سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۆز ئارا بىرسى-بىرسىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەر- خوتۇنلارنىڭ مۇكاپاتى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

ئېرىنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىزچىل بويسۇنۇپ ئۇنى ھەم ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئېرىگە ئۆزىنىڭ كىچىك بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، بۇ مۇئامىلە سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن يولدىشى ئىنتايىن خۇرسەن بولىدىغان ۋە ھەرۋاقىت ئېرىنىڭ ياخشى دۇئاسىنى ئالىدىغان ئايالنىڭ ئەجرى قانداق بولىدۇ؟، شۇنىڭغا ئوخشاش ئايالىغا ھەم ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەرلەرنىڭ ئەجرىچۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھ قا بولسۇن.

سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلاردىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە بەخت-سائادەتنىڭ داۋاملىق بولۇشىنى ئاللاھ تائالادىن سورايمەن. شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلە ۋە تۇرمۇشلىرى سىلەرنىڭكىگە ئوخشاش سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە سەمىمىيەت بىلەن تولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

سۇئال سورىغۇچى سىڭلىم! مەن سىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىزگە ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن ياشىغان ئاياللارنىڭ ئەجرىنى بايان قىلىش توغرىسىدا بەرگەن نۇرغۇن بېشارەتلىرى بىلەن خۇش بىشارەت بىرىمەن:

ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەمغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر ئايال ئۆزىنىڭ بەش ۋاخ نامىزىنى ئوقۇسا، بىر ئاي روزىسىنى تۇتسا، ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىسا، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئايالغا جەننەتنىڭ قايسىئىشىكىدىن كېرىشنى خالىسىڭىز شۇنىڭدىن كېرىڭ دىيىلىدۇ.[ئەھمەد رىۋايىتى(1191). شەيخ ئالبانى "سەھىھ ئەتتەرغىب" ناملىق ئەسەر 1932-ھەدىستە ھەسەن دېگەن].

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدسىتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرگە ئاراڭلاردىكى جەننەتتە بولىدىغان ئەرلەردىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟ دېۋىدى. بىز، خەۋەر بەرسىلە ئې رەسۇلۇللاھ! دېدۇق. پەيغەمبەرئەلەيھىسالام: پەيغەمبەر جەننەتتە بولىدۇ، راستچىل كىشى جەننەتتە بولىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يىراق يەردىكى قېرىندشىنى باشقا مەقسەتتىن خالى ھالدا، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ زىيارەت قىلغان كىشى جەننەتتە بولىدۇ، دېدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، مەن سىلەرگە ئاراڭلاردىن جەننەتتە بولىدىغان ئاياللارنىڭ خەۋىرىنى بەرمەيمۇ؟ دېۋىدى، بىز سۆزلەپ بەرسىلە ئې رەسۇلۇللاھ دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېھرى-مۇھەببەتلىك، تۇغۇمچان، ئەگەر ئاچچىقى كەلسە ياكى پەرىشانلىق يەتسە ياكى ئۇنىڭغا ئېرى ئاچچىقلىسا، بۇ قولۇم سېنىڭ قولۇڭنىڭ ئۇستىدە (يەنى ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى) مەندىن رازى بولمىغۇنچە قەدەر كىرپىكىمنى قاقمايمەن (يەنى كۆزۈمگە ئۇيقا كەلمەيدۇ) دېگۈچى ئاياللار جەننەتتە بولىدۇ، دېدى.[تىبرانى "ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت" ناملىق ئەسىرى 2-توم 206-بەتتە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3380- ھەدىس، سەھىھ ئەتتەرغىب ناملىق ئەسىرى 1942-ھەدىستە بايان قىلغان].

ھۈسەيىن ئىبنى مۇھسىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىنىڭ ئايال بىر تۇغقىنىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن سورىدى: ئېرىڭىز بارمۇ؟ ئۇ ئايال: ھەئە دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئېرىڭىزگە قانداقراق مۇئامىلىدە بولىسىز؟ دەپ سورىدى. ئۇ ئايال: مەن كۈچۈمنىڭ يەتكىنىچە ياخشى خىزمىتىنى قىلىمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىز ئۆزىڭىزنىڭ يولدىشىڭىز بىلەن بولغان مۇئامىلىڭىزنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا قاراپ بېقىڭ، چۈنكى ئۇ يولدىشىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى دەۋزىخىڭىزدۇر. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى "ئەلمۇسنەد" ناملىق ئەسىرى 4-توم 341-ھەدىس].

ئەلمەناۋى يۇقىرىقى ھەدىستە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "جەننەتكە كىرىشىڭىزدىكى سەۋەب يولدىشىڭىزنىڭ سىزدىن رازى بولىشى، دەۋزاخقا كىرىشىڭىزدىكى سەۋەب ئۇنى نارازى قىلىشىڭىزدۇر. تۇرمۇشىڭىزدىكى مۇئامىلىنى ياخشىلاڭ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا گۇناھلام بولمايدىكەن خىلاپلىق قىلماڭ". [پەيزۇل قەدىر 3-توم 60-بەت].

ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە قىلىدىغان ئەر توغرىسىدا كەلگەن خۇش بېشارەتلەر بولسا؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئەرنىڭ ئىمانى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان كامىل ئىماندۇر دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن. بارلىق ئىنسانلارغا گۈزەل مۇئامىلىدە بولۇش ئەۋزەلدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدەئىمانى ئەڭ كامىلراقى ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر. سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئاياللىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئەخلاقتا بولغانلىرىڭلاردۇر. [تىرمىزي رىۋايىتى 1162-ھەدىس. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن].

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى