى، لېكىن مەن بەزى كۈنلەردە روزا تۇتىمەن، بەزى كۈنلەردە تۇتمايمەن، كېچىنىڭ بەزى ۋاقتىدا ئۇخلايمەن يەنە بەزى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇيمەن، مەن توي قىلدىم، توي قىلىمەن، كىمكى مېنىڭ تۇتقان يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، تەرك قىلىدىكەن، مېنىڭدىن ئەمەس، ماڭا ئەگەشكەنلەردىن ئەمەس دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 5063-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1401-ھەدىس].

-ئەگەر سىز توي قىلىشنى جىنسى رىغبەت بولمىغانلىقتىن تەرك قىلغان بولسىڭىز ياكى ئەر-ئاياللىق ھەق-ھوقۇقلارنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالماسلىقنى ئويلاپ ۋە ئايالىڭىزنىڭ ھاجەتلىرىنى تولۇق ئورۇنداشتىن ئاجىز كېلىشتىن ئەنسىرەپ تەرك قىلغان بولىسىڭىز، سىزگە دەيدىغان سۆزىمىز: بۇنداق ھالەتتە سىزنىڭ توي قىلىشنى تەرك قىلغىنىڭىزغا گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ گۇمانى خىيالىڭىزغا تايىنىپ تۇرىۋالماڭ، بەلكى مۇتەخەسسىس دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، مەسلىھەت سوراپ بۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىڭ، بەلكى دوختۇر سىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىڭىزنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ، بەزى كۆرسەتمە ۋە سىزنىڭ خىيالىڭىشغا كىلىپ باقمىغان ئىلاج-دورىلارنى يېزىپ بېرىشى مۇمكىن، دوختۇرغا كۆرۈنىشتىن ئىكىلەنمەڭ، ھايا قىلىش سىزنى بۇنىڭدىن چەكلەپ قويمىسۇن، داۋالىنىش ئىشلىرىدا ھايا قىلىپ تۇرۇش توغرا بولمايدۇ.

-ئەگەر توي قىلىشنى كەمبەغەلچىلىك، پىقىرچىلىقتىن ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى تۇرغۇزۇشقا كېرەكلىك بولغان ئىقتىسادقا ئىگە بولالمىغانلىقتىن قورقۇپ تەرك قىلغان بولسىڭىز، سىزگە دەيدىغان سۆزىمىز: توغرا يول تۇتۇپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىڭ، قانائەتچان، ئىقتىساتچان بولۇڭ، ئاللاھ تائالاغا ياخشى قاراشتا بولۇڭ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن ئىپپەتلىك بولۇپ، توي قىلىش بىلەن ھالالنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىگە ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلدى. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىشىگە ھەقلىق بولدى: ئاللاھ يولىدا چىققان مۇجاھىد، قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن توختام تۈزۈشكەن كىشى، ئىپپەتلىك بولۇش ئۈچۈن توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى». [تىرمىزى رىۋايىتى 1655-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى"توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

-ئەگەر سىز بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چېقىرىش ۋە نەتىجە يارىتىش ، بۇنىڭ ئۈچۈن دىپلۇم ئېلىش ياكى يۇقىرىغا ئۆرلەش ياكى پىلاننى ئورۇنداش دېگەندەك ئىشلار بىلەن بولغان بولسىڭىز، سزگە دەيدىغىنىمىز: نەتىجىنى يارىتىپ بولۇپلا توي قىلىشقا قەدەم بېسىڭ.

بىزنىڭ سىزگە دەيدىغىنىمىز: نېمە ئۈچۈن توي قىلىشنى تەرك قىلدىڭىز؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىڭ؟.

توي قىلىش ھېچ بىر ۋاقىت نەتىجە يارىتىشقا توسالغۇ بولمايدۇ، بەلكى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە روھلاندۇرىدۇ، توي قىلمايمەن دېگەنلىك شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدۇر، بۇنى شەيتان نۇرغۇن ياشلارنىڭ زىھنىگە ۋەھىمە قىلىپ ئۇلارنى جەمئىيتىمىزنىڭ ئۆرپە-ئادەت ۋە مىللى مەدىنىيەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەردىن توي قىلىشنى كىچىكتۈرىدىغانلىقى ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ تويىنى كىچىكتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولدۇق. جەمئىيتىمىز قىز-يىگىتلەرنىڭ توي قىلىش يېشىنى كېچىكتۈرىدىغان ئېغىر بويتاقلىق كىرزىسىغا دۇچ كەلدى، شۇنداق تۇرۇغلۇقمۇ ھېچ بىر نەتىجە، تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلەشنى تاپالمايمىز، بىرىنچى ئەۋلات مۇسۇلمانلار ياخشى ئىشلارغا ئالدىرايتتى، توي قىلىشنى كېچىكتۈرمەيتتى، ئۇلارنىڭ نەتىجە ياتىشى ۋە ئىلگىرىلىشى ناھايتى مۇكەممەل ۋە تولۇق بولغان ئېدى.

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسە" 20-توم 421-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "توي قىلىشقا ۋاجىپتۇر، ياشلارنىڭ ئوقۇشنى دەپ توي قىلىشنى كېچىكتۈرىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا قىزلارنىڭمۇ ئوقۇشنى دەپ توي قىلىشنى كېچىكتۈرىشى توغرا بولمايدۇ، توي قىلىش ھېچ ئىشنى چەكلەپ قويمايدۇ، ئىمكانىيتى بولغان ياشلار توي قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئەخلاقىنى ۋە كۆزىنى ھارامدىن ساقلىشى كېرەك، بولۇپمۇ مۇشۇ دەۋرىدە توي قىلىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار، توي قىلىشنى كېچىكتۈرۈش قىزلارغا ۋە ياشلارغا زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەخلاقلىق، دىندار، بىر-بىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ ئىمكانىيتى يار بەرسە كېچىكتۈرمەستىن تىزدىن توي قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ".

بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغىنى: ئەگەر سىز توي قىلسىڭىز دىنىڭىزنىڭ يېرىمىنىڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى بىلسىڭىزچۇ؟!.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشى ئايالنى رىزىق قىلىپ بېرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ دىنىنىڭ يېرىمىنى مۇكەممەل قىلىشقا ياردەم بەرگەن بولدى، قالغان يېرىمىدا ئاللاھدىن قورۇقسۇن-ئاللاھ تائالاغا تەقۋادار بولسۇن». [ھاكىم "ئەلمۇستەدرەك" 2-توم 175-بەتتە، تەبرانىي"ئەلئەۋسەت" 1-توم 294-بەتتە، بەيھەقىي" شۇئەبىل ئىمان" 4-توم 382-بەتتە كەلتۈرگەن. ھاكىم: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولۇپ، بۇخارى ۋە مۇسلىم كىتابىدا كەلتۈرمىگەن دېگەن، زەھەبى "ئەتتەلخىيس"ناملىق ئەسەردە سەھىھ دېگەن، شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "تەرغىيبنىڭ سەھى ھەدىسلەر توپلىمى" 2-توم 192-بەتتە كەلتۈرگەن].

ئەگەر سىز توي قىلىش بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىگە بويسۇنغانلىقىڭىزنى بىلسىڭىزچۇ؟!، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار! سىلەردىن ھەر جەھەتتىن توي قىلىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، چۈنكى توي قىلىش دېگەن: ئىنساننىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى5065-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى1400-ھەدىس].

ئەگەر پەرزەنتىڭىز بولسا ئۇنى گۈزەل ئەخلاق، ئىمان-ئېتىقادلىق قىلىپ تەربىيەلىسىڭىز سىز ئۈچۈن سەدىقە جارىيە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟!، ئەگەر سىز توي قىلغانلىق بىلەن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساۋاپ ئۈمىت قىلسىڭىز بۇنىڭ بىلەنمۇ ئەجىر-ساۋاپلارغا ئېرىشىسىز.

سىز توي قىلىش ئارقىلىق نەپسىڭىزنى مۇھاپىزەت قىلىسىز، كۆزىڭىزنى ھارامدىن يۇمىسىز، سىزگە شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى ئىغۋا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئېشىكى ئېتىلىدۇ، سىز ھازىرچە توي قىلماسلىقنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلالمايسىز، لىكىن ئىنسانغا پىتنە ئويلىمىغان تەرەپلەردىن كېلىدۇ، ئىنسان تۇيمىغان ھالەتتە پىتنىنىڭ ئېشىكى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىنسانلار ئارىسىدا ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ بەكرەك زەرەر يەتكۈزىدىغان بىر پىتنىنى قالدۇرمىدىم». [بۇخارى رىۋايىتى5096- ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى2741-ھەدىس].

ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم! توي دېگەن: راھەتتۇر، خاتىرجەملىكتۇر، ئارامدىللىقتۇر، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەنپەئەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا توي قىلىشتا ئىنسانلار ئۈچۈن بەلگە-ئالامەت قىلدى، ئۆزىنىڭ چەكسىز-تەڭداشسىز قۇدرىتىنى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئويلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىپ مۇنداق دېدى: ‎وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجاً لِّتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ تەرجىمىسى: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر- خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» [سۈرە رۇم 21-ئايەت].

يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن يەنە ئىكىلىنىش قالدىمۇ؟!!.

كەسكىن ئىرادىگە كېلىپ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىڭ، ئاللاھ سىزگە ياردەم بېرىدۇ، سىزنىڭ رەببىڭىزگە تائەت-ئىبادەت قىلىشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان سالىھە بىر ئايالنى مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بېكىتىلگەن قىيامەت كۈنىدە سىزگە ساۋابى ساقلىنىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى